ئەزىز نۇرۇموف «جيۇ-جىتسۇ»، يەنى برازىلىيەچە ئەركىن چېلىشىش تۈرى بويىچە چېمپىيون بولدى
2019.04.24

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ياش ماھىر ئەزىز نۇرۇموف يېقىندا قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن «جيۇ-جىتسۇ»، يەنى برازىلىيەچە ئەركىن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە 94 كىلوگراملىقلار بويىچە چېمپىيون بولدى.
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىگە بولغان قىزىقىشى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ئۇيغۇر قىز-يىگىت ماھىرلارنىڭ ھەر خىل دەرىجىدە ۋە دائىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنياۋى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
يېقىندا قازاقىستان پايتەختى نۇر-سۇلتان (ئىلگىرىكى ئاستانا) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جيۇ-جىتسۇ»، يەنى برازىلىيەچە ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىشنىڭ نېۋازا سىستېمىسىغا، يەنى بۇ ساھەدىكى كەسپىي چېلىشچىلارنىڭ مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇر ماھىرلىرىمۇ قاتناشقان. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە 94 كىلوگراملىقلار بويىچە ئۇيغۇر ماھىر ئەزىز نۇرۇموف بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، چېمپىيون بولدى. ئۇ مۇشۇ نەتىجىسى بىلەن «جيۇ-جىتسۇ» تۈرى بويىچە «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەنھەرىكەت ماھىرى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ھەمدە جۇمھۇرىيەتلىك مۇسابىقىگە يوللانما ئالغان.
1984-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، ھازىر نۇر-سۇلتان شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئەزىز نۇرۇموف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچى مۇسابىقەم ئاستانادا بولدى. تۇنجى قېتىم شۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولدۇم. ئىككىنچى قېتىم بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا ئاستانا شەھىرى نۇر-سۇلتان نامىنى ئالغاندا بىرىنچى بولدۇم. بىزنىڭ ئارمانجان روزاخۇنوفنىڭ ‹ئاليانس› دېگەن نامدىكى برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ ئاكادېمىيەسى بار. ئۇ ياركەندلىك ئۇيغۇر بالىسى. ھازىر بىزنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرى ئەبۇ-زەبىدە چوڭ مۇسابىقىدە بولۇۋاتىدۇ.»
ئىگىلىشىمىزچە، «ئاليانس» نامىدىكى برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ ئاكادېمىيەسى ئارمانجان روزاخۇنوفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2010-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ 40 تىن ئوشۇق دۇنيا چېمپىيونلىرىنى تەييارلاپ چىققان. ئاكادېمىيە شاگىرتلىرى ئارىسىدا ياۋروپا ھەم ئاسىيا چېمپىيونلىرىمۇ يېتىشىپ چىققان. ھازىر جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىكى ئاكادېمىيە كۇلۇبلىرىدا 1000 دىن ئوشۇق ياش ئۆسمۈرلەر مەشقلەنمەكتە.
ئەزىز نۇرۇموف سۆزىنى يەنە مۇنداق دەپ داۋام قىلدى: «برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ ئارىلاش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئېلىشىش، چېلىشىش، ئەركىن چېلىشىش ۋە باشقىلار كىرىدۇ. ئومۇمەن برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ قازاقىستانغا 2008-يىلى كەلدى. ئۇنى بىرازىلىيەدىن ئارمانجان روزاخۇنوف ئۆزى بىرىنچى بولۇپ ئېلىپ كەلدى. ئارمانجان شۇنىڭ تۇنجى قارا بەلۋاغ ئىگىسى. ھازىر قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇغا زور دىققەتتە بولۇۋاتىدۇ. ئالدىمىزدا ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە كىرىدىغان نىيەتلىرىمىز بار. ھازىر ئاسىيا مۇسابىقىلىرىگە كىردى. ئارمانجان ئۆزىنىڭ قولىدا گالىنا دېگەن يېتىم قىزنى بېقىۋاتىدۇ. ئۇ تۈركمەنىستاندا ئۆتكەن ئاسىيا مۇسابىقىسىدە بىرىنچى ئورۇننى ئالدى. ئەمدى ئاۋغۇست-سېنتەبىردە قازاقىستان بويىچە مۇسابىقە بولىدۇ. ھازىر شۇنىڭغا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.»
ئەزىز نۇرۇموفنىڭ ئېيتىشىچە، برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ تۈرھ بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسى ھەر يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ-زەبىدە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ قاتتىق مەشىقلىنىپ، كېلەر يىلى شۇنىڭغا قاتنىشىش پىلانى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن يىلى گىرېتسىيە پايتەختى ئافىنادا ئۆتكۈزۈلگەن برازىلىيەچە «جيۇ-جىتسۇ»، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە 12 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى ئادىلەم ھوشۇروۋا چېمپىيون بولغان ئىدى.
ئۇيغۇر بالىلىرى بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە بوكس، كىكبوكسىڭ، يەنى ئەركىن مۇشتلىشىش، كاراتې، يەنى قائىدىسىز چېلىشىش، ئۇشۇ-ساندا، يەنى چامباشچىلىق، كۇڭفۇ، يەنى گۇمپا كۆرسىتىش ۋە تەنھەرىكەتنىڭ باشقىمۇ تۈرلىرى بويىچە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ كەلمەكتە.
قازاقىستاننىڭ «فرې سپاررىڭ» تەنھەرىكەت بىرلەشمىسىنىڭ ترېنېرى، ئۇشۇ-ساندا بويىچە دۇنيا چېمپىيونى خەمىت توختاخۇنوف ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىدىن بوكس بويىچە بىر قاتار چېمپىيونلارنىڭ يېتىلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بىرلەشمىدىن مۇخپۇل زۇلياروف ھەر تەرەپلىمىلىك مۇشتلىشىش بويىچە چېمپىيون بولدى. بوكس بويىچە دۇنيانىڭ كۈمۈش مېدالى چېمپىيونى رېنات قۇربانوف بولدى. ئۇ كېلەركى مۇسابىقىگە تەييارلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بويىچە بىزنىڭ ھېزىم ھېزباقىيېف ھازىر ئامېرىكادا. ئۇ ئەمدىكى مۇسابىقەنى مۇشۇ كۈزدە ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭغا ئۈمىدىمىز زور. ئۇنىڭدىن باشقا بوكس بويىچە قازاقىستان كوماندىسىدا دىلمۇرات مىجىتوف ۋە رەنا پەرھاتوۋالارمۇ بار.»
خەمىت توختاخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر بوكس بويىچە ياش ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىنمۇ يېتىلىپ چىقىۋاتقان تالانتلىق ئۇيغۇر بالىلىرى كۆپ ئىكەن.