ئابۇ-زەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ماھىر چېمپىيون بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021.11.18
ئابۇ-زەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ماھىر چېمپىيون بولدى ئابۇ-زەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش دۇنيا ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان ئۇيغۇر تەنھەرىكەت ماھىرى گۈلمىنەم ئىمىنوۋا. 2021-يىلى نويابىر. ئابۇ-زەبى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى.
RFA/Oyghan

قازاقىستان ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 1-نويابىردىن 16-نويابىرغىچە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ-زەبىدە برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش تۈرى بويىچە دۇنيا ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇسابىقىگە 65 مەملىكەتتىن كەلگەن ھەر خىل بەدەن ئېغىرلىقىدىكى 1500 دىن ئوشۇق ئۆسمۈر تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. قازاقىستاندىن بارغان تەنھەرىكەتچىلەر 56 مېدال، يەنى 11 ئالتۇن، 16 كۈمۈش ۋە 29 مىس مېدال بىلەن رۇسىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كوماندىسىدىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.

مەزكۇر مۇسابىقىدە «دۇنيا چېمپىيونى» دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەنلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر ماھىرلارمۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەتىجىسى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. بۇ ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ماھىر ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى ئاۋات يېزىسىدىن بەختىيار قەھرىمان، پانفىلوف ناھىيەسىنىڭ ياركەنت شەھىرىدىن گۈلمىنەم ئىمىنوۋا ۋە ئىلىياس ئابدۇللايېفلاردۇر.

Qazaqistanliq-dunya-chempiyonlirining-bir-guruppisi-202111.jpg
قازاقىستانلىق دۇنيا چېمپىيونلىرىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى. 2021-يىلى، نويابىر. ئابۇ-زەبى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان، ئاسىيا قىتئەسى ۋە دۇنيا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە بىر نەچچە مەرتەم چېمپىيون بولغان تەنھەرىكەت ماھىرى گۈلمىنەم ئىمىنوۋا بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلارغا سالام! مېنىڭ ئىسمىم گۈلمىنەم. مەن بۇ يىل 16 ياشتا. مەن جيۇ-جىتسۇ ۋە گرېپپلىڭ، يەنى يېقىندىن ئارىلاش چېلىشىش تۈرى بويىچە تەنھەرىكەت ماھىرىنىڭ نامزاتىمەن. بىرىنچى كۈندىن تارتىپلا مېنىڭ قولۇمدىن ھەممە نەرسە كەلدى. مەن ھەممىنى سېزىۋالىدىغان بولدۇم. يېقىندا بولغان مۇسابىقىگە مەن قاتتىق تەييارلىق قىلدىم. مەن ئۆز ۋەتىنىم قازاقىستانغا ئالتۇن مېدال ھەدىيە قىلغۇم، ئېلىمنىڭ تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرگۈم كەلدى. ماڭا ئوڭاي چۈشمىدى. مېنىڭ ئاخىرىقى كۈرىشىمگە دۇبەينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، تەجرىبىلىك تەنھەرىكەتچىسى توغرا كېلىپ قالدى. ئەمما ئۇنى يەڭدىم. ئالدىمدا يەنە كۆپلىگەن مۇسابىقىلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ. مەن ھازىر رۇسىيەدە ۋە تۈركىيەدە بولىدىغان دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە تەييارلىنىۋاتىمەن. بۇ ئەللەردىمۇ قازاقىستاننىڭ تۇغىنى لەپەلدەتكۈم بار. ھەممىسىنىڭ مەندىن پەخىرلىنىشىنى خالايمەن. بۇ پۇرسەتتە مېنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاۋاتقان ئاتا-ئانامغا، مومامغا ۋە ترېنېرلىرىمغا چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.»

گۈلمىنەمنىڭ مومىسى رۇقىيەم خۇدابەردىيېۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گۈلمىنەمگە زور ئۇتۇقلار تىلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، تەنھەرىكەتنىڭ برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش تۈرى قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتان شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئاليانس» برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم تەشكىللەنگەنىكەن. ئۇنى جيۇ-جىتسۇ بويىچە تەنھەرىكەت ماھىرى ئارمانجان روزاخۇنوف باشقۇرىدىكەن.

Dunya-chempiyoni-iliyas-abdullayef-202111.jpg
ئابۇ-زەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش دۇنيا ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان ئۇيغۇر تەنھەرىكەت ماھىرى ئىلىياس ئابدۇللايېف.

بىز گۈلمىنەم ئىمىنوۋا ۋە ئىلىياس ئابدۇللايېفنىڭ ئۇستازى، جيۇ-جىتسۇ ۋە گرېپپلىڭ ئاكادېمىيەسىنىڭ ترېنېرى بەختىيار تېيىپوف بىلەن ئالاقىلاشقىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن داڭلىق ئۆسەك ۋادىسىنىڭ بويىغا جايلاشقان گۆزەل شەھىرىمىز ياركەنتنىڭ پەرزەندىمەن. 2017-يىلى 5-ئۆكتەبىردىن باشلاپ مەشقاۋۇللۇق قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭ ئويۇمچە، ترېنېر چىداملىق، ئۆز ئىشىنى ياخشى كۆرۈشى كېرەك. ئەگەر مەن ھاياتىمدىكى ئويلىرىمنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىم بولسا، ھاياتىمنى ترېنېر بولۇشقا بېغىشلايتتىم. نامىش دېسەڭلار، بۇ ھاياتىمنىڭ مەزمۇنلۇق بۆلىكى. ھەر بىر مەشققە بېرىشىم، مېنىڭ ئۈچۈن چوڭ بايرام. بۇ يىلى ئەبۇ-زەبىدە ئۆتكەن دۇنياۋىي مۇسابىقىدە مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىم ئابدۇللايېف ئىلياس، ئىمىنوۋا گۈلمىنەم، ئۇسابايېف ئالپامىش يۇقىرى دەرىجىلىك دۇنياۋىي چېمپىيون ئاتىقىغا ئىگە بولدى. مەن بەخىتلىك. سەۋەبى كېلەچەكتە ئوقۇغۇچىلىرىمنى دۇنياۋىي ئولىمپىك سەھنىسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىگە بولىدۇ، دەپ ئىشەنچ بىلدۈرىمەن.»

Dunya-chempiyoni-bekhtiyar-qehriman-202111.jpg
ئابۇ-زەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش دۇنيا ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان ئۇيغۇر تەنھەرىكەت ماھىرى بەختىيار قەھرىمان.

bekhtiyar-qehriman-202111.jpg
دۇنيا چېمپىيونى بەختىيار قەھرىمان ناھىيىلىك ھاكىمىيەت ھۇزۇرىدا. 2021-يىلى، نويابىر. ئىشىكتە شەھىرى، قازاقىستان.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا ئەنە شۇنداق ياش ئۇيغۇر چېمپىيونلىرىنىڭ ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىنى تەرغىب قىلىش ئىشلىرىمۇ يولغا قويۇلماقتىكەن. جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ يېڭى سانىدا ئەبۇ-زەبىدە بولۇپ ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان بەختىيار قەھرىمان ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىنغان. «چېمپىيونغا ھۆرمەت كۆرسىتىلدى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدىكى ئۆمەر مۇھەممەدىي نامىدىكى مەكتەپنىڭ 11-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بەختىيار قەھرىماننى ئۇنىڭ يۇرتداشلىرى ئالمۇتا ئايرودرومىدا داغدۇغىلىق كۈتۈۋالغان. ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ۋە مەكتەپ بەختىيار قەھرىماننىڭ ھۆرمىتىگە ئۇچرىشىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ماددىي سوۋغىلار ھەدىيە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.