ئۇيغۇر «بالا قۇللار» نىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرى كۈچلۈك ئەندىشە قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021-08-16
Share
ئۇيغۇر «بالا قۇللار» نىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرى كۈچلۈك ئەندىشە قوزغىماقتا ئۇيغۇر ئىلىدا پاختا تېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈر قىز
Social Media/ RFA

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەن تاۋارلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش چاقىرىقى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ئەخلاق ئۆلچىمى سۈپىتىدە كۈچىيىۋاتقان يېقىنقى مەزگىللەردە، خىتاينىڭ «تىك-توك» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا خىتاينىڭ كىيىم-كىچەك، يېمەك-ئىچمەك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق تۈردە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلەۋاتقانلىقىغا دائىر سىن ۋە سۈرەتلىك ئىسپاتلار ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارلانماقتا. ھەتتا قورامىغا يەتمىگەن ھەر خىل ياشتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ «قۇللۇق ئەمگىكى» گە سېلىنىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى سۈپىتىدە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

 بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بەزىلىرىدە ئۇيغۇر بالىلىرى ئېغىر ئەمگەكتىن باش كۆتۈرمەي ئىشلەۋاتقانلىقى ئىپادىلەنسە، يەنە بەزىلىرىدە بۇ بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن تەڭ خىتايلارنىڭ زاۋۇتلىرىدا ناھايىتى ئەرزان ئىش ھەققى بىلەن ئىپلەۋاتقانلىقى يېزىلغان. يەنە بىر قىسقا سىن كۆرۈنىشىدە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان 10 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر بالا خىتاي خوجايىننىڭ «تۆنۈگۈن قانچە پۇل تاپتىڭ؟ بۈگۈنچۇ؟» دېگەن سوئاللىرىغا «تۆنۈگۈن 12 يۈەن تاپتىم، بۈگۈن 5 يۈەن تاپتىم،» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز.

بۇنىڭ ئالدىدىمۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ياڭاق ئاقلاش، پاختا تېرىش، پەمىدۇر يىغىشقا ئوخشاش ئەمگەكلەرگە قاتنىشىۋاتقانلىقى ئاشكارلىنىپ، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قامىغان، يەنە بىر قىسمىنى خىتاي كارخانا-زاۋۇتلىرىدا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا جامئەتچىلىكى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدلىنىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ قۇللۇق ئەمگىكىدىن مۇستەسنا قالمىغانلىقى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئادەم بېدىكچىلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېچىنارلىق بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە لاگېرلارنىڭ ئىچ يۈزىنى ئاشكارلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان قازاق لاگېر شاھىدى گۇلزىرە ئاۋۇلقان قىزى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ئەمگەككە سېلىنغان ئىلى جۇوۋەن پەلەي زاۋۇتىدا  لاگېرلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن 15 نەپەر قورامىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر ۋە قازاق قىزلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: « 16-17 ياشلىق سەئىدە دېگەن بىر ئۇيغۇر قىز ۋە گۇلدەنئاي دېگەن قازاق قىز بار ئىدى، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش كۈندە 14-15 سائەت زاۋۇتتا ئىشلەيتتى. بىر قولقاپنى 10 تىيىندىن تىكىسىلەر دەيتتى. كۈندە 20 دىن ئارتۇق پەلەي تىكەتتۇق، ئەمما ھېچقايسىمىز تولۇق مائاشىمىزنى ئېلىپ باقمىدۇق. 3 ئاي ئىشلىگىنىمگە ئاران 220 يۈەن بەردى.»

ئۇ بالىلارنى، بولۇپمۇ قورامىغا يەتمىگەنلەرنى مەجبۇري ئىشلىتىشنىڭ لاگېرلاردىن باشقا يەنە مەكتەپلەردىمۇ مەۋجۇت مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى: «بىزنىڭ يېزىمىدا ھەتتا ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 14-15 ياشتىكى بالىلىرىمۇ ئوخشاشلا قوناق ئاقلاشقا مەجبۇرىي سېلىنغان.»

خىتاينىڭ ھاشار ئەمگىكىگە ھەتتا بالىلارنىڭمۇ مەجبۇرلاپ كەلگەنلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى ئارقىلىق كۆپ قېتىم ئاشكارلانغان ئىدى. ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئاقسۇلۇق ئۇيغۇر قىز ئۆزىنىڭ 7 ياشلاردىن تارتىپلا مەكتەپتىن ئورۇنلاشتۇرغان ھەر تۈرلۈك ھاشارغا قاتنىشىپ چوڭ بولغانلىقىنى، ئەمگەك كۈچى ئاز بولغان بەزى ئائىلىلەردە بالىلارنىڭمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھاشار سېلىقىنى تۆلەشكە مەجبۇرلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

-2020يىلى سېنتەبىردە ئامېرىكا خەلقئارا ئەمگەك ئىشلىرى بيۇروسى «بالىلار ئەمگىكى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار تىزىملىكى» ناملىق يۈز نەچچە بەتلىك بىر دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. دوكلاتتا 2005-يىلىدىن 2020-يىلى 30-سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكاغا خىتاي،  كامبودژا قاتارلىق 77 دۆلەتتىن ئىمپورت قىلىنغان بالىلار ئەمگىكى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى دەلىللەنگەن 155 خىل مەھسۇلاتنىڭ تىزىملىكى سۇنۇلغان.

ئامېرىكا ئەمگەك ئىشلىرى مىنىستىرى ئېۋگېن سكالىيە مەزكۇر دوكلاتتا مۇنداق دېگەن: «ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بەخت-سائادىتى مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ يادروسى. شۇڭلاشقا بىز ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. بالىلار ئەمگەك كۈچى، مەجبۇرىي ئەمگەك،  ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا ئامېرىكا بازىرىدا ئورۇن يوق.»

«خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى» 3 -باپ، 38-ماددىسىدا «ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ يېشى 16 گە توشمىغانلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ» دەپ بېكىتىلگەن.

ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخس دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن يېشى 16 گە توشۇپ، 18 گە توشمىغانلىرىنى ئىشلەتكەندە، ئىش تۈرى، ئەمگەك ۋاقتى، ئەمگەك سىجىللىقى ۋە مۇھاپىزەت تەدبىرى قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىشى لازىم. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيانلىق بەك ئېغىر،  زەھەرلىك،خەۋپلىك ئەمگەككە سېلىشقا ياكى خەتەرلىك مەشغۇلات قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ.»

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىدا بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىشنىڭ قانۇنسىزلىقى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قانۇننى ئەمەلىي ئىجرا قىلىشتىكى بەلگىلىمىلىرىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ زىيادە تەكىتلىنىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدە زاۋۇت- فابرىكىلاردا بالا ئىشچىلارنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ، قانۇنسىز ئىشلىشىگە يول قويۇش ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئومۇملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەمدە بالىلار ۋە ئاياللار ھوقۇقىنىڭ ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغانلىقى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا تەكرار تەنقىدلىنىپ كەلمەكتە. خىتايدا بۇ جىنايەت تەكرار ۋە ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم يوقىرىقى سىن كۆرۈنۈشلىرىدە ئاشكارا بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالا ئىشچىلارنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىنى، خىتاينىڭ ئۆزى چىقارغان قانۇنلىرىغا ئوزىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى، دەپ كۆرسەتتى.

 

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت