رابباي شمۇلىي: «ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى بىزنىڭمۇ دەردىمىز! »

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشى ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيا جامائىتىنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە ھېسداشلىقى ۋە ئوخشىمىغان قوللاشلىرىغا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردىن خېلى ۋاقىتلار ئىلگىرى مۇشۇ خىلدىكى قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن خەلقلەردىن بولغان يەھۇدىيلارنىڭ پۇقراۋى تەشكىلاتلىرى بۇ ساھەدە ئىزچىل ئەڭ ئاكتىپ بولۇپ كەلمەكتە. يەھۇدىيلارنىڭ ئىجتىمائىي باراۋەرلىك تەشكىلاتى بولغان «ئۇرىل تزېدېك» (Uri L'Tzedek) نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ھازىرقى رەئىسى، رابباي شمۇلىي يانكلوۋىتز (Shmuly Yanklowitz) ئۆزىنىڭ مۇشۇ خىل پىداكارانە خىزمەتلىرى قاتارىدا ئوخشىمىغان مۇنبەرلەردە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ھەمدە بۇنىڭ تەسىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىنمۇ بىزنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىز تەبىئىي ھالدا ھەر ئىككى قوۋمغا تونۇشلۇق بولغان قىرغىنچىلىقتىن باشلاندى.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 1940-يىللاردا يەھۇدىيلار ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ زور پاجىئەنى باشتىن كەچۈرگەن ھەمدە مىليونلىغان كىشىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلىشىدەك قىسمەتكە شاھىت بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ خىل تىراگېدىيەنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» دېگەن بىر داغدۇغىلىق شوئار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەدرىجىي ھالدا ھەممىگە مەلۇملۇق ئىبارىگە ئايلىنىپ قالغان. ھالبۇكى، مەزكۇر شوئار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئارىدىن 70 يىل ئۆتكەندە بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە دۇنياۋى چاقىرىق بولۇشتىن باشقا ئەمەلىي رولىنىڭ بولمىغانلىقى كۆپلەپ بىلىنگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقان سەككىز يىلدىن بۇيان بۇ ھال تېخىمۇ شۇنداق بولغان. «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ» شوئارىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە نېمە ئۈچۈن ئوخشاشلا ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلىنالماسلىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا دوكتور شمۇلىي بۇنىڭدىكى بىرنەچچە خىل ئامىل ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى.

«شۇنداق، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا كەلگەندە بىز كۆپلىگەن پەرۋاسىزلىق خاھىشلىرىغا شاھىت بولدۇق. بەزىلەر بۇ ئىشلاردىن ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن خەۋەرسىز بولسا، يەنە بەزىلەر پۈتۈنلەي پەرۋاسىزلىق قىلىۋاتىدۇ؛ يەنە بەزىلەر بولسا خىتايدىن قورقۇپ يۈرۈۋاتىدۇ. ئەنە شۇنداق كۆپ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىز بۇ ئىشلاردا ھەرىكەتكە ئايلىنالمىدۇق. ئەمما ‹ھەرگىز قايتىلانمايدۇ› دېگەن شوئار كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشمىدى. كىشىلەر قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆز بولغاندا ھەرقاچان زور كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈشنى خىيالىغا كەلتۈرىدۇ. ئەمما (ئۇچۇر كونتروللۇقى تۈپەيلىدىن) ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا بۇ خىلدىكى زور كۆلەملىك ئادەم ئۆلتۈرۈشنى كۆرگىلى بولمايلا قالماستىن، ئۇنىڭ باشقىچە خاراكتېردىكى قىرغىنچىلىق بولۇشىمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ: بۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنى ۋە ئۇلارغا خاس مەدەنىيەتنى يوقىتىش نىشان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ‹يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى› دىن بەكلا پەرق قىلىدۇ. يەنە كېلىپ كىشىلەر بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ قانچىلىك ۋەھشىي بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيۋاتىدۇ. بۇنى چۈشەنگەنلەر بولسا بۇنى ئېيتقۇدەك قۇدرەتكە ئىگە بولالمايۋاتىدۇ. ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ‹ھەرگىز قايتىلانمايدۇ› شوئارىنى توۋلاشتىن ھەرگىزمۇ توختاپ قالماسلىقىمىز، شۇنىڭدەك بۇنى ئاشۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتالايدىغان بىر ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم. »

بۇ خىلدىكى پەرۋاسىزلىق مۇئامىلىسىگە سەۋەب بولۇۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەنپەئەت بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىمۇ بۇ ھال ئوخشاش شەكىلدە مەۋجۇت بولغان. بولۇپمۇ ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارنى نىشان قىلغان قىرغىنچىلىقى كەڭ كۆلەم ئېلىشقا يۈزلەنگەندە «ئاۋدى» (Audi) ، BMW، «چېيس» (Chase) بانكىسى، «فورد» (Ford) شىركىتى، «خيۇگو بوس» (Hugo Boss) قاتارلىق نەچچە ئونلىغان دۇنياۋى شىركەتلەر بۇ خىل قىرغىنچىلىققا ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا شېرىك بولغان. رابباي شمۇلىينىڭ قارىشىچە، يەھۇدىيلار قىرغىن قىلىنغاندا ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن بۇ خىل «قانخورلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش» مۇناسىۋىتىدە بەزى ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەر مەۋجۇت. شۇنداق بولغانىكەن، «تارىخنىڭ تەكرارلىنىشى» دەك بۇ ھادىسىگە قارىتا داۋاملىق ھالدا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇش ئاجىزلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ «ئامېرىكا» ژۇرنىلىنىڭ 2024-يىللىق 3-ئاپرېل سانىدا ئېلان قىلىنغان «ھەممىلا خەلق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىغا قارشى چىقىشى لازىم» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە «بىز ئېلى ۋىزېل (Elie Wiesel) فوندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يەھۇدىي دىرېكتورلارنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلىنىشلىق مەھسۇلاتلارغا يېقىن كەلمەسلىككە دەۋەت قىلىۋاتىمىز. خىرىستىيان تەشكىلاتلىرىمۇ مۇشۇنداق بىر قەدەمنى ئالسا بۇنىڭ تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئەۋجىگە چىققان يىللاردا كۆپلىگەن خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان غايەت زور سوممىلىق سودا پائالىيىتى ماھىيەتتە قىرغىنچىلىققا «يېقىلغۇ» بولۇش رولىنى ئوينىغان. نەتىجىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان مەجبۇر ئەمگەك بىلەن زور دەرىجىدە باغلىنىشلىق بولغان خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاساس قىلغان خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان باغلىنىشى ھېچ توسقۇنسىز داۋام قىلىۋەرگەن.

كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەنە شۇ خىل رېئاللىققا تېخىمۇ كۆپرەك جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئاللىقاچان 20 نەچچە پارچە كىتاب يېزىپ چىققان دوكتور شمۇلىي ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ كۆپلىگەن ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ماقالىلىرى ئېلان قىلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «يەھۇدىيلار ژۇرنىلى» نىڭ 2024-يىللىق 25-ماي سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ! » سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان. بۇنىڭدا ئۇ «‹ھەرگىز قايتىلانمايدۇ› شوئارى بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقانداق بىر خەلق ئۈچۈن ‹ھەرگىز قايتىلانماسلىقى› نى كۆرسىتىدۇ» دېيىش ئارقىلىق بۇنىڭ بىر دۇنياۋى مەسىلە ئىكەنلىكىنى مەخسۇس شەرھلىگەن. ئۇ ماقالىسىدە «ئىنجىل» ۋە «قۇرئان كەرىم» دىكى ھابىل بىلەن قابىلنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىپ «ھابىلنىڭ بىھۇدە تۆكۈلگەن قېنى تۇپراق ئاستىدىن نالە قىلىپ خۇدانىڭ كۆزىدىن ياش چىقارغان. ھازىر بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ تۆكۈلگەن قانلىرى خۇددى شۇ يوسۇندا بىزنى چاقىرماقتا» دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك دىنىي مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. بولۇپمۇ «ناۋادا بۇ مىللەت ئاشۇنداق تازىلىنىپ كېتىۋاتقاندا بىز قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرساق بىزنىڭ قولىمىز ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن بويىلىدۇ» دېگەن خۇلاسىسى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توسۇشتا تېخىمۇ كۆپ ۋە ئۈنۈملۈك بولغان تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىنى جىددىي تەكىتلىگەن.

دوكتور شمۇلىينىڭ خىلمۇخىل شەكىلدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقى ئۆز نۆۋىتىدە دەردى ئۆزىگە يېتىپ ئاشىدىغان يەھۇدىيلار جامائىتى ئىچىدە بەزى سوئاللارنىمۇ پەيدا قىلغان. ئۇ «يەھۇدىي خەۋەرلىرى» نىڭ 2024-يىلى 9-ئاپرېل سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ «ئەينى ۋاقىتتا مىسىردىكى ھەر بىر كىشى يەھۇدىيلارنىڭ قۇللار ئەمگىكىدىن مەنپەئەت ئالغان بولسا، ھازىر دۇنيادىكى ھەر بىر كىشى دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ قۇللۇق ئەمگىكىدىن مەنپەئەتلەنمەكتە» دەيدۇ. شۇنىڭدەك بىۋاسىتە قول تىقىپ ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىدىكى قاچاق يوللاردىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلەش، ئامېرىكا تەۋەسىدە يېڭى ھاياتىنى باشلاش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ زور ياردەملەردە بولغان. سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

«بۇنىڭدا ئالدى بىلەن قەلبىمدىكى ئېتىقاد مېنى شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. چۈنكى دىنىمىز بىر گۇناھسىز قوۋم زۇلۇم چېكىۋاتقاندا بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشىمىزنى مەنئى قىلغان. ئىككىنچىدىن، ‹يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى› جەمەتىمىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسلىمىلەرمۇ مېنى شۇنداق قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئۈچىنچىدىن، پىروفېسسور ئېلى ۋىزېلنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىش تىرىشچانلىقىنى ھەرگىزمۇ توختىتىپ قويماسلىق ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرى ھەرقاچان يادىمدا. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ھازىر ئەڭ جىددىي مەسىلىلەردىن بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرى ۋە قۇدرىتى ھازىر ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇ جايدا دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقاندا بۇ ئەڭ ئاز دەرىجىدە بىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە بۇ ھەقتىكى تونۇشنى ئۆستۈرۈش بەك مۇھىم. »

رابباي شمۇلىي ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىپلا قالماستىن يەنە ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىنمۇ ئۈمىدۋار. ئۇنىڭچە يەھۇدىيلارنىڭ ئىككى مىڭ يىلدىن كۆپرەك سەرسان-سەرگەردان بولۇش جەريانىدا توپلىغان مەۋجۇتلۇق ساۋاقلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. ئۇ مۇشۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئېزگۈ تىلەكلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئالدى بىلەن شۇنى دېگۈم كېلىدۇ: سىلەر ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەس. بىز سىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، نالە-پەريادىڭلارنى ئاڭلاۋاتىمىز. ئىككىنچىدىن، گەرچە بۇنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن بولىدىغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ جەزمەن غەلىبە قازىنىشىمىزغا ئىشىنىمىز. ئۈچىنچىدىن، بىز ھەرقاچان سىلەرنى قوبۇل قىلىشقا تەييارمىز.»