ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر ھېمايىچىلىقى كۈنى» ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر ھېمايىچىلىقى كۈنى» قاتناشقانلار بىر ياكى بىرنەچچە پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشنى پىلانلىماقتا. 2019-يىلى 12-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر ھېمايىچىلىقى كۈنى» قاتناشقانلار بىر ياكى بىرنەچچە پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشنى پىلانلىماقتا. 2019-يىلى 12-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
Ömer Qanat ependi teminligen

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشلار بارغانسېرى ئېغىرلاپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زور دەرىجىدە دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى يەنە بىر قىسىم ئەربابلارنىڭ بۇ ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ كەتمىگەنلىكى مەلۇم. ئەنە شۇ خىل بوشلۇقنى قىسمەن بولسىمۇ تولدۇرۇش مەقسىتىدە ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 12-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر ھېمايىچىلىقى كۈنى» پائالىيىتى تەشكىللىدى.

مەزكۇر پائالىيەت ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» ئاياغلاشقاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن يەنە بىر پائالىيەت بولۇپ، پائالىيەت باشلىنىش ئالدىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بويىچە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچى خىرىستيانلار جامائىتى، يەھۇدىيلار جامائىتى قاتارلىق ساھەلەردىن كەلگەن شەخسلەر ئۆز ئالدىغا بىر ياكى بىرنەچچىدىن پالاتا ئەزالىرى بىلەن 12-ئىيۇن كۈنى يۈزمۇ-يۈز سۆھبەتتە بولۇشقا ئالدىنئالا كېلىشكەن ئىكەن. ئۇلار مۇشۇ تەرىقىدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شىتاتلاردىن سايلانغان پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەمدە ئۆزلىرىگە مەلۇملۇق پاجىئەلەرنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ھازىر مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» ۋە «ئۇىغۇر لايىھەسى» گە ئىمزا قويۇشقا دەۋەت قىلغان.

بىز شۇ خىلدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ بىرىدە ئالايىتەن ئامېرىكانىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ۋاشىنگتون شتاتىدىن كەلگەن بىل كلارك ئەپەندىنى ئۇچراتتۇق. ئۇ «ئۇيغۇر ھېمايىچىلىقى كۈنى» ئۈچۈن ۋاشىنگتون شتاتىدىكى سېياتۇل شەھرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۆمەر قانات بىلەن بىرلىكتە شىمالىي كارولىنا شىتاتىدىن سايلانغان پالاتا ئەزاسى ئالما ئادامغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ چىققان ئىكەن. بىز ئۇنىڭدىن «سىز قانداقلارچە بۇ سەپكە قوشۇلۇپ قالدىڭىز؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنى ئۇيغۇرلارغا قەرزدار، دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى، شۇڭا مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

«مۇشۇ تاپتىكى ھېسسىياتىمنى سورىسىڭىز كاللامدا ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىشتىن باشقا ھېچنەرسە يوق. چۈنكى ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەكمۇ قىيىن بىر مەزگىل بولۇۋاتىدۇ. مەن بىلىدىغان، ماڭا شۇنچە يېقىن بولغان كۆپلىگەن دوستلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھازىر خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالدى. شۇڭا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنى، قانۇن ساھەسىدىكى كاتتىلارنى ئىزدەپ تېپىپ بۇ ئىشلارنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان قىلمىشلار ئىكەنلىكىنى ئېيتماقچىمىز. بىز لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقىنى، لاگېرلارغا قامالغان ئاياللار، ئەرلەر ۋە گۆدەكلەرنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغانلىقىنى كۆرۈشنى بەكمۇ خالايمىز. بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بوۋىلىرى بار. مەن بۇ يىل 63 ياشقا كىردىم. ئەمما لاگېرغا قامالغانلار ئىچىدە مېنىڭ قۇرداشلىرىم، شۇنداقلا 70 ياكى 80 ياشلىق كىشىلەر بار. بۇ كىشىلەر جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش قاماققا ئېلىنغان. بۇ ئىشلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇ يەردە ئۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتىمىز. شەخسەن ئۆزۈمنى ئالسام مەن ئاشۇ ماكاندا ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ نۇرغۇن يىللار ياشىغانمەن. كېيىنچە ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئىنسانشۇناس بولدۇم. مەن مېنى، مېنىڭ ئائىلەمنى، مېنىڭ ئۈچ پەرزەنتىمنى سۆيگەن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن، ئەخلاقىي جەھەتتىن ئۆز مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدىم.»

بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشقان ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئورتاق بولغان سىياسىي پاناھلىق مەسىلىسىنى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە يەنە بىر قېتىم ئەسلەتكەن ھەمدە بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن قەيسەر سېيىت ئۆزىنىڭ مۇشۇ مەسىلىنى مەخسۇس تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تۇمارىس ئالماسمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پالاتا ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كارخانىچىلار تورى يېقىندىن ياردەمدە بولغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىق تەشكىللىنىشى پىلان قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت