تىيا لې: «ئۇيغۇر دىيارىدا تەرەپسىز ھالدىكى ئەمگەك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.05.01
Thea-Lee ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى تىيا لې (Thea Lee) گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 30-ئاپرېل، ۋاشىنگتون
Youtube/@ChinaCommission/Screenshot

گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكىسۋاگېننىڭ بىر ئەمگەك مۇپەتتىشى شىركىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بۇ رايوندىكى ئىجتىمائىي مۇپەتتىشلىك خىزمىتىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە سوئال پەيدا قىلغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر كومىتېتى 30-ئاپرېل كۈنى چاقىرغان بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا تەرەپسىز ئەمگەك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان باغلىنىشىنى مۇپەتتىش قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى ۋە ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولدى.

يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى تىيا لې (Thea Lee)  خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەۋجۇت ۋەزىيەتتە ئەمگەك مۇپەتتىش شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەرەپسىز ھالدىكى ئەمگەك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن.

تىيا لې 30-ئاپرېل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى كىشىلەر، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قورقۇپ ياشايدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2021-يىلى ئېلان قىلغان ۋە 2023-يىلى 9-ئايدا قايتا يېڭىلانغان سودا مەسلىھەت كۆرسەتمىسىدە ئېيتىلغىنىدەك، شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق ئەمگەك تەكشۈرۈشىنى ھۆكۈمەتنىڭ نازارەتچىلىكىسىز، ئىشچىلارنى ئوبيېكتىپ، ئەركىن زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ.»

 تىيا لېنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ رايوندا ئىشچىلار قولغا ئېلىنىشتىن قورقۇپ، تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئىشچىلار بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرىگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ. چۈنكى قاتتىق نازارەت، تۇتقۇن قىلىنىش قورقۇنچى سەۋەبىدىن ئىشچىلار تەكشۈرگۈچىلەر بىلەن ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشمايدۇ. بىز يەنە تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى، تەھدىت سېلىنغانلىقى ۋە ئايرودۇرۇمدا توختىتىپ قويۇلغانلىقلىرىنى ئاڭلىدۇق. شۇڭا چوڭ ئەمگەك مۇپەتتىش شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيىتىنى توختاتقىلى نەچچە يىللار بولدى.»

 بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەمگەك مۇپەتتىش شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ئەمگەك تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلىشىدۇر.

گېرمانىيەدىكى «لۆنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا مۇپەتتىش ئورنى» 2023-يىلى ۋولكىسۋاگېننىڭ ھاۋالىسى بىلەن دوكلات تەييارلاپ، ۋولكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بايقالمىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بىراق ئارقىدىنلا بۇ دوكلاتنىڭ زاۋۇت تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ئاساسىدا تەييارلانغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، دوكلاتنىڭ ئىشەنچلىكلىكى گۇمان پەيدا قىلغان ئىدى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ۋولكسۋاگېننىڭ تۇرپاندىكى ئاپتوموبىل سىناق مەيدانىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇ ۋەقە، ئۇيغۇر دىيارىدا تەرەپسىز ئەمگەك مۇپەتتىشى ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئىشەنچلىك بولمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 30-ئاپرېل كۈنىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى تەتقىقات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 30-ئاپرېل، ۋاشىنگتون
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 30-ئاپرېل كۈنىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى تەتقىقات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 30-ئاپرېل، ۋاشىنگتون
Youtube/@ChinaCommission/Screenshot

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 30-ئاپرېل كۈنىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى تەتقىقات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر گۇۋاھلىق بەردى. گۇۋاھلىق يىغىندا ئامېرىكادىكى «ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى»نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى سكوت نوۋا (Scout Nova) رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ئەمگەك مۇپەتتىشى تەكشۈرۈشىنىڭ پەقەت ساختا كۆرۈنۈش يارىتىشقىلا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

 سكوت نوۋا مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەمگەك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي. شىركەتلەر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمايدۇ. بۇ كومىتېتنىڭ 2022-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئېيتىلغاندەك ‹شىركەتلەر زاۋۇتلاردا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە تايىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تەمىنلەش زەنجىرى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي، دەپ ھېسابلىماسلىقى كېرەك.»

سكوت نوۋا يەنە، «بۇ نۇقتىدا ھېچقانداق بىر شىركەتنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەمگەك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارماسلىقى» نى، بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىلغان «ئەمگەك تەكشۈرۈشىنىڭ مەقسىتى پەقەت ساختا ۋەزىيەت يارىتىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سودىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقىلا يارايدىغانلىقى» نى تەكىتلەيدۇ.

سكوت نوۋانىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا ئۆلكىلەرگە يۆتكىشى، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان پۈتۈن مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىنى شەكىللەندۈرىدىكەن. بۇ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە چېتىلمىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن. سكوت نوۋا مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ پىكرىمىزچە، بولۇپمۇ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋاتقان ھەرقانداق بىر مال تەمىنلىگۈچىنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق يوشۇرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقۇندا، يۆتكەپ ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى بايقاش، ئەمگەك مۇپەتتىشلىرىنىڭ نورمال تەكشۈرۈشىدىن ھالقىغان مېتودلارنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ زاۋۇت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ خەۋىرىنىڭ سىرتىدا زاۋۇت خادىملىرىدىن ئۇچۇر توپلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

نوپۇزلۇق ئۇيغۇر لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ خىتاي تەتقىقاتى دىرېكتورى ئادرىيان زېنزنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا تەكىتلىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكىشى داۋاملىق كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى زاۋۇتلاردىكى خىزمەت ئورنىنى تەكشۈرۈش بىلەن ئۆلچەنمەسلىكى كېرەك ئىكەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ تەتقىقاتىمدىن قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى يۆتكەش 38 پىرسەنت ئارتقان. بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان شىركەتلەر ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە بۇلغىنىش خەۋپى مەۋجۇت، دەپ قارىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن خالىي بولۇشنىڭ بىردىنبىر ئەخلاقىي يولى مەبلەغنى چېكىندۈرۈشتۇر. ھالبۇكى، نۇرغۇن ئەمگەك مۇپەتتىش شىركەتلىرىنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنىڭ ماھىيىتىدىن خەۋىرى يوق ياكى خەۋىرى يوقتەك قىياپەتكە كىرىۋالغان. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلاردىكى خىزمەت ئورنىنى تەكشۈرۈش بىلەن ئۆلچەنمەسلىكى، پۈتكۈل ئىجتىمائىي مۇھىت نەزەردە تۇتۇلۇشى كېرەك.»

ئادرىيان زېنز يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەكشۈرۈشكە قانداق كاشىلا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلىشىنى، گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەمگەك مۇپەتتىشى ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈشىنى، شۇنداقلا ۋولكىسۋاگېننى جاۋابكارلىققا تارتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە ئەمگەك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشقا قانداق توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى، تەكشۈرگۈچىلەر ۋە شىركەتلەرنى قورقۇتۇپ، نازارەتچىلىككە قانداق كاشىلا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلىشى كېرەك. دۆلەت مەجلىسى يەنە گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىپ، ئەمگەك مۇپەتتىشلىرىنىڭ خىتايدىكى كەچۈرمىشلىرىنى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى زاۋۇتلار ۋە ئالدامچىلىق: كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەمگەك تەكشۈرۈشىنى قانداق ئىمكانسىزلاشتۇردى» تېمىسىدىكى بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى، بۇ كومىتېتنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىت بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركېلېينىڭ ساھىپخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن. پالاتا ئەزالىرىنىڭ يىغىندا تەكىتلىشىچە، بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى خىتاينىڭ ئەمگەك تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە قانداق دەخلى قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى قانداق قوشۇمچە تەدبىرلەرنى ئېلىشنى مۇزاكىرە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.