ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللىك يۇقۇم ۋەزىيىتىدىكى قىزىل رەقەم نەدىن كەلدى؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى رەسمىي باشلىغان 2017-يىلىدىن بۇيان، رايوندىكى ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى توغرىلىق يىلدا بىر قېتىم قەرەللىك سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىشنى تامامەن توختاتقان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى تا ھازىرغا قەدەر «ئۇيغۇر رايونىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يۇقۇم ئەھۋالى داۋاملىق تۆۋەن يۇقۇملۇق ھالەتتە كونترول قىلىنماقتا» دېگەن تەشۋىقاتىنى داۋام قىلماقتا. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە باشقا جىنسىي كېسەللەرنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى گىرافىكىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى يوشۇرۇن تەھدىت ئاشكارىلانماقتا.

خىتاي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى ئۆتكەن ھەپتە 2024-يىللىق ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى يېڭى ئىستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدا 2021-يىلىدىن 2023-يىلغىچە ئارىلىقتا، خىتايدىكى جەمئىي 32 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق چوڭ شەھەرلەردىكى ئەيدىز، سۆزنەك (دەرىجىدىن تاشقىرى سۆزنەك) ۋە سىفلىس قاتارلىق جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتى گىرافىكلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىكى سانلىق مەلۇماتلار، بۇ كېسەللەرنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدا ھەسسىلەپ كۆپىيىپ، تارقىلىش سانى ۋە دائىرىسىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى كۆرسەتكۈچنى كۆرسەتكەن.

ھالبۇكى، مەزكۇر گىرافىكتا ئۇيغۇر دىيارى قىزىل رەقەملەرگە تولغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئەيدىز يۇقتۇرۇۋالغۇچىلار سانى ھەر 10 مىڭدا 5.43 بولۇپ، خىتاي بويىچە 7-ئورۇندا؛ سىفلىس كېسىلى بىمارلىرى سانى ھەر 10 مىڭدا 73.04 بولۇپ، خىتاي بويىچە 2-ئورۇندا؛ سۆزنەك قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەر 10 مىڭدا 4.20 بولۇپ، خىتاي بويىچە 22 ئورۇندا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

مۆلچەرلىنىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا ئەيدىز بايقالمىغان بىرمۇ يېزا ۋە كەنت قالمىغان، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى سانى 60 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

خىتاي مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونى، سىفلىس بىمارلىرى، سۆزنەك كېسىلى ئەڭ كۆپ بولغان بەش ئۆلكىنىڭ بىرى ئىكەن، شۇنداقلا ئەيدىز ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ بولغان بەش ئۆلكىنىڭ بىرى ئىكەن.

2023-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي ئېلان قىلغان ئەيدىز ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر رايونىدا ھەر 260 ئادەمنىڭ بىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولىدىكەن. دېمەك، نوپۇسى 20 مىليون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەيدىزلەر سانىنىڭ يېقىنقى 5-6 يىل ئىچىدىلا نوپۇسى 50-60 مىليوندىن ئاشىدىغان جياڭسۇ، شەنشى، ھەتتا خۇبېيدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم.

ئۇيغۇر دىيارى 2017-يىلى خىتاي بويىچە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئەڭ ئېغىر بولغان 10 رايوننىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تورىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 2017-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۇيغۇر رايونىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمار 43 مىڭ 844 بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا جىنسىي يۇقۇملىنىش ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش شەكلىگە ئايلانغانلىقىمۇ ئاشكارىلانغان ئىدى.

شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقانلىقىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مەنبە ۋە سەۋەبلىرىگە جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن، بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.

بۇ جەرياندا ئەيدىز تارقىلىشى ئۇيغۇر رايونى بويىچە ئەڭ ئېغىر بولۇپ كېلىۋاتقان غۇلجا شەھىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ مەركىزىگە قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلاندى. بىر خىتاي خادىم بىزنىڭ «نېمە ئۈچۈن 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەيدىز ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇچۇرلارنىڭ قامال قىلىنغانلىقى ياكى تارقىتىلماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«ئېلىمىزنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا ئېلىپ بارغان كېسەللىك ۋىرۇسىغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىمىزنىڭ نەتىجىسىدە، شىنجاڭدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئەگەشمە كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشى ۋە ئۆلۈش سانى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك ئازلىدى، ئەمما رايونىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردىن تۆۋەن بولغاچقا، يەنىلا يۇقۇمدارلاردا ئېشىش كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بىز غۇلجادا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى ئېلىش ۋە دوكلات قىلىشنى توختىتىشقا باشلىدۇق. بىز داۋاملىق ھالدا ئەيدىز يۇقۇمدارلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرۈپ رەتلەپ، ئۇنى مەركەزنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ساندانىغا يوللايمىز.»

بىز ئۇنىڭدىن يەنە يۇقۇمدارلارنىڭ مىللەت ئايرىمىسى بويىچىمۇ ئىستاتىستىكا ئەھۋالىنى سورىدۇق، ئۇ ئۆزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، پەقەت غۇلجادا ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللاردىنلا مىسال ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى:

«غۇلجادا بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا شىمىنزى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ قان ئەۋرىشكىسىدىكى گېن تىپى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى يولغا قويۇلدى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلىش ۋە ئۇنى كۆزىتىش ئاسانلاشتۇرۇلدى. غۇلجادا ئەڭ يېقىندا 600 نەپەر ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش دورىلىرىغا كۆرسەتكەن ئىنكاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق، بۇنىڭدا ئەرلەر 54.7 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ، يۇقۇمدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار بولۇپ 85 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. يۇقۇملانغانلار ئىچىدە توي قىلغان ياكى جۈپتى بارلار 60.5 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ، ئاساسلىق يۇقۇش يوللىرى جىنسى ئالاقە ۋە ئوخشاش ئىشپىرىس ئىشلىتىشتىن بولغان. مەملىكەتنىڭ ئۇ سانلىق كۆرسەتكۈچىدە بىزنىڭ شىنجاڭدىكى سان ھەقىقەتەن جىق، بىز بۇ جەھەتتە خىزمەتنى تېخىمۇ كۈچەيتمىسەك بولمايدۇ .»

خىتاي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان گىرافىك ۋە ئۇچۇرلار تورلاردا تارقىتىلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلار ۋە ھەتتا خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنى قوللىنىۋاتقان خىتايلار ئارىسىدىمۇ تۈرلۈك قىياس ۋە گۇمانلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئىنكاسلىرىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر لاگېرلارغا قامالغان، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ رايوندىن سىرتقا چىقىپ ھەر خىل ئاممىۋى سورۇنلارغا بېرىشى چەكلەنگەن ۋە قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل كېسەللەر بىلەن ئۇچرىشىش، يۇقتۇرۇۋېلىش ۋە يۇقتۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانچە ئەخلاق مىزانلىرى بىلەن ياشايدىغانلىقى ئۈچۈن، پاكىزە تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دەرىجىدە يۇقۇملىنىش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئېيتىشماقتا. نۇرغۇن كىشىلەر يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا بايقالغان يۇقۇمدارلاردىكى قىزىل رەقىمىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئورگان يۆتكەش مەنبەسى قىلىنىۋاتقانلىقى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە دوكلاتلار ئېلان قىلغان «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئېتان گۇتمەن ئەپەندى، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«مەن شەخسەن خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان ھەر قانداق سانلىق مەلۇماتقا ئىشەنمەيمەن، ئۇلار بۇ ساننى نېمە ئۈچۈن ئەمدىلىكتە ئېلان قىلىپ قالدى؟ ئادەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى يېڭى بىر سىياسەتلەرنى چىقىرىشنىڭ ئالدىدا شۇنداق رەقەملەرنى ئېلان قىلىدۇ، ئەجەبا ئۇيغۇرلارنى ئەركىنلىككە قويۇپ بەرسەك، مانا مۇشۇنداق بولىدۇ، ئۇلار تۇرمۇشتا قالايمىقان، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى ئاسانلا تارقىتىدۇ، دېگەندەك باھانىلەرنى ئويدۇرماقچىمۇ؟ چۈنكى شىنجاڭدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىدە كۆرۈلگەن قىزىل رەقەملىرىنى كۆرگەن خىتايلار، ئۇنى ئۇيغۇرلار دەپ ئويلايدۇ. مەن خىتاينىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشتا سىياسىي بىر مەقسەت يوشۇرۇنغان دەپ گۇمان قىلىمەن. يەنى خىتاي ئۆزىنى ئەيىبلەۋاتقان غەربكە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ رەقەمنى چىقارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىيلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغان مەزگىلدە،گىتلېرمۇ ئوخشاشلا يەھۇدىيلارنى ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەل تارقىتىپ دۇنياغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان كىشىلەر دەپ تەشۋىق قىلغان ئىدى.»

ئېتان ئەپەندى يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىلگىنىمىزدەك، ئىلگىرى يەنى 90-يىللاردا ئىلى قاتارلىق جايلاردا زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبلىك ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق تارقالغان ئىدى، لېكىن ھازىر زەھەر ئارقىلىق تارقىلىشى مۇمكىن ئەمەس. لاگېرلاردا ئورگان ئېلىش ئۈچۈن تۇتقۇنلاردىن قان ئېلىش ئومۇملاشقان، ئۇلار ئۇنچە كۆپ كىشىگە قەرەللىك قان ئېلىش ياكى ئوكۇل سېلىشتا ئىشپىرىسلارنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىشى مۇمكىنمۇ؟ دېمەك، ئوخشاش ئىشپىرىسنى قايتا قايتا ئوخشىمىغان تۇتقۇنلارغا ئىشلىتىش ئارقىلىق لاگېردا يۇقۇم ئېغىر دەرىجىدە بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇيغۇرلاردىكى يۇقۇم جىنسىي ئالاقە يولى ئارقىلىق تارالدى دېيىلسە، لاگېرلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە سولانغانلىقى، تازىلىقنىڭ ناچار بولۇشى، ئۇيغۇر ئايال ياكى ئەر تۇتقۇنلارنىڭ خىتاي ساقچىلار ۋە گۇندىپايلار تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىغا دائىر پاكىتلارغا قارىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يەنى بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا لاگېرلاردا ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تارقىلىش ئاقىۋىتى كېلىپ چىقىشى تامامەن مۇمكىن.»

لاگېر شاھىتى سايراگۈل خانىم، بۇ ساننىڭ ئېشىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇنداق دېدى:

لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئۈرۈمچىدىكى ئەرلەر ۋە ئاياللار لاگېرلىرىدىكى ناچار تازىلىق شارائىتلىرىنىڭ دەل بۇ خىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوپچە تارقىلىشىغا شارائىت ھازىرلىغانلىقىنى؛ خىتاي رايوندا يولغا قويغان «قوشماق تۇغقان» ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بۇزۇپ، ئۇلاردا تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش خەتىرىنى ئاشۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.