ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بېرىلگەن «ئامان قالغانلارنىڭ كۆزىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بىر نەزەر» ناملىق دوكلات كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.05.03
duq-20-yilliq-xatirilesh-0

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20-يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدا مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 3-ماي، ميۇنخېن. RFA/Sintash

duq-20-yilliq-xatirilesh-2

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20-يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدا دۇنيا پىسخىكا ۋە روھىي كېسەللىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، پىروفېسسور توماس شۇلتز ئېچىلىش سۆزى قىلدى. 2024-يىلى 3-ماي، ميۇنخېن. RFA/Hebibulla Izchi

duq-20-yilliq-xatirilesh-3

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20-يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدا تەتقىقاتچى پىروفېسسور توماس ھېنزېل سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 3-ماي، ميۇنخېن. RFA/Hebibulla Izchi

duq-20-yilliq-xatirilesh-4

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20-يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 3-ماي، ميۇنخېن. RFA/Hebibulla Izchi

duq-20-yilliq-xatirilesh-5

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20-يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 3-ماي، ميۇنخېن. RFA/Hebibulla Izchi

duq-20-yilliq-xatirilesh-1

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20-يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدا خاتىرە سۈرەت. 2024-يىلى 3-ماي، ميۇنخېن. RFA/Hebibulla Izchi

duq-20-yilliq-xatirilesh-8

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20-يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدا لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 3-ماي، ميۇنخېن. RFA/Sintash

duq-20-yilliq-xatirilesh-7.jpg

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20-يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش مۇراسىمىدا زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى 3-ماي، ميۇنخېن. RFA/Sintash

بۈگۈن، يەنى 3-ماي كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20-يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى.

د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئالدى بىلەن ياۋروپادىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي دوكلات بېرىش بىلەن باشلاندى. «ئامان قالغانلارنىڭ كۆزىدىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا نەزەر» ناملىق چوڭ تىپتىكى دوكلاتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا كۆرسەتكەن پىسخىكىلىق تەسىرلىرى ۋە مەنىۋىي يارىلىرى پاكىتلار ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلات بېرىش يىغىنىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى قاتناشتى.

ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكلات بېرىش يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىنى دۇنيا پىسخىكا ۋە روھىي كېسەللىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، پىروفېسسور توماس شۇلتز سۆزلىدى. ئۇ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق بىر مۇھىم تېمىنىڭ گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت-ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتى پىسخىكا پەنلىرى ئىنستىتۇتىدا مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ تېمىغا قاتناشقانلىقى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلالىغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشاللىق ھېس قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ تۈرگە مەسئۇل كىشىلەردىن بىر بولغان، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرىنىڭ دىرېكتورى بەختىيار ئۆمەرنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، بۇ تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەش جەريانىدا ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان بىر نۇقتىنىڭ مەزكۇر تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقانلارنىڭ ئەڭ كىچىكىنىڭ 16 ياش، ئەڭ چوڭىنىڭ 60 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ئىكەنلىكى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان روھى زەربە ۋە ئىزتىراپلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا، شۇ جۈملىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۇ يىغىندا دوكلات سۇنغان ۋە بۇ تۈرگە مەسئۇل كىشىلەردىن يەنە بىرى، پىروفېسسور توماس ھېنزېل بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىلىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ مۇھىم جاينىڭ دەل ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا نەق مەيدان تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، مانا مۇشۇ ئەمەلىي سەۋەب تۈپەيلى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوبيېكتلىرىنى، شاھىتلىرىنى ۋە چەت ئەللەرگە ھايات قېچىپ چىقالىغانلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىي پاكىتلارغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق خەلقئارا سوتقا ئەرز قىلىش ۋە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ ئىمكانىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى غەيۇر قۇربانمۇ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ تېمىغا قاتناشقاندىن بۇيان ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان نۇقتىنىڭ دەل زىيارەت قىلىنغان ئوبيېكتلارنىڭ جاۋابى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، زىيارەت قىلىنغان 13 كىشىدىن 12 سىنىڭ «قانداق قىلغاندا بۇ روھىي جاراھەت ۋە بېسىمدىن قۇتۇلالايسىز؟» دېگەن دېگەن سوئالغا، «شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولۇپ، خەلقىمىز خىتاينىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلغاندا ئاندىن ئۆزىمىزنى خۇشال ھېس قىلالايمىز» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

گېرمانىيەنىڭ بادېن ئۆلكىسىمۇ ئوخشاش ۋاقىتتا بۇ خىل پىسخىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىدىن بىرنى باشلىغان بولۇپ، بۇ تۈرگە 3 مىليون ياۋرودىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىلغان. گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخې شەھىرىدىكى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ بۇ تۈرگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتىكى بەزى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىرى، ئامېرىكا ۋىرجىنىيە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پىسخولوگىيە كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئەقىدە جۈمەدۇر. ئۇ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يوشۇرۇن ئاڭ قاتلىمىغا قالدۇرغان پىسخىكىلىق جاراھەتلىرىنى تەتقىق قىلىشنى باش تېما قىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشلىرىنى لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش» پىروجېكتنىڭ باشلامچىسى. ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان بىر ياش تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قالدۇرغان پىسخولوگىيەلىك ئاسارەتلىرىنى يوشۇرۇن ئاڭ نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىشى، بۇ قېتىمقى يىغىندا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە بىۋاسىتە ئۇچرىغان ۋە ھازىرغىچە نۇرغۇن دۇنياۋى مەتبۇئاتلار ۋە ئورۇنلاردا گۇۋاھلىق بېرىپ كېلىۋاتقان قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ بۈگۈنكى بۇ يىغىندا قايتا گۇۋاھلىق بېرىپ ئۆتتى. ئۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارنىڭ تېخىچە توختىمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەر بىر شەخسنىڭ بۇ روھىي جاراھەتنى ئۇنتۇپ كېتەلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئۆز كەچمىشىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.