د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا مەشھۇر ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.
10-ئىيۇن كۈنى ئەنگلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئالىي مەكتەپلىرىدىن بىرى بولغان ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. يىغىنغا دولقۇن ئەيسا بىلەن بىرگە د ئۇ ق نىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ۋە د ئۇ ق سەھىيە-ئېكولوگىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر توختىلارمۇ قاتناشقان.
د ۇ ق رەئىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تۇنجى قېتىم 2020-يىلى 3-ئايدا ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنى بىر قېتىم دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلار د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ قانداق بولۇپ بۈگۈنكىدەك بىر ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچىگە ئايلانغانلىقى توغرىسىدا سوئاللار سورىغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى كەچمىشلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالغان.
4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە لوندوندا داۋام قىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن كەلگەن د ئۇ ق نىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ دوكلات بېرىش يىغىنى ھەققىدە توختالغاندا، د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بەرگەن دوكلاتىنىڭ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا كۈچلۈك تەسىر قىلغانلىقىنى، يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب شەكلىدە ناھايىتى قىزىقارلىق ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، كېلەچەكتە ئەنگلىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغان بۇ ياشلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ لوندوندا قالغان بىرقىسىم د ئۇ ق رەھبەرلىرى ھازىر 11-ئىيۇندىن 13-ئىيۇنغىچە داۋام قىلىدىغان ئەنگلىيەدىكى G7 يىغىنىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ كۈنتەرتىپنى ئىگىلىشى ۋە يىغىندىن ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ياخشى بىر نەتىجىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسەتمەكتىكەن.