5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تور يىغىنىدا سۆز قىلغان، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇرانت ئادىل ئەرئۇيغۇر، ئۇيغۇر دوپپىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭلىك ۋە باراۋەرلىكى نۇقتىسىدىن ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر دوپپىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي قاتلامغا نىسبەتەن ھەر خىللىقتىن بىر خىلغا ئايلىنىشى مىللىيلىك نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم دەپ ئويلايمەن، بىزنىڭ كىيىملىرىمىز ئىجتىمائىي تەبىقىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ، بىزنىڭ ھازىرقى دوپپىمىز جەمئىيەت نۇقتىسىدىن قاتلام-تەبىقە ئايرىماستىن بايمۇ، نامراتمۇ، زىيالىيمۇ، دىندارمۇ بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنى تەشكىل قىلىدىغان بارلىق قاتلاملار كىيىدىغان بىر مىللىي كىيىمگە ئايلىنىپ بولدى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭلىك ۋە باراۋەرلىكى نۇقتىسىدىنمۇ دوپپىنىڭ ئەھمىيىتى بار دەپ قارايمەن».
5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەپ ھەر خىل يىغىن ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دوپپا كىيگەن رەسىملىرىنى ھەمبەھىرلىشىپ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىمەكتە.
دوپپا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن، ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەش تور مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان دوكتور گۈلنار ئېزىز خانىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دوپپىسى قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى كىيىم مەدەنىيىتىنى ياش ئەۋلادلارغا ئۆگىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە دوپپا بايرىمى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دوپپا بايرىمىنى 2010-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، بىز نېمە ئۈچۈن دوپپا بايرىمى دەپ بايرام قىلدۇق، دېگەندە، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز بۇنى ئۇنتۇلۇپ كەتمىسۇن، بىزنىڭ مۇشۇنداق گۈزەل بىر ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىيمىگەندىكىن ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بۇ بايرام ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە خاتىرىلەپ مېڭىۋاتىمىز، بىزنىڭ دوپپا، كانۋاي كۆڭلەك ۋە ئەتلەس كۆڭلەكلىرىمىزنى بىزنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىمىز دەپ كىيىدىغان بولدۇق، چەتئەلدىمۇ بىز بۇنى باللىرىمىزغا ئۆيدە ئۆگىتىپ مېڭىۋاتىمىز، مۇشۇنداق شارائىتتا كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى قەدىرلەش، بۇنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى ھەر بىر ئائىلىدە باللىرىمىزغا بىلدۈرۈش، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىپ مېڭىش بەك مۇھىم، ۋەتەندە ھەممە نەرسە زاۋۇتلىشىپ كەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن قول-ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىمىز ئىنتايىن خەۋپ ئىچىدە قالدى، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆگەتمىسەك بۇ مەدەنىيەت ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەدەنىيەتنى تىرىلدۈرۈشىمىز كېرەك».
بۇ قېتىمقى «5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» سۆھبەت پروگراممىسىدا يەنە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى سابىق مۇدىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم، ئامېرىكادا ياشاۋاتقان شائىر تاھىر ھامۇت ئىزگىل قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دوپپىلىرى ۋە ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداشتىكى رولى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى تەسىرى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ تور مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
