«5-ماي دوپپا بايرىمى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ نامايەندىسىگە ئايلانماقتا

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۇيغۇرلار ئائىلە بويىچە يارىشىملىق ئۇيغۇر دوپپىلىرى ۋە كۆركەم ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ، «5-ماي دوپپا بايرىمى» نى تەبرىكلەش ئادىتى ئومۇميۈزلۈك ئېقىمغا ئايلانماقتا.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 5-ماي كۈنىدىكى «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» نى يىللاردىن بۇيان تور ئارقىلىق تەبرىكلەشنى ئومۇملاشتۇرغان بولۇپ، بۇ كۈندە ئۇيغۇرلار ھەر خىل ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى ئەۋج ئالدۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ فېيسبۇك، ئىنستگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلاردا «5-ماي دوپپا بايرىمى» كۈنىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا كىيىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىيىم ئەنئەنىلىرىنى نامايان قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان.

ئامېرىكانىڭ ۋېرجىنىيە شىتاتى فايىرفاكىس شەھىرىدىكى «مېھرىبان ئانىلار ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتەپ» نىڭ مۇدىرى سۈرەييە ئابلىمىت خانىم، بۇ يىل يەكشەنبە كۈنىگە توغرا كېلىدىغان «5-ماي دوپپا بايرىمى» نى كۈتۈۋېلىش پىلانى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە 5-ماي كۈنى يەكشەنبىلىك دەرسكە كېلىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارغا شۇ كۈنى يارىشىملىق ئۇيغۇر دوپپىلىرى ۋە ئۇيغۇرچە مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ دەرسكە كېلىش تەلەپ قىلىنغان.

سۈرەييە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە 5-ماي، يەنى يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئانا تىل مەكتىپى جايلاشقان «ئۇيغۇر مەركىزى» دە «ئۇيغۇر بازار» كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. پائالىيەتتە مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۇيۇملىرى سېتىلىدىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر بازىرى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتىمۇ جامائەتنىڭ شۇ كۈنى ئۇيغۇرچە دوپپا ۋە كىيىملىرىنى كىيىپ كېلىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «مېھرىبان ئانىلار ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» قۇرۇلغان 7 يىلدىن بۇيان، ئۇلار ھەر يىلى دېگۈدەك «5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» ۋە «نورۇز بايرىمى» غا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئىزچىل ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىكەن. بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى كىيىپ، ئۇيغۇرچە ياسىنىپ، ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىغان ياش-ئۆسمۈرلەر، ئۇيغۇر كىيىملىرىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ياش بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردا ئۆز مىللىي كىملىكىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىكەن.

ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر فولكلورى كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇغان ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مېھرىئاي مەمتېلى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوپپا ئۇيغۇر كىيىم مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆرنەكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا باش كىيىملەرنىڭ 50 تىن ئارتۇق ھەر خىل شەكىلدىكى تۈرلىرى بار ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر باش كىيىملىرى ئىچىدە ئۇيغۇر دوپپىسى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئەڭ روشەن ئىپادىلەيدىغان بىر بەلگە ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر قايسى بوستانلىقلار ۋە ئوخشىمىغان يۇرتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىم ۋە دوپپىلىرىدا روشەن پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ، بىر كىشىنىڭ دوپپىسىغا قاراپلا ئۇ كىشىنىڭ قايسى يۇرتلۇق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدىكەن.

مېھرىئاي مەمتىلى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» سەپسەتەسىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، مىللىي مەدەنىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى زورلاپ تېڭىپ، ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

مېھرىئاي مەمتىلى خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ ئۆرنەكلىرىنى خىتايچە قىلىپ ئۆزگەرتىش ياكى ئۇيغۇر سەنئىتىنى نامايان قىلىدىغان سەنئەت پىروگراممىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنىڭ ئورنىغا قايسى مىللەتكە تەۋەلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان، ئەبجەش ۋە خىتايچىلاشتۇرۇلغان سەھنە كىيىملىرىنى بازارغا سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مېھرىئاي مەمتىلى خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار «5-ماي دوپپا بايرىمى» ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايراملىرى ۋە دىنىي بايراملىرىدا، دوپپا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي كىيىملىرىنى كىيىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى نامايان قىلىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش روھىنى نامايان قىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەن.

شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىم مەدەنىيىتى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، 2-ماي كۈنى فېيسبۇكقا يوللىغان يازمىسىدا دوپپىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ «سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق كىتابىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، «بۈگۈنكى كۈندىكى گۈمبەز شەكىللىك دوپپىلار بولسۇن ياكى قەدىمكى زاماندىكى تەلپەكلەر بولسۇن، ھەممىسىلا ئۆرە ھالەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر روھى خۇددى ئاشۇ ئۆرە دوپپىلارنىڭ مەزمۇت ۋە تىك قىياپىتىگە ئوخشايدۇ. دوپپىنىڭ ھەر بىر تال تالاسىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىزتىراپلىرى بار، دوپپىنىڭ جىيەكلىرىدە ئۇلارنىڭ ئەقىدە-ئېتىقادلىرى بار، دوپپىنىڭ تۆپىلىك ۋە ناۋالىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇرۇۋۋەتلىك بىرلىكى بار» دەپ يازغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» تەشەببۇسى 2009-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. 2010-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ باش كىيىم كىيمەسلىك بۇيرۇقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قىز-ئوغۇللار بىردەك دوپپا كىيىپ مەكتەپكە كېلىش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي تېڭىپ، ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، 5-ماي كۈنىدىكى «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى نامايان قىلىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش روھىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانماقتا.