«ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شېئىرىيەت توغرىسىدا» دېگەن نامدىكى كىتاپ ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021-06-01
Share
«ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شېئىرىيەت توغرىسىدا» دېگەن نامدىكى كىتاپ ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شېئىرىيەت توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى ۋە پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى ئەپەندى چۈشەندۈرۈلگەن بەت.
RFA/Arslan

«ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شېئىرىيەت توغرىسىدا» ناملىق بۇ كىتابقا ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ مىللىي ئازادلىق يولىدا ئېلىپ بارغان قەلەم ۋە ئەلەم كۈرەشلىرى، خەلقنى ھۆرلۈككە چاقرىپ شېئىر يازغان شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىن بىر قىسىم ئارىيەلەر تاللىنىپ كىرگۈزۈلگەن.

بۇ كىتابنى ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان پروفېسسۇر سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى ئەپەندى نەشىرگە تەييارلىغان بولۇپ، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشىر قىلغان.

بۇ كىتاپ 9 باپ 472 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ كىرىش قىسمىدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە شېئىرىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، ئاساسىي خۇسۇسىيەتلىرى، شېئىرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە تۈرلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىتابتا يەنە شائىر ۋە شېئىرنىڭ ئەھمىيىتى، شۇنداقلا خەلقنى ھۆرلۈككە ئۈندەش ۋە كۈرەش قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرى ھەم رولى توغرىسىدا بايان بېرىلگەن.

بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كىتابنىڭ مۇئەللىپى پروفېسسۇر سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ كىتابنى ئۇيغۇر ياش شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ پايدىلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ يازغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كىتاپتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان شائىرلىرىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى، ئابدۇقادىر داموللام، نىمشېھىت، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، لۇتىپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇلئەزىز مەخسۇم، تۇرغۇن ئالماس، ئىبراھىم تۇردى قاتارلىق شائىرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ خەلقنى قەلەم ۋە ئەلەم بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئۈندەپ يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرىدىن ئۈلگە كۆرسەتكەن.

سۇلتان مەخمۇت ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن جەڭگىۋار شائىرلىرىنىڭ خەلق بىلەن ھەمنەپەس ۋە تەقدىرداش بولۇپ، ۋەتەننىڭ ھۆررىيىتى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قۇربانلارنى بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى ئۇيغۇر شائىر ۋە ئەدىبلىرىنىڭ خەلقنى كۈرەشكە چاقرىپ يازغان ئەسەرلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، ۋەتىنىمىزنى مانجۇ-خىتاي باسقۇنچىلىرى بېسىۋالغاندىن كېيىن تالاي ئۇغۇل-قىزلىرىمىز دۈشمەنگە قارشى ۋەتەننى قوغداش يولىدا ئۆز جانلىرىدىن كەچتى. خەلقىمىز باسقۇنچىلارغا قارشى كۈرەشتە قەلەم ۋە ئەلەم كۈرىشىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆتكۈر قورال ئارقىلىق جەڭ قىلدى. قەلەم كۈرىشى ئەلەم كۈرىشىگە تۈرتكە ۋە كۈچلۈك ياردەمچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان بولسا، ئەدىبلىرىمىز، شائىرلىرىمىز ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىلىق نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتىپ خەلقىمىزنىڭ زور دەرىجىدە مەنىۋى ۋە روھى ئويغىنىشقا تۈرتكە بولدى. ياش ئەۋلادلارنى كۈرەشكە دەۋەت قىلدى. خەلىقنى ۋەتەننى قۇتقۇزۇشقا چاقىردى.»

مەزكۇر كىتابتا مەرھۇم شائىر ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ خىتاي مۇستەملىكچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىپ زۇلۇم زىندانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى، خەلقنى ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتكە گىرىپتار قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ يازغان تۆۋەندىكى شېئىرىنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتكەن:

كۆيۈپ ھەسرەت ئوتىدا ئاھ ئۇرۇپ، يەپ قايغۇ-غەملەرنى،

كەچۈردۇق باشىمىزدىن تۈرلۈك دەردۇ-ئەلەملەرنى.

ۋەتەن، مىللەتنى شۇم باسقۇنچىلارغا تارتقۇزۇپ قويغاچ،

چەكتۇق خارۇ-زارلىقتا ئازاب، زۇلمەت-سىتەملەرنى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت