خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «تەڭرىتاغ تورى» ۋە «خىتاي يازغۇچىلار تورى»نىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ خۇڭسېن بىلەن خىتاي مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تىې نىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان. ئۇلار ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە ئېچىلغان يىغىنلاردا سۆز قىلىپ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» چاقىرىقىنىڭ رايوندىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدىكى «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» زىيارىتى جەريانىدا، «پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش»، «ئاساسىي قاتلامدىكى يازغۇچىلار قوشۇنىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش»نى تەلەپ قىلغان. خىتاي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ خۇڭسېن سۆزىدە «يازغۇچىلار ‹شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش› تىكى ئاساسلىق قوشۇن بولۇشى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.
مەلۇمكى، 2016-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مىللىي ئىدېئولوگىيەسى ۋە پىكىر ئېقىمىنىڭ ئىنژېنېرلىرى بولغان ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى سەرخىللارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش گىردابىغا يۈزلەندۈرگەن ئىدى. ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ چوڭ نەشرىيات بولغان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىغا دائىر بىرەر پارچىمۇ كىتاب نەشر قىلمىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىئىي-ئىجتىمائىي پىكىرىنى يېتەكلەپ مېڭىۋاتقان پەرھات تۇرسۇن، يالقۇن روزى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر، ھاجى مىرزاھىت كېرىمى، ياسىنجان سادىق چوغلان، ئادىل تۇنىياز، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى، چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىق يۈزلىگەن شائىر ۋە يازغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا ھەم تۈرمىلەرگە قامىغان ئىدى. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىغا قاراتقان مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ باستۇرۇشى، خىتاينىڭ 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللىي مائارىپنى چەكلىگەندىن بۇيانقى ئەڭ زور مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرىدىن بىرى بولغان ئىدى.
بۇ قېتىم خىتاي مەملىكەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بىلەن خىتاي مەملىكەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ، رايوندىكى قىپقالغان يازغۇچى-شائىرلارغا «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» تېمىسىنى مەجبۇرلاپ تېڭىشى، كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.
گېرمانىيەدىكى دوكتور رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىۋاتقان ياش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا بازارغا سېلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» تەشەببۇسى ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ماھىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ تەشەببۇسنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي مەدەنىيىتىنى دەسسىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر سىياسەت ئىكەنلىكىنى؛ بۇ تېمىنى نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى يازغۇچى-شائىرلارغا زورلاپ تېڭىش ئارقىلىق، ئۇلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسى بىلەن تەڭ قەدەمدە ماڭىدىغان، كومپارتىيە نېمىنى تەشەببۇس قىلسا شۇنى سايرايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە يۇقىرى تېخنىكالىق تەقىب سىستېمىسىدا ئەڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان ساھەلەرنىڭ بىرى – ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسى بولغان ئىدى. يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن بىلەن شائىر ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ دېلوسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قاراتقان يوقىتىش خاراكتېرلىك باستۇرۇشىنىڭ ئەڭ يارقىن مىساللىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. شائىر ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى، 2016-يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ خايفا (Haifa) ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقاتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆز خەلقىگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قايتقان ئىدى. ئۇ ئىسرائىلىيەدىكى ۋاقتىدا خىتاي يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ خانىم بىلەن تونۇشقانلىقى مەلۇم. شائىر ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ ئۇ توغرىلىق «تارىم، بىر ئۇيغۇرنىڭ ھېكايىسى» ناملىق مەخسۇس ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ بۇ قېتىم ئىسرائىلىيەدىن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر يازغۇچىلار تىلغا ئېلىنسىلا ئۆزىنىڭ شائىر ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقىنى ئەسلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا سىستېمىلىق ۋە كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات شامىلى قوزغاپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى؛ ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» چاقىرىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان يۈكسەك دەرىجىدىكى بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدا يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى دېگەندەك ئورۇنلار، كومپارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيەسى ۋە تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى ‹ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تارىخى يوق›، ‹مەدەنىيەتسىز ھەم قالاق› دەپ قاراپ، ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان ساختا تارىخنى ئۇلارغا زورلاپ تېڭىپ، مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزمەكتە. ئۇلار زور كۆلەملىك ئادەم كۈچى ۋە ئىقتىسادىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ھەر جەھەتلەردىن يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتى بۈگۈنكى كۈندە پەقەتلا ئۆزىنى مەمنۇن قىلىدىغان ياكى رازى قىلىدىغان؛ ‹گەپ ئاڭلايدىغان› يازغۇچى-شائىرلارغا چىقىش يولى بېرىپ، قونچاق سۈپىتىدىكى بۇ كىشىلەردىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئەكسىچە، ئۆزى بىلەن قەلبداش بولمىغان يازغۇچى- شائىرلارنى ئاللىبۇرۇن لاگېرلارغا قاماپ، تۈرمىلەرگە سولاپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي ئەلگىكىدىن تاسقاپ ئۆتكۈزۈپ بولدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنچلۇق ئەھۋالدۇر.»
خىتاي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ خۇڭسېن يەنە ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان بۇ قېتىملىق «تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش» زىيارىتىدە، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ رايوندىكى يازغۇچىلار قوشۇنىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ بۇنى «ھەممىدىن مۇھىم بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت» دېگەن.
دۇنيا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، ئەسلىدىنلا زەربە بېرىش نىشانى بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ ئېغىر پاجىئەلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىمۇ ئېلىپ بارماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرى، پىكىر تەلقىنلىرى ۋە ھۆر ئىرادىسىنى ئەسىرلەر بويى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، شۇنداقلا بىر يۈرۈش تارىخىي رومانلار ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىنى بۈگۈنگە ئۇلىغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نۆۋەتتە ئەڭ ئېغىر زەربە نىشانىغا ئايلانماقتا. مانا مۇشۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە پەيتتە، پەرھات تۇرسۇن قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى چەت ئەللەردە ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى نامايان قىلىنماقتا. دەرۋەقە، قىش ئۆتۈپ ھامان باھار كېلىدۇ، قاراڭغۇ كېچىدىن كېيىن ھامان تاڭ ئاتىدۇ. ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كېلەچىكىگە قارىتا ئۈمىدىنى ھەرگىزمۇ يوقاتماسلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ۋە شۇنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇپتىمەنكى، ئۇيغۇرلار ھامان بىر كۈنى قەددىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ!»
