«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ خىزمەت دائىرىسى كېڭەيمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-01-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» 72 ياشلىق شەمشىقەمەر ئانىنىڭ غۇلجىدىكى مەلۇم بىر لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە تارقاتقان گۇۋاھلىق فىلىمى. 2019-يىلى 30-ئاۋغۇست.
«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» 72 ياشلىق شەمشىقەمەر ئانىنىڭ غۇلجىدىكى مەلۇم بىر لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە تارقاتقان گۇۋاھلىق فىلىمى. 2019-يىلى 30-ئاۋغۇست.
Social Media

غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىملىرىغا، قارشىلىقلىرىغا قارىماي خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتى داۋاملاشماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئالدىنقى يىلى 12-ئايدا «لاگېردىكىلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆيلىرىگە قايتتى» دېگەن يالغان باياناتىغا قارشى مەلۇماتلار خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا توختىماي ئېلان قىلىنماقتا. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يالغانچىلىققا قارشى گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىق پائالىيەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا تارتىۋاتقان، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىگە تۈرتكە بولىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، 2017-يىلىدىن باشلاپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا بەرگەن گۇۋاھلىقىنى رەسمىي ئارخىلاشتۇرۇش خىزمىتى نورۋېگىيەدە باشلانغان بولۇپ، مەخسۇس «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» قۇرۇپ چىقىلغان ئىدى. 
«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سىن كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپلا قالماي، يازما شەكىلدىكى گۇۋاھلىق ماتېرىياللىرىنى يوللاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى يەنىمۇ كۆپەيگەن.

بەختىيار ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى نىسبەتەن كۆپ بولغان تۈركىيەدىن جازا لاگېرلىرىدىكى قېرىنداشلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» تۈركىيەدە مەخسۇس خىزمەتچى تەيىنلەپ، گۇۋاھلىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە باشلىغان. 

«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ قولىغا ھازىر جازا لاگېرلىرىدىكى 5 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ماتېرىيالى توپلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە لاگېردا قازا قىلغان كىشىلەر ۋە ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن نارىسىدە بالىلارنىڭمۇ ئارخىپلىرى باركەن. 

«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» لاگېر ياكى تۈرمىلەردىكى ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشنى خالايدىغان مۇھاجىرەتتىكى ھەرقانداق شەخس ياكى بۇ خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان ھەرقانداق تەشكىلات بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. 

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان خىزمەتلىرى توغرىسىدىمۇ قىسقىچە توختالدى. «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى ئامبىرى» نىڭ تېخنىك خادىمى ئادىلجانمۇ بۇ گۇۋاھلىق ئارخىپلىرىنى توپلاش خىزمىتى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. 

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، توپلانغان بۇ ئارخىپلار ئىلگىرى بىر قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى قاتارلىق ئورگانلارغا يوللانغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت