ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينى ماختىغان ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.04.02
ereb-doletliri-partiye-wekilliri-1024 ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى تۇرپاندىكى كارىز مۇزېيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى مارت، تۇرپان
ts.cn

پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافات قۇرغان فاتاخ، يەنى پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىنقىلابى كومىتېتى ۋە پەلەستىن خەلق كۈرەش فرونتى قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلىنغان ۋە ماشىڭرۇي ئۇلارنى ئۈرۈمچىدە كۈتۈۋالغان. مەزكۇر ۋەكىللەر ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختىيار ھايات ئىچىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى باھانە قىلىپ خىتايغا قارا چاپلىشىنىڭ ئاساسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مۇتەخەسسىسلەر، ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پەردازلاش، ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئۆزىگە تارتىپ ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن دۇنيانى بۆلۈش مەقسىتىدە ئەرەب دۆلەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۇيغۇر ئېلىغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

2023-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس خىتايدا زىيارەتتە بولغانىدى. ئۇ بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇ «ھازىر بەزىلەر كۆتۈرۈپ چىققان ‹شىنجاڭ مەسىلىسى› كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى تېررورلۇققا، ئاشقۇنلۇققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش مەسىلىسىدۇر. پەلەستىن ھۆكۈمىتى ‹شىنجاڭ مەسىلىسى› نى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېگەن ئىدى. بۇ ئارقىلىق مەھمۇد ئابباس ئوچۇق-ئاشكارا خىتاينىڭ «ئىرقى قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنى قوللىغانىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي، پەلەستىن، مىسىرى ۋە سۈرىيە قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى ئۈرۈمچىدە كۈتۈۋالغان ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئۈرۈمچىدە ئەرەب دۆلەتلىرى پارتىيە كادىرلىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى. 2027-يىلى 27-مارت، ئۈرۈمچى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئۈرۈمچىدە ئەرەب دۆلەتلىرى پارتىيە كادىرلىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى. 2027-يىلى 27-مارت، ئۈرۈمچى
chinaarabcf.org

ما شىڭرۇي سۆھبەتتە مۇنداق دېگەن: «بىز يېڭى دەۋردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى پۈتۈنلەي، توغرا ۋە ئەتراپلىق يولغا قويدۇق. شىنجاڭ مەدەنىيەت بىلەن بېيىتىلىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتقا ئېرىشتى. شىنجاڭ رايونىدىكى ۋەزىيەت ئىناق ۋە مۇقىم بولۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم كۈچلەر شىنجاڭ ھەققىدە يالغان ئۇچۇر تارقىتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاينى چەكلەش ۋە كونترول قىلىشتۇر».

ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى (Council on American Islamic relations) نىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى روبېرت مەككاۋ: (Robert McCaw) ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ بۇ زىيارىتىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:

«ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلەر ۋەكىللىرى ئۆمىكىنىڭ تەشۋىقات ساياھىتىنىڭ مەقسىتى بولسا خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى ئاقلاش. ئامېرىكا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا ۋە باشقا دىنىي ئاز سانلىقلارغا قارشى ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بۇ خەلقئارالىق سىياسەتنىڭ ئويۇنى بولماسلىقى كېرەك. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى كۆرسىتىلىپ، جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شىنجاڭغا زىيارەتكە بارغان ئەرەب رەھبەرلىرى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۆمەككە باشچىلىق قىلغان ۋە شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا سېلىنىۋاتقان زۇلۇمنى يوشۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتى خادىملىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرماي، تەسىرى بولغان يەرلىك مۇسۇلمانلار بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيمىز.»

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلەر ۋەكىللىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكى كۆرگەن سەھنە ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە تاللانغانلىقى ۋە مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«دېمەكچىمەنكى، شىنجاڭدا ھۆكۈمەت شىنجاڭغا كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ نېمىلەرنى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە نېمىنى كۆرمەيدىغانلىقىنى كونترول قىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئۇسسۇلچى ۋە ناخشىچى ئارتىسلار ئۆمىكىنى تەكلىپ قىلىپ ئويۇن قۇيۇپ بېرىدۇ. ئۇلار چالغۇ چېلىپ يالغاندىن كۈلۈمسىرەپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئوينايدۇ. ئېنىقكى، ھۆكۈمەت ھەقىقىي ئۇيغۇر مۇسۇلمان دىنىي ئۆلىمالارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئويۇن قويغان كىشىلەر، سەھنە ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە تاللانغان ۋە مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يەنى شىنجاڭغا كەلگەن ۋەكىللەر ھەقىقىي شىنجاڭنى ئەمەس ھۆكۈمەت كۆرسەتكەن شىنجاڭنى كۆرىدۇ».

پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان خىتاي ئىزچىل تۈردە پەلەستىننى قوللاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ھال يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىگە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. خىتاينىڭ ئۆز تەسىرىنى ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىدە كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشى ھازىر ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ئۇلارنى ئامېرىكا بىلەن پۇت تېپىشىشىدىكى يەنە بىر ۋاسىتە، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسك (Henryk Szadziewski) خىتاينىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە رايونىدىكى سىياسىي پارتىيەلەردىن تەشكىللەنگەن بۇ ئۆمەكنىڭ ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ ما شىڭرۇينىڭ سۆزىگە رەددىيە بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۇلارنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى يالغان ئۇچۇر تارقىتىۋاتىدۇ دېگىنى توغرا ئەمەس. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئاقلاش، ئۆتكۈزگەن جىنايىتىگە قارىماستىن ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىش ۋە دۇنيانى ئىدېئولوگىيە ئاساسىدا بولۇش مەقسىتىدە بۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلدى. يەنە كېلىپ، بۇ ئۇچۇرلار پەقەت بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدىن كەلگەن. بىز نېمىشقا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دائىم يالغان سۆزلەيدىغانلىقى داۋاملىق ئىسپاتلانغان ھۆكۈمەتكە ئىشىنىشىمىز؟ بۇ توغرۇلۇق كۆپ ھۆججەتلەر بار. بۇ ھۆججەتلەرنى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر تەمىنلىگەن. ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىن رازى ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كۆپلىگەن ئەرز-شىكايەتلىرى بار.»

خىتاينىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە رايونىدىكى سىياسىي پارتىيەلەردىن تەشكىللەنگەن بۇ ئۆمەكنى تەكلىپ قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بۇ نۇقتا روشەن گەۋدىلەنگەن؛ ما شىڭرۇي ئۆمەك ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ئۇلارغا مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۆمەكتىكىلەرنىڭ زىيارەت ۋە ئېكىسكۇرسىيەلىرى داۋامىدا شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى چوقۇم تېخىمۇ ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر چۈشىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە تىنچ-ئىناق، ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈزەل شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشىنى قارشى ئالىمىز».

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىم زىيارەتكە كەلگەن ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلەر ۋەكىللىرى تۇشمۇتۇشتىن سۆز قىلغان. ئۇلار سۆزلىرىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مىسلىسىز ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، ھەر مىللەت خەلقى بەختىيار ھايات ئىچىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى باھانە قىلىپ خىتايغا قارا چاپلىشىنىڭ ئاساسى يوقلۇقىنى، قايتقاندا ئۆزلىرىنىڭ چوقۇم شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ۋە خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

مەزكۇر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم زىيارەتكە كەلگەن ئەرەب دۆلەتلىرى سىياسىي پارتىيەلەر ۋەكىللەر تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، فاتاخ، يەنى پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىنقىلابى كومىتېتى ئەزاسى باسسام زاكارنى، سۈرىيەنىڭ سابىق مەمۇرىي تەرەققىيات ۋە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى، سۈرىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ئابدۇللا خېلىل، لىۋان سوتسىيال تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەبىبە ئوئېن، مىسىر كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەئىد ئابدۇللا زايىر، پەلەستىن خەلق كۈرەش فرونتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەت ئالۇش قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلغان. فاتاخ ئىنقىلابىي كومىتېتى بىر سىياسىي پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۆتىدىل سوتسىيالىزمنى تەشۋىق قىلغانلىقى بىلىنمەكتە.

ئامېرىكا كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول (Mustafa Akyol) خىتاينىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە رايونىدىكى سىياسىي پارتىيەلەردىن تەشكىللەنگەن بۇ ئۆمەكنى تەكلىپ قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ مەقسەت ۋە نىشانى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ئۇيغۇرلارغا پەۋقۇلئاددە زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. خىتاي بىر تەرەپتىن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئورۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىش، يەنى كۆز بوياش. يەنە بىر تەرەپتىن ئىرقى قىرغىنچىلىققا قارشى دۇنيادا پەيدا قىلىدىغان ئىنكاسنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن دائىم تەشۋىقات قىلىۋاتىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ بىر تاكتىكىسى. خىتاي بۇ توغرۇلۇق كۆپ تىرىشىۋاتىدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى سولچى ھەرىكەتلەر شەرق دۆلەتلىرىدىن بولغان رۇسىيە ۋە خىتايغا بەك ھېسداشلىق قىلىدۇ. غەربكە بولغان نارازىلىقى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ، يەنى بۇ پەلەستىن مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئەمما بۇ ئۇلارنى ھەقىقەتنى كۆرمەيدىغان قارىغۇ قىلماسلىقى كېرەك. ئۇلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئىختىلاپى ۋە غەربكە بولغان نارازىلىق ئىنكاسلىرى ئۇلارنى خىتايغا ئاشىق قىلماسلىقى كېرەك. خىتاي بۇ يوچۇقلاردىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. خىتاي بۇرۇندىن تارتىپ تۈركىيەدىكى ماركسىزمچى، سولچى ھەرىكەت ۋە گۇرۇپپىلارنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىپ كەلگەن. بۇلار تۈركىيەدىكى ماۋ زېدۇڭ تەرەپدارلىرىدۇر. مەسىلەن، تۈركىيەدىكى دوغۇ پىرىنچەك (Doğu Perinçek) ۋە ئۇنىڭ پارتىيەسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتىدۇ. ئېنىقكى، خىتاي ئەرەب دۇنياسىدىكى بۇ سول ھەرىكەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتى سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى ئويلاۋاتىدۇ. ئەرەب دۇنياسى ئەسلىدە خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.»

ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ (马聚) ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل دىپلوماتىيە سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بولغان ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئامېرىكادىن ئايرىش ۋە ئۆزىگە تارتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ما شىڭرۇينىڭ ئەرەب دۇنياسى بىلەن بولغان بۇ ئالاقىسى ۋە ئەرەب دۇنياسىدىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دىپلوماتىيە يولى، يەنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دىپلوماتىك سىياسىتى. بۇ، ما شىڭرۇينىڭ بۇ يېڭى دىپلوماتىك سىياسەتكە ئەگىشىپ ئۇنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ، بۇ خىل دىپلوماتىك سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ دۇنيادىكى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئالاقىسى بولغان دۆلەتلەرنى، بولۇپمۇ ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئامېرىكادىن ئايرىش ۋە ئۆزىگە تارتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش. پەلەستىن ۋە ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ غەرب مۇستەملىكىچىلىك ئاستىدا ياشىغان ئازابلىق تارىخى جەريانى بار. بۇ يەردە بۇ ۋەكىللەر ئويلاپ باقمىغان بىر مۇھىم نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ خىتاي ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى مۇستەملىكە قىلىۋالدى. خىتاي بۇنى يوشۇرۇۋاتىدۇ. بۇ، ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئامېرىكا ۋە غەربكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يول تېپىشتۇر.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.