ئۇيغۇرلارنىڭ گېنىغا ئائىت ماقالىنىڭ ئىلمىي ژۇرنالدىن ئۆچۈرۈلۈشى، ئىلىم-پەندىكى كەسپىي ئەخلاق مەسىلىسىنى قايتا ئوتتۇرىغا چىقارغان

0:00 / 0:00

يېقىندا گوللاندىيەدىكى بىر ئىلمىي ژۇرنالدا ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ گېن ئۇچۇرلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى، ئىلىم-پەن تەتقىقاتىدىكى كەسپىي ئەخلاق مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقارغان.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 6-ئايدا گوللاندىيەدىكى «Elsevier» ناملىق نەشرىيات ئۆز قارمىقىدىكى «خەلقئارا قانۇن دوختۇرلۇقى ئىلمى: ئىرسىيەتشۇناسلىق» ناملىق ژۇرنالدا 2019-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر ئىلمىي ماقالىنى ئىلمىي تەتقىقاتتا زۆرۈر بولغان ئەخلاقىي شەرتلەرنىڭ ھازىرلانمىغانلىقى سەۋەبىدىن ژۇرنال سەھىپىسىدىن ئۆچۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

مەزكۇر ژۇرنال سەھىپىسى ئۆچۈرۈلگەن بۇ ماقالىنى ئەسلىدە خىتاي ۋە دانىيەلىك تەتقىقاتچىلار ئۈرۈمچىدە 203 نەپەر ئۇيغۇر ۋە قازاقنىڭ قان ۋە شۆلگەي ئەۋرىشكىسىنى يىغىپ، ئامېرىكانىڭ «تېرموفىشىر» ناملىق بىئو-تېخنىكا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان گېن تەرتىپلەش تېخنىكىسىنى سىناق قىلىش ئاساسىدا يازغان ئىكەن. بۇ ماقالىگە «ئىرسىيەت تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقىنىڭ كىملىك ئالاھىدىلىكىنى ئانالىز قىلىش» دەپ ماۋزۇ قويۇلغانلىقى مەلۇم.

ماقالە ئاپتورلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەتقىقاتىنىڭ ساقچىلارنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى تەرتىپلەش تېخنىكىسى ئارقىلىق گۇماندارلارنى ئېنىقلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن. ئۇلار ماقالىسىدە «گېن ئۆزگىرىشلىرىنى ئېنىق ئانالىز قىلىش شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە تارىخىنى چۈشىنىشتە ناھايىتى مۇھىم. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ساقچىلار ئۈچۈن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە پايدىلىق يىپ ئۇچى بېرىدۇ» دەپ يازغان.

ھالبۇكى، بۇ ماقالە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى مەجبۇرىي يىغىپ، ئۇنى خالىغانچە ئىشلىتىش مەسىلىسىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەن بېلگىيەدىكى لېۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئۇۋېس موراۋ (Yves Moreau) نىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇ گوللاندىيەدىكى ئىلمىي ژۇرنال بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئەندىشىسىنى يەتكۈزگەن. پروفېسسور ئۇۋېس موراۋنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2019-يىلى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالە ھەققىدىكى ئەندىشىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولۇپ، يۇقىرىقى ژۇرنال بۇ ماقالىنى ئاخىرى بۇ يىل 6-ئايدا ئاندىن ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ماقالىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن مەن ئىلمىي ژۇرنال بىلەن خېلى بۇرۇنلا ئالاقە قىلغان ئىدىم. خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن ئاخىرى ئۇلار بۇ ماقالىنى ژۇرنال سەھىپىسىدىن ئۆچۈرۈش قارارى چىقىرىپتۇ. بىراق ئۇلار بۇ ماقالىنى ئۆچۈرگەنلىكىنى ماڭا خەۋەر قىلماپتۇ. ئۇنى مەن ئۆزۈم بايقىدىم. قارىغاندا، بۇ ژۇرنال بۇ ئىشنى جىمجىت بىر تەرەپ قىلايلى، دېگەن ئوخشايدۇ. مەن بۇ ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان 20-25 پارچە ماقالىگە پىكىر يازغان ئىدىم. مەن ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىمۇ جاۋاب قايتۇرۇشىنى كۈتۈۋاتىمەن.»

پروفېسسور ئۇۋېس موراۋنىڭ دىققىتىنى تارتقان شۇ خىلدىكى ماقالىلەرنىڭ يەنە بىرى، خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشىدىكى بىر تەتقىقاتقا ئائىت دوكلات بولۇپ، ئۇمۇ ئۇيغۇرلاردىن توپلانغان قان ئەۋرىشكىسىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئېرسىيەت-گېن ئۇچۇرلىرى تەھلىل قىلىنىپ يېزىلغان ئىكەن. بۇ تەتقىقات ماقالىسىمۇ 2023-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان «ئەدلىيە ئىلمى تەتقىقاتى» (FSR) ناملىق ژۇرنالنىڭ 2022-يىلى 6-ئايدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى خالىغانچە يىغىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر يۇقىرىقى ھەر ئىككى تەتقىقات ماقالىسىدە ئىشلىتىلگەن قان ئەۋرىشكىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا يىغىۋېلىنغانلىقىغا، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىنغان ئادەملەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بۇنداق بىر تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

پروفېسسور ئۇۋېس موراۋنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بۇ ژۇرناللار بىلەن ئالاقە قىلغاندا يۇقىرىقى تەتقىقات ماقالىلىرىدە كۆرۈلگەن كەسپىي ئېتىكىلىق (ئەخلاقىي) مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن كەسپىي ئەخلاق جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. مەسىلەن، كەسپىي ئەخلاق دېگىنىمىزدە بۇ تەتقىقات ئىنسانلارغا ياكى مەلۇم بىر گۇرۇپپىغا زىيان كەلتۈرەمدۇ؟ ئىلمىي ۋە ئېتىلىلىق پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدىمۇ، دېگەن سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. گېن تەتقىقاتلىرىدا كىشىلەر ئۆزىنىڭ قان ۋە گېن ئۆرنەكلىرىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بەرگەن بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە بۇ ئۆرنەكلەرنىڭ قانداق بىر تەتقىقات ئۈچۈن قوللىنىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن رازى بولغان بولۇشى كېرەك. مەن خىتايدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقىلارنىڭ، ھەتتا خىتايلارنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق بىر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن.»

دەرۋەقە، نۆۋەتتە گوللاندىيەدە تۇرۇۋاتقان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا دائىرىلەرنىڭ قان ئەۋرىشكىسى، بارماق ئىزى ۋە كۆز قارىچۇقى دېگەندەك گېن ئۇچۇرى ئەۋرىشكىسى يىغىش خىزمەتلىرىنى ئاھالىلەر كومىتېتلىرى ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئۇقتۇرۇشلار بىلەن قىلىدىغانلىقىنى؛ بۇنى ئاھالىلەرنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ 2016- يىلىدا چاقىرتىلىپ، قان، بارماق، كۆز قارىچۇقى، ئاۋاز ئەۋرىشكىلىرىنى بەرگەنلىكىنى، بۇ تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى ئېيتتى.

دەرۋەقە، يۇقىرىقى ھەر ئىككى ماقالە ئاپتورىنىڭ بىرىنىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن ئالاقىسى بولغان خالمۇرات ئىسمائىلجان ئىسىملىك بىرى بولۇشى، بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. موراۋ ئەپەندى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى «ئەدلىيە ئىلمى تەتقىقاتى» (FSR) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى ژۇرنالغا رەسمىي يوسۇندا بىلدۈرگەن.

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان «ئەدلىيە ئىلمى تەتقىقاتى» ژۇرنىلى (FSR) نىڭ ھەمكارلاشما باش مۇھەررىرى ۋىئىرا دورتې نۇنو (Duarte Nuno Vieira) موراۋ ئەپەندىگە قايتۇرغان جاۋابىدا خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قوللىغان بۇ تەتقىقات تۈرىنىڭ ژۇرنال بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مەزكۇر تەتقىقات ماقالىسىدە قان ئەۋرىشكىسى قوللىنىلغان 264 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يازما ئىجازەتنامىسى بارلىقى ھەققىدە مەلۇمات بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق موراۋ ئەپەندى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىرېنې ترېسېيغا يوللىغان ئېلخېتىدە «بۇنداق ئىجازەتنامىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بېرىلىشى لازىملىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىجازەتنامىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يازغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقى» نى ئەسكەرتكەن.

يۇقىرىقى ھەر ئىككىلا تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئاپتورلىرى كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدلىيە گېنولوگىيە فاكۇلتېتىدىن كلاۋس بېرستىڭ، نىلس مورلىڭ ۋە خالمۇرات ئىسمائىلجان قاتارلىقلار بولۇپ، خالمۇرات ئىسمائىلجاننىڭ ئىسمى ماقالىدە شىنجاڭ ساقچى ئىنىستىتۇتىغا مۇناسىۋەتلىك، دەپ تىلغا ئېلىنغان.

موراۋ ئەپەندى بۇ ۋەقەنى كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمدە يەنە يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ژۇرناللارنىڭ تەھرىرات بۆلۈملىرى ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان جاۋابىدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مايا ۋاڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە بۇنداق ماقالىلەرنى تەكشۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەۋرىشكىلەرنى يىغىش جەريانىدىكى ۋەھشىيلىكلەرنى نەزەرگە ئالغاندا، بۇنداق ژۇرناللارنىڭ خىتاي ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەردىن يىغىۋېلىنغان ئەۋرىشكىلەر ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈش ئىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارايمەن. بۇ ژۇرناللارنىڭ بۇنداق ماقالىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلمەسلىكى ئېھتىمالدىن ئۇزاق.»

پروفېسسور يىۋېس موراۋ 2021-يىلىمۇ تۇنجى قېتىم ئامېرىكادىكى «مولېكۇلالىق ئىرسىيەت ۋە گېن مېدىتسىناسى» ژۇرنىلىدا خىتاي تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلىنغان شۇنداق ماقالىلەرنى بايقىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى سۈرۈشتۈرۈشى نەتىجىسىدە بۇ ژۇرنالنىڭ تەھرىرات ھەيئىتىدىكى 8 كىشى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ئىدى.