ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر: «ئۇيغۇر رايونىدىكى ‹پاراۋانلىق مەكتەپلىرى› ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنە بىر سەھنىسىدۇر»

مۇخبىرىمىزشۆھرەت ھوشۇر
2021-08-16
Share
ئۇيغۇر  كۆزەتكۈچىلەر: «ئۇيغۇر رايونىدىكى ‹پاراۋانلىق مەكتەپلىرى› ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنە بىر سەھنىسىدۇر» خوتەن شەھرىگە جايلاشقان بىرھۆكىمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بالىلار يەسلىسى
AP

بىز 8-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى پروگرامىمىزدا،  يەركەننىڭ چاھارباغ يېزىسىدا  بىر كەنت يەسىلىسىدە ئوقۇۋاتقان 30 بالىدىن 25 نەپىرىنىڭ تۇتقۇنلار پەرزەنتى ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇر رايونىدا ئاتا-ئانىسى تەڭلا تۇتۇپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ مەخسۇس تەسىس قىلىنغان «پاراۋانلىق مەكتەپلىرى» دە ئوقۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندىلەر، «پاراۋانلىق» نامىدىكى مەزكۇر مەكتەپلەرنىڭ نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پاكىتىلا ئەمەس، بەلكى ئېچىنىشلىق بىر سەھنىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ تاقىلىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تاقالمىغانلىقى ۋە بىر قىسمنىڭ ۋىۋىسكىسى تۈرمىگە ئۈۆزگەرتىلىپ، مەۋجۇدىيىتى داۋام قىلىۋاتقانلىقى ھەر كۈنى دېگۈدەك تۈرلۈك پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلىشىمىزدا يەركەننىڭ چاھارباغ يېزىسىدىكى بىر كەنت يەسلىسىدە ئوقۇۋاتقان 30 بالىدىن 25 نەپىرىنىڭ تۇتقۇنلار پەرزەنتى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. مەزكۇر يەسلىنىڭ مىڭ نوپۇسلۇق بىر كەنتتىكى يەسلى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «بۇ سان ئالدى بىلەن مەزكۇر كەنتتە كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ يېشى 20-30 ئارىسىكى ياشلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.» 

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا ئائىلە مائارىپىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارنى مانا مۇشۇ مائارىپتىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇشقا ھەركەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. 13-ئاۋغۇست كۈنىدىكى ئېنىقلىشىمىزدا مەزكۇر بالىلارنىڭ رۇخسەت بېرىلگەن ئەھۋال ئاستىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن 5-10 مىنۇت ئەتراپىدا ئالاقىدار خادىملارنىڭ نازارىتى ئاستىدا كۆرۈشىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بالىلارنىڭ يېشى كۆزدە تۇتۇلغاندا بۇ «يەسلى» لەرنىڭ «تەلىم-تەربىيە ئورنى» ئەمەس، بىر قىيىن-قىستاق ئورنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ خىل مائارىپ تۈزۈمىنىڭ  دۇنيادا ئېتىراپ قىلىنغان ئىلمىي قانۇنىيەتلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ قېيىن-قىستاق مائارىپىنىڭ، ماھىيەتتە خىتاي دۆلەت مائارىپىدىكى بىر مەغلۇبىيەتلىك ئاقىۋەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يەسلىكى 25 بالىنىڭ ئاتا-ئانىسدىن پەقەت بىر تەرەپ تۇتقۇندا بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسى تۇتۇلغانلار، «پاراۋانلىق مەكتىپى» نامىدىكى دارىلتاملاردا تەربىيەلەنمەكتە ئىكەن. 

سەۋەب ۋە نەتىجە نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سەبىي بالىلارنىڭ ئائىلە قوينىدىن ئايرىۋېتىلىشىنىڭ بالىلار ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن بىر پاجىئە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، «پاراۋانلىق» دېگەن چىرايلىق نام ئاستىدىكى بۇ «مەكتەپ» لەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەھنىسى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغچۇىلار، يۇقۇرىدا يەركەن چاھارباغ يېزىسىدىكى بىر كەنت يەسلىسىدە ئوقۇۋاتقان 30 بالىنىڭ 25 نەپىرىنىڭ تۇتقۇنلار پەرزەنتى ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت