ھېنرى شاجىۋىسكى: «خىتاي ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ھاشار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلاپ تۇرۇشنى ئىستەيدۇ»
2024.01.11
ھاشار-يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر دەرىجىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھاشارنى ئۇيغۇرلارنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش، ئېزىش ۋە كونترول قىلىشنىڭ بىر خىل ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
يېقىندا خىتاينىڭ «دوۋيىن» ناملىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا، بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان يېزىدىكى كىشىلەرنىڭ قېرى-ياش، ئاجىز-ئورۇق، كېسەلمەن ياكى ئايال-بالا دەپ ئايرىلماستىن ھەممىسىنىڭ بىردەك ئېغىر ھاشار ئەمگىكىگە ۋە تۈگىمەس سىياسىي يىغىن-ئۆگىنىشلەرگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا چىقارغان بىر قىسقا ۋىدىيوسى تارقىتىلغان. ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ فېيسبۇك (Facebook) سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن بۇ ۋىدىيو كۆرۈنۈشى جىددىي ئىنكاس قوزغىماقتا. مەزكۇر ۋىدىيودىكى كۆرۈنۈشلەردىن بۇ جاينىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچتۇرپان ناھىيەسى ئوتباش يېزىسىنىڭ سۆگەتلىك كەنتى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بىز بۇ ۋىدىيودىكى بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوتباش يېزىسىدىكى سۆگەتلىك كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا ۋە شۇنداقلا باشقا بىر قانچە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. ئەپسۇسكى، قايتا-قايتا ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز ئۇلىنىشى بىلەنلا ئۈزۈۋېتىلدى.
ئىلگىرى رادىيومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىنمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ زىممىسىدىكى ھاشار سېلىقىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى، بۇ خىلدىكى ھەقسىز ئەمگەكلەرنىڭ بۇ جايلاردا ھەر يىلى ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە ئەۋجىگە چىقىپ، ھاشارغا ئىشلەيدىغان ۋاقىتنىڭ ئۇدا بىرقانچە ئايغىچە داۋام قىلىدىغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. بۇ ھەقتىكى ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا يەنە ھاشار ئەمگىكىگە قاتنىشالمىغانلار ۋە ياكى تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىيالمىغانلارغا ئېغىر جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ياكى ئوخشىمىغان تۈردىكى جازالارغا تارتىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى يېقىندا ئاشكارا بولغان بۇ ۋىدىيوغا قارىتا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ھاشار ئەمگىكىنى بىكار قىلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ھاشار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك يەنىلا ھەر خىل شەكىللەردە داۋام قىلىپ كەلگەن ئىكەن. ھېنرىي شاجېۋىسكى ئەپەندى، يۇقىرىقى ۋىدىيودىن مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئېلىدا ھاشارنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى:
«بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھاشارنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ساھەدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ گۇمانىنى راستقا چىقاردى. يەنى ئەينى ۋاقىتتا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ھاشارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى توغرىلىق بەلگىلىمە چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارىغان ئىدى. ئۇلار نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟ مېنىڭ قارىشىمچە، ھاشار يېزا ئاھالىلىرىنى كونترول قىلىشنىڭ بىر خىل شەكلى. مەلۇمكى، يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھاشار سېلىقىغا بوي سۇنۇشقا مەجبۇر بولۇشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مېنىڭچە، خىتاي بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ھاشار بىلەن ئۆزىگە باغلاپ تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، ھاشار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغان كىشىلەر تۈرمىگە كىرىشى مۇمكىن.»
تۈركىيەدىكى ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچى يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا ھاشارنى ئوخشىمىغان ناملاردا ۋە ئوخشىغان شەكىللەردە يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى تۈرلۈك ھاشار ئەمگەكلىرىگە تۇتۇش ئارقىلىق، رايوندا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئەمگەك كۈچى بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ھاشارنىڭ ئەمەلىيەتتە سېپى ئۆزىدىن ھەقسىز مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
دەرۋەقە، ھاشار ئەمگىكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ 1950-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىنى كوممۇنالاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ خىل مەجبۇرىي ۋە ھەقسىز ئەمگەك ئەمەلىيەتتە زامانىۋىي قۇللۇق ئەمگىكىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، مەجبۇرىي ھالدا كوللېكتىپ ئىگىلىككە كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بارغانسېرى نامراتلىشىشىنى، شۇنداقلا باشقا نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
2016-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنى قۇرۇپ، مىليونلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى لاگېرلارغا سولىدى. ئاندىن لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسمىنى خىتاي زاۋۇت-فابرىكىلىرىدا ھەقسىز ۋە ياكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئورنىدا ئىشقا سېلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دائىرىلەرنىڭ لاگېر سىرتىدىكىلەرنىمۇ داۋاملىق تۈردە تۈرلۈك مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
يېقىندا خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2023-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 20 مىليون توننادىن ئېشىپ، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغان. بۇ سانلىق مەلۇمات كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يېڭى ئاشلىق سىياسىتى مەلۇم جەھەتتە رايوندىكى ھاشار، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلار بىلەن باغلىنامدۇ-قانداق، دېگەن گۇماننى پەيدا قىلماقتا.
ھېنرىي شاجېۋىسكى ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغانلىقى بىلەن ھاشار، مەجبۇرىي ئەمگەك ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارنىڭ ھازىرچە بەك كۆپ ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پاختا تېرىشتىن بۇغداي تېرىشقا ئۆزگىرىشنىڭ ئىسپاتى بارلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى:
«بۇنىڭدا بىر قانچە يوشۇرۇن ئامىللار مەۋجۇت. چۈنكى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارغا ئېمبارگو ياكى جازا قويۇش بىر ئىش؛ ئاشلىق ۋە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ‹دۆلەت بىخەتەرلىكى› ياكى ‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى دۆلەت بىخەتەرلىكى› دەپ چۈشىنىش باشقا بىر ئىشتۇر. شۇڭا مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، بۇ خىل ئۆزگىرىش چوڭ ھەرىكەتنى، چوڭ ئىلگىرىلەشنى ۋە زور دەرىجىدىكى ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىنىدۇ. يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پاختىدىن بۇغدايغا تەدرىجىي ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ سىياسەتنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، مېنىڭچە ئۇنىڭغا نىسبەتەن خىتاي دائىرىلىرى مەلۇم تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەك. شۇڭا، شۇنداق، مەن ھاشارنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان پىلانلىرىنىڭ بىرى دەپ قارايمەن.»
يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى، ئۇيغۇر رايونىدىكى پەمىدۇر، پاختا قاتارلىق يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئىنتايىن مول بولغان يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ خىتاينى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا، جۈملىدىن ئەڭ چوڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئەمما ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسىلە پەقەتلا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن.