ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي ئەمگەك (ھاشار) قۇربان ھېيت كۈنلىرىمۇ توختىمىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.06.25
uyghur-hashar-osteng-chepish-1.jpg ھاشارغا مەجبۇرلىنىپ ئۆستەڭ چېپىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلار. ئاقسۇ.
Social Media

خىتاي دائىرىلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك، يەنى ھاشارنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى خېلى يىللار بۇرۇن ئېلان قىلىپ بولغان ۋە نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە ۋە مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرىدە دەلىللىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئۆتكەن ھەپتىدىكى قۇربان ھېيت كۈنلىرىمۇ توختىمىغان.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ فېيسبۇك ھېسابىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاھالىلەر قۇربان ھېيت كۈنلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان. خەۋەردىكى سىن كۆرۈنۈشىدە كۆپىنچىسى ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن يۈزلەرچە كىشىنىڭ مايسا ھالەتتىكى قوناقلىقتا ئىشلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەسلىدە «دوۋيىن» دا تارقالغان بۇ سىن كۆرۈنۈشىگە قىستۇرۇلغان ناخشا ۋە مۇزىكىدىمۇ ئاھالىلەرنىڭ ھېيت كۈنىدىكى بۇ ئەمگەكتىن بىزار بولۇش ۋە قاقشاش كەيپىياتى ئەكس ئەتكەن.

بىز بۇ ھېيت كۈنىدە داۋام قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە تېلېفون قىلدۇق.

 مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ شەھەر ئىگەرچى بازىرىدىكى بىر كەنتتىن بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنىڭ 1-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھاشارغا 170 كىشى قاتناشقان. ھاشار سەھەر سائەت 5 تىن 7 گىچە داۋام قىلغان. ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدىكى بىر كەنتتىن 120 كىشى ھاشارغا قاتناشقان. ھاشار جەريانىدا ئاھالىلەر ئاساسەن ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىش، يول ياساش، كۆۋرۈكلەرنى رېمونت قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا سېلىنغان. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، شايار ناھىيەسىدە بۇ يىل 1‏-ئايدىن باشلاپ سەھەر سائەتلىرىدە داۋام قىلىۋاتقان ئىككى سائەتلىك ھاشار، بۇ يىل قۇربان ھېيتقا كەلگەندە 5 سائەتكە چىقىرىلغان. ھاشارغا 18 ياشتىن 65 ياش ئارىلىقىدىكىلەر قاتناشتۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قۇربان ھېيت كۈنى سېلىنغان ئىشلارنىڭ ھېچ بىرسى پەسىل خاراكتېرلىك ئەمەس بولۇپ، بۇ ئىشلارنى ئەسلىدە ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن توختىتىپ قويۇشقا ياكى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈشكە بولىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشار روزا ھېيت مەزگىلىدىمۇ داۋام قىلغان ئىدى. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندى، ئەسلىدە ھېيت كۈنلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دەم ئېلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش كۈنىلا بولماستىن، ياراتقۇچىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر ئىبادەت كۈنى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھېيت كۈنلىرىدە ئىشلەشنىڭ تەشەببۇس قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئابدۇرېشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجرائاتىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنى ئۆز مىللىي ۋە دىنىي بايراملىرىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، ھېيت كۈنى ھاشارغا سېلىشنىڭ بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئەنە شۇ بايراملارنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

نورۋېگىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، 2017‏-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندىن كېيىن، بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ھېيت ئۆتكۈزمەسلىكنى ئۆزىنى قوغداش مېخانىزمى سۈپىتىدە ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا قوبۇل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

روزا ھېيت كۈنىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتە ئاھالىلەر پارنىكلىق ئېتىزلارغا پەمىدۇر كۆچىتى تىككەن. بەزى كۆرۈنۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كورلادا پەمىدۇر كۆچىتى تىكىلىۋاتقان كۈنى قاتتىق بوران چىققان، ئاھالىلەر بىر تەرەپتىن سوغۇقتىن توڭلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئېتىزدا دۈم يېتىپ، بوران ئۇچۇرۇپ كېتىۋاتقان يالتىراق قاتارلىق پارنىك ئەسلىھەلىرىنى قوغداش بىلەن زەخمەت چەككەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.