ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» رەڭدار مەزمۇنلار بىلەن تولدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.12.16
uyghur-heptiliki.jpg ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تىل مەركىزىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» ئۆتكۈزۈلدى. 2024-يىلى دېكابىر.
Photo: RFA

 ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات فاكۇلتېتى (CEUS) ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى مەركىزى (CeLCAR) نىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» 9-دېكابىردىن 12-دېكابىرغىچە داۋام قىلغانىدى. پائالىيەتنى تەشكىللەشكە مەسئۇل خادىملاردىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى گۈلنىسا نازاروۋا خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «9-دېكابىر ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىق كۈنى» گە توغرىلاپ ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەت باشلىنىش ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پائالىيەتكىمۇ توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان: خىتاينىڭ چىكاگو شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ مۇدىرىيىتىگە ئېلخەت يوللاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر ھەپتىلىكىنى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭغا قارىماي بىر ھەپتىلىك پائالىيەت كۈن تەرتىپى بىلەن ئىنتايىن رەڭدار ۋە نەتىجىلىك تاماملانغان.

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» نىڭ پەردىسىنى «ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش: ھازىرقى جىددىي تەخىرسىزلىك» لېكسىيەسى بىلەن ئاچقان، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى گۈلنار ئېزىز 12-دېكابىرغىچە بىر ھەپتە داۋام قىلغان ئۇيغۇر ھەپتىلىكىدە قانداق پائالىيەتلەرنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ گۈزەل قىياپىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ باي ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيىتى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت ئەپەندىنىڭ «كامېرا كۆزىدىكى ئانا ۋەتىنىم» ناملىق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ۋە رەسسام جوي بوستۋىكنىڭ «يوقىلىش گىردابىدا: ئۇيغۇر يۇرتىنى كەزگەن سۇ بوياق ساياھىتى» تېمىسىدىكى سۇ بوياق سەنئەت كۆرگەزمىسىدە تولۇق ئەكس ئەتكەن ئىدى. بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوقىتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى قوغداشقا بېغىشلانغان بولۇپ، گۈزەل-سەنئەت نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، تىنچلىقپەرۋەر ۋە مەدەنىيەتلىك خەلق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى ۋە مول مەزمۇنلۇق كۆپ خىل مىراسلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. داڭلىق ئۇيغۇر مۇزىكانت مۇختار جانبازنىڭ نەق مەيداندا ئورۇنلىغان مۇقام ۋە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى ئۇيغۇر ھەپتىلىكىدە سەنئەتلىك شەكىلدە جۇلالانغان. ئۇيغۇر مۇزىكانت مۇختار جانباز ئەپەندى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ھاياجان ئىچىدە ئىپادە قىلدى.

«ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» جەريانىدا يەنە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىي، ئۇيغۇر مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن جەۋھەر ئىلھامنىڭ ھايات ھېكايىسى ۋە ئەسلىمىلىرى تەسۋىرلەنگەن «شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمى كۆرسىتىلدى. بۇ فىلىمدا مىليونلىغان ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى ئاشكارىلانغان بولۇپ، فىلىم ئاخىرلاشقاندا، مەزكۇر فىلىمنى ئىشلىگۈچى جانىس ئېنگلېخارت، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋە جەۋھەر ئىلھاملار كۆرۈرمەنلەر بىلەن سۆھبەتكە قاتناشتى.

«ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» نىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگە ئوخشىمىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلمىي دوكلات ۋە لېكسىيەلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. شۇلاردىن ئامېرىكىدىكى دوكتور پەيزۇللا زەيدۇن ئەپەندىنىڭ «زىيادە تەرەققىياتنىڭ تەسىرى ۋە تۇراقسىز يەر ئىشلىتىشنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى» ناملىق دوكلاتى، تۈركىيەدىن كەلگەن دوكتور مەغپىرەت كامالنىڭ «ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇنىڭ يېزىق مىراسلىرى» تېمىسىدىكى لېكسىيەسى زور قىزىقىش قوزغىدى. دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم، بىر ھەپتىلىك پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن مول ۋە نەتىجىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

 «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» نىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىدە ئاساسلىق كۈچ چىقارغۇچى ئورۇنلاردىن ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى گاردېنېر بوۋىڭدون (Gardner Bovingdon) ئەپەندى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» نىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى:

 «بىز گۈلنىسا نازاروۋا خانىم بىلەن تەڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز ھەمدە ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدا بۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش دەپ بىلىمىز. چۈنكى ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۇزاق مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش پىروگراممىسى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە. شۇڭا بۇ پىروگرامما ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، تىل سىياسىتى ۋە تارىخى توغرۇلۇق ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ۋە سەنئەتكارلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى لايىق تاپتۇق.»

پىروفېسسور گاردېنېر سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلدى: «يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى بولسا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن بېسىملىرىغا يۈزلەنمەكتە. ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە ئۆزىنىڭ، تىل ۋە مەدەنىيەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەھدىت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلار، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۇچراۋاتقان بېسىملارنى كەڭ دائىرىدە يەنىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىرىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلايمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تېخىمۇ كەڭ دۇنيا جامائىتىگە تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.