ۋاشىنگتوندا «ئۇيغۇر ھەپتىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.05.03
Uyghur-Heptiligi.jpg دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئۇيغۇر ھەپتىسى» پائالىيىتى ھەققىدە قۇرۇلتاي تور تېلېۋىزىيەسىدە سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 26-ئاپرېل.
Social Media

د ئۇ ق مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق بۇ يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ ۋاشىنگتوندا 3 چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى رەسمىي باشلىغان. قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى ھەمدە مۇھاجىرەتتە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن ئاكتىپ مەشغۇل بولۇۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن 30 دىن ئارتۇق كىشى قۇرۇلتاي ئورۇنلاشتۇرغان تېلېفون يىغىنىغا قاتنىشىپ بۇ ھەقتە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بۇ خۇسۇستا قۇرۇلتاي تور تېلېۋىزىيىسىگە قىلغان سۆزىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، 2019-يىلى ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە خىتاي دېموكراتلىرى ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم خاتىرە يىل ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 1949-يىلى «خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى»، 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 10 يىللىقى، 1959-يىلىدىكى «تىبەت ئىنقىلابى» نىڭ 50 يىللىقى، 1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ 30 يىللىقى قاتارلىق تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ خاتىرە يىلى ھېسابلىنىدىكەن.

د ئۇ ق بۇ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ خاتىرە يىلىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا 6-ئايدا ۋاشىنگتوندا 3 چوڭ پائالىيەت تەشكىللەش قارارىغا كەلگەن:

بۇنىڭ بىرى، NED - ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى 2019-يىللىق «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» نى پائالىيەتلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولغان د ئۇ ق غا بېرىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىش مۇراسىمى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. د ئۇ ق بۇ مۇكاپاتنى «يالغۇز د ئۇ ق غا بېرىلگەن مۇكاپات ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بېرىلگەن مۇكاپات، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇجادىلىسى ئۈچۈن بېرىلگەن مۇكاپات» دەپ قاراپ، مۇھاجىرەتتە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە قوبۇل قىلىشتا پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن.

ئىككىنچىسى، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 80 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ھېيت نامىزىنى بىرگە ئوقۇيدىكەن. 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ھەمدە 7-كۈنى ۋاشىنگتوندا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، ئۇيغۇرشۇناسلار، دىپلوماتلار، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى، جازا لاگېرلىرى تەتقىقاتچىلىرى ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئىشتىراكىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئاساسىي تېما قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك 2 كۈنلۈك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ئۈچىنچىسى، 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋە 9-كۈنلىرى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلىدىكەن.

«ئۇيغۇر ھەپتىسى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنىڭ بۇ كۈنلەردە ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان كانادادىكى د ئۇ ق مۇھاجىرلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مەمەت توختى ئەپەندى، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئامېرىكا كونگىرېسىگە سۇنۇلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك 2 قانۇننىڭ تەستىقلىنىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىغا ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش نۇقتىسىدىنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» مۇ باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئوخشاشلا ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «ئۇيغۇر ھەپتىسى» پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقۇچى ئورگانلارنىڭ بىرى بولغان.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، د ئۇ ق ھازىرغىچە ئامېرىكانىڭ سىرتىدىن كېلىدىغان 80 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىگە تەكلىپنامە يوللىغان. چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، دۆلەت ئەربابلىرى، سىياسىيونلار ھەمدە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرىنى قوشقاندا بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە 150 ئەتراپىدا كىشى قاتنىشىدىكەن. كۆپلىگەن ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاكتىپ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.