19-مارت شەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ۋە خىتاي تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «تۈركىيەدىكى خىتاي چۈشەنچىسى ۋە ئۇيغۇر ھەقىقىتى» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىغا گازىئانتېپ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر ھەبىب تۈركەر ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالائىددىن يالچىنقايا «چوڭ كۈچلەر رىقابىتىدە شەرقىي تۈركىستان»، تۈرك ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر «تۈركىيەدە ۋە دىئاسپورادا ئۇيغۇر بولۇش»، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك، «خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى»، دېگەن تېمىلاردا دوكلات بەردى.
يىغىندا ئېچىلىش سۆزى سۆزلىگەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى رەئىسى دوكتۇر پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە خىتاي لوبىيچىلىق(مۇرەسسىچىلىك) پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە تۈركىيەدە بىر قىسىم پارتىيە ئەمەلدارلىرى تەپتارتماستىن تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا ‹ئۇيغۇر يالغانلىرى› دېگەندەك ئۇقۇم پەيدا قىلىشقا باشلىدى، بىز، بۇ نادان ۋە ياكى يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە قارشى رەددىيە بېرىش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا ‹ئۇيغۇر ھەقىقىتى› دېگەن ئۇقۇمنى ئىشلەتتۇق. تۈركىيەدە ئەزەلدىن بۇيان ئومۇملاشقان ‹شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇجادىلىسى› دېگەن ئۇقۇم، ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن خىتاينى قوللىغۇچى بىر قىسىم ياللانمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر مەزگىل خۇددى ‹دىنى رادىكالىزم› ۋە ‹تېررورچى› دېگەندەك ئۇقۇملار بىلەن قارىلاندى، بىز بۇ خاتا ئۇقۇمنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. ‹شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مىللىي ھەق-ھوقۇق ئەركىنلىك دەۋاسى› دېگەندەك چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يىغىن ئۇيۇشتۇردۇق، پائالىيەتلەر ئېلىپ باردۇق، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خەت يازدۇق شۇنىڭدىن بۇيان بۇ خاتا ئۇقۇملارنى ئۆزگەرتىپ ئورنىغا توغرا ئۇقۇملارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىۋاتىمىز».
يىغىننىڭ رىياسەتچى پروفېسسور دوكتۇر ھەبىب تۈركەر ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «بۆلگۈنچى» دېگەن تۆھمىتىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى بۆلگۈنچى بىر ھەرىكەت دەپ بېكىتىش ئۈچۈن ھەر ئىككى خەلقنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە بىر باغلىنىشلىقى بولۇشى كېرەك، ئومۇمىي جەھەتتىن قارايدىغان بولساق تۈركلەر بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا تارىخنىڭ ھېچ بىر دەۋرىدە ھېچقانداق باغلىنىشلىق بولۇپ باقمىغان. ئۇلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوخشاش مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر بىلەن ياشاپ باقمىغان. بەلكى دەل ئەكسىچە بىر-بىرىگە قارشى ھاكىمىيەت تالىشىش ئۇرۇشى قىلىپ كەلگەن. خىتاي تارىختا قانداق قىلىپ تۈرك دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىدىن پارچىلىۋەتكەن بولسا ھەم سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتىدۇ. خىتايلارنىڭ ئەڭ ياخشى قوللىنىپ كەلگەن ئىشى باشقىلارنى سېتىۋېلىش، ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن تۈركىيەدىكى خەلقنىڭ غەربكە قارشى چۈشەنچىلىرىدىن خىتاي كەڭ دائىرىدە پايدىلىنىۋاتىدۇ، ئەمما بىر خاتا سەۋەبىدىن باشقا بىر خاتانى سادىر قىلماسلىق كېرەك، بىزنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىمىز بار، بۇ مەنپەئەتلەرنى قوغداش كېرەك بولىدۇ، بىراق ئۇيغۇر مەسىلىسى مەنپەئەت سەۋەبىدىن تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش بىزنىڭ ھەم مەنپەئەتىمىز ھەم ۋەزىپىمىزدۇر، ئۇلار بىزنىڭ ھەم دىنىي ھەم مەدەنىيەت جەھەتتە ھەم تارىخى يىلىتىزىمىز ئېتىبارى بىلەن بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزدۇر، شەرقىي تۈركىستان تارىخى جەھەتتە خىتاي بىلەن ھېچ قانداق باغلىنىشلىقى يوق، خىتايلارنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ھېچ قانداق تارىخى ئىسپاتىمۇ يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك ۋە ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشىمىز كېرەك».
يىغىندا سۆز قىلغان پروفېسسور ئالائاددىن يالچىنقايا ئەپەندى خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ كۈچلۈك جۇغراپىيەۋى سىياسىي ئەھمىيىتى بولسا بىر بەلۋاغ بىر يول پىلانىنىڭ مەركىزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بولۇشىدۇر. ئۇ يەردىن بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە ۋە رۇسىيەگە تۇتىشىدىغان بىر يول بار ۋە تۈركىيەگە شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيەگە كېڭىيىدىغان بىر يول بار. يەنە بىر تەرەپتىن ئاساسىي نۇقتىسى بولغان قەشقەردىن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغا كېلىدىغان بىر يول بار. بۇ يولنى ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› دەپ ئاتايدۇ، ئەمما مەن ئۇنى ‹بىر ئىشكەل بىر مۇشت› پىلانى دەپ ئاتايمەن. بەزى دوستلار بۇ پىلاننى بەك چوڭ پىلان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇ پىلانغا قېتىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، توغرا، بۇ بەك چوڭ بىر پىلان، بۇ پىلاننىڭ چوڭلۇقى، ئورنىنىڭ مۇھىملىقى دېگەندەك پۈتۈن پايدىنى خىتاي ئالىدۇ. خىتاي بۇ پىلان بىلەن رايوندىكى دۆلەتلەرنى ۋە ئۇ يول تۇتىشىدىغان ئۆتكەلدىكى دۆلەتلەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋاتىدۇ، بەزى دۆلەتلەرگە 50-60-يىللىق توختام بىلەن قەرز بېرىپ توختام تۈزۈۋاتىدۇ ۋە ئىمزا قويغۇزىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ دۆلەتلەر 3-5 يىلغىچە قەرزلىرىنى قايتۇرالمىغاندىن كېيىن توختامنى كوزۇر قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەدەممۇ-قەدەم ئىگىلىۋېلىشقا باشلايدۇ. كۈنىمىزدە ئافرىقىدا كۆپلىگەن دۆلەتلەر مۇشۇنداق ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالدى. ئافرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنى ئۇلار ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ كۆرمەيدىغان كۆپ مىقداردا بايلىققا سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دۆلەتلىرىنى ساتىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان. مۇشۇ خىل تەبىقىدىكى كىشىلەر بىزدىمۇ ھەم مەۋجۇت».
پروفېسسور ئالائىددىن يالچىنقايا سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوغداش ئۈچۈن غەربنىڭ ھەر تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك».
يىغىندا «خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى»، دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يۇقىرىدىكى تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا خىتاينىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان لوبىيچىلىق پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.
ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى سۆزىدە، تۈركىيەدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى تارمىقىدا ھەر خىل ناملاردا ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەر قۇرۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆت تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە ئۈچ رادىيو ئىستانسىسىنىڭ رەسمىي شىركەت شەكىلدە قۇرۇلۇپ تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بۇرمىلاۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ بۇ بۇنىڭغا قارىتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە دىپلوماتىيە جەھەتتە تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.