ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 21 دۆلەتتىكى 33 مۇسۇلمان ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مەركىزى بۈگۈن، 26-ئاپرېل روشەن ئابباس خانىمنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تور سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
بۈگۈن 26-ئاپرېل مەركىزى بىريۇسسېلدا بولغان «ياۋروپا مۇسۇلمان ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى» ناملىق تەشكىلات ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ياۋروپادىكى مۇسۇلمان ياشلارغا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىمنى تەكلىپ قىلىپ، مەخسۇس ئۇيغۇرلار توغرىسىدا رامىزانلىق تور سۆھبىتى پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.
قىسقىچە FEMYSO دەپ ئاتالغان «ياۋروپا مۇسۇلمان ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى» تەشكىلاتى بېلگىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 21 دۆلەتتىكى 33 مۇسۇلمان ياشلىرى تەشكىلاتىدىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە ئورگان بولۇپ، ئۇ دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا 1996-يىلى قۇرۇلغانىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا كېڭىشى، ياۋروپا ياشلار مۇنبىرى، ياۋروپا ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق كۆپلىگەن نوپۇزلۇق ئورگانلار بىلەن زىچ ئالاقىسى بار ئىكەن.
روشەن ئابباس خانىمنىڭ بۈگۈنكى تور سۆھبىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، «ياۋروپا مۇسۇلمان ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى» نىڭ باش كاتىپى نوئۇرھەنە ماھموئۇدى بىلەن ئۇ ئالدىنقى ئايدىكى ياۋروپا زىيارىتى جەريانىدا رىمدا تونۇشقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ «بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدىمەكتىكەن.
«ياۋروپا مۇسۇلمان ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى» بۈگۈنكى تور سۆھبىتى توغرىسىدا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئامېرىكادىكى بىر سىياسىي ئاكتىپ ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
روشەن ئابباس خانىم بۈگۈنكى تور سۆھبىتى توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمىۋېلىۋاتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھۇ-زارىغا قۇلاق يوپۇرىۋېلىۋاتقاندا، ھەتتا سەئۇدى شاھزادىسى سالمانغا ئوخشاش خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرۈۋاتقان مۇشۇنداق ناچار بىر ۋەزىيەتتە، ياۋروپادىكى مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى بولغان ‹ياۋروپا مۇسۇلمان ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى› نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنى مۇسۇلمان دۇنياسىغا كەڭ تونۇتۇشقا بەل باغلىشىنى زور بىر جاسارەت دەپ قارايمەن. چۈنكى، مەزكۇر تەشكىلات يالغۇز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ماددىي ياردىمىگە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە خىتاي بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ماددىي ياردىمىگىمۇ تايىنىدىكەن».
ئۇ يەنە، بۇ قېتىمقى تور سۆھبىتىدە نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ پاجىئەسى ئارقىلىق جازا لاگېرلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتسىزلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا قاراتقان ساختا تەشۋىقاتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىشكە تىرىشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «مەن سۆزۈمدە، شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ھەدەمنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەرنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ بايان قىلىپ بەردىم. خىتاينىڭ دۇنيانى ئالداۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى پۈتۈنلەي ئالداپ كەتكەنلىكىنى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن يەنە 40 تىن ئارتۇق دېموكراتىك دۆلەت ئۆتكەن يىلى ب د ت دا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغاندا، نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ مۇسۇلمانلىق دۇنياسى ئۈچۈن يۈز قارىسى ھەم زور بىر تراگېدىيە بولغانلىقىنى سۆزلەپ، ھېچبولمىسا، مۇسۇلمان ياشلارنىڭ بولسىمۇ ھەق تەرەپتە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى تەكىتلىدىم».
