«21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2023.11.27
Eziz-Eysa-Elkün-doklat-bermekte-1-1024 «21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولى» ناملىق بۇ مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 25-نويابىر، لېۋەن
RFA/Erkin Tarim

24-25-نويابىر كۈنلىرى بېلگىيەنىڭ لېۋەن (Leuven) شەھىرىدىكى ئايرىش (İrish) ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بېغىشلانغان مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن.

«21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولى» ناملىق بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، جازا لاگېرلىرى شاھىتلىرى مەخسۇس دوكلات بەرگەن. يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن تارتىپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى رېئال ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى يۈزلىنىشى قاتارلىق تېمىلاردىمۇ جىددىي تالاش-تارتىشلار ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار، جازا لاگېرلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، بېلگىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر بولۇپ جەمئىي 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. يىغىندا گوللاندىيەدە تۇرۇۋاتقان جازا لاگېرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تېمىسىدا، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى» تېمىسىدا دوكلات بەرگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئاڭلاتقان.

«21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولى» ناملىق بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 25-نويابىر، لېۋەن
«21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولى» ناملىق بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش، 2023-يىلى 25-نويابىر، لېۋەن
RFA/Erkin Tarim

بېلگىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىندا گەرچە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىمۇ ئاڭلىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما يىغىننىڭ ئاساسلىق مۇھاكىمە نۇقتىسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مەركەزلەشكەن. يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش تەشۋىقاتى، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا پەيدا قىلغان تەسىرى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش سۇيىقەستى قاتارلىقلار تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىن بىز ئۈچۈن ياخشى بىر مۇنبەر بولدى. يەنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق كەم قالغان جايلارنى تولۇقلايدىغان بىر پۇرسەت بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بىريۇسسېل شەھىرىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە، ئىلمىي ساھەلەردە ۋە ئىنستىتۇتلاردا مۇشۇنداق پۇرسەتلەر يارىتىلماقتا. بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گەرچە يىغىندا نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنا مەسىلىسى، غەززەدىكى توقۇنۇشلار ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى توقۇنۇشلار ھەققىدە مۇھاكىمىلەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما يىغىندىكى قىزىق نۇقتا يەنىلا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مەركەزلەشتى. بۇ يىغىنغا بېلگىيەدە تۇرۇۋاتقان تۈركلەرمۇ كۆپلەپ ئىشتىراك قىلدى. مەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر يىغىن بولدى، دەپ قارايمەن. »

«21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولى» ناملىق بۇ مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، ئوڭدىن سولغا قەلبىنۇر سىدىق، پېننى گىرىن (Penny Green) ۋە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن. 2023-يىلى 25-نويابىر، لېۋەن
«21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولى» ناملىق بۇ مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، ئوڭدىن سولغا قەلبىنۇر سىدىق، پېننى گىرىن (Penny Green) ۋە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن. 2023-يىلى 25-نويابىر، لېۋەن
RFA/Erkin Tarim

لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ ئۆزىنىڭ دوكلاتىنى ئىنتايىن قىزىقىپ ئاڭلىغانلىقىنى، دوكلاتىنىڭ ئاخىرقى قىسمىنىڭ سوئال-جاۋاب شەكلىدە ئاخىرلاشقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئۆزىنىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى» ناملىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ 2017-يىلىدا ئەمەس، بەلكى 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن باشلانغانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

«21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولى» ناملىق بۇ يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگەن بەزى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئالاھىدە توختالغان. ئۇلار ھەر قايسى دۆلەتلەرنى خىتايغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان. ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يىغىندا لوندوندىكى خانىش مارى (Queen Mary) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پېنني گرېن (Penny Green) خانىم «يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ دېلولار توغرىسىدىكى كۆزىتىشلىرى» ماۋزۇلۇق دوكلات بەرگەن. ئۇ بۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي توختالغان.

«21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولى» ناملىق بۇ مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 25-نويابىر، لېۋەن
«21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولى» ناملىق بۇ مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى 25-نويابىر، لېۋەن
RFA/Erkin Tarim

يىغىن جەريانىدا يەنە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا دوكلاتلار بەرگەن. بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەرمۇ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىپ، پىكىر بايان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.