رەيچىل خاررىس: «ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، زېمىنى ۋە دىنىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ»

0:00 / 0:00

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر سەنئىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتى (SOAS) نىڭ ئوقۇتقۇچىسى رەيچىل خاررىس خانىم 23-مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزىنىڭ پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىنى «مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىكى ئىجادچانلىق، جامائەت بولۇپ ياشاش ۋە سوپىزمغا مۇناسىۋەتلىك ئېلېمېنتلار» دېگەن تېمىدا ئورۇنلاشتۇرغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قىلىشتا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغان.

ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بۇ پەيتتە بىز بۈگۈنكى بۇ مۇراسىمدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىۋاتىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا تۇغۇلغان يۇرتىغا بولغان چوڭقۇر سىغىنىش ئىچىدە ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتۇق. ئاخىرىدا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تۈركىيەدە بىخەتەرلىكى ۋە نورمال تۇرمۇشى ئېىنىقسىز ھالەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاڭلاتتۇق».

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مۇراسىم د ۇ ق لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا SOAS يىپەك يولى كوللېكتىپىنىڭ باش ناخشىچىسى رەھىمە مەھمۇت خانىم ئورۇندىغان ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى بىلەن باشلانغان. رەھىمە خانىمنىڭ ناخشىلىرىغا رەيچىل خاررىس خانىم ئۇيغۇر سازلىرىدىن بىرى بولغان دۇتار بىلەن تەڭكەش قىلغان.

رەھىمە مەھمۇت خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل مۇزىكا-ناخشىلىرى ئارقىلىق ئاڭلىتىشنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە مۇزىكا تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇقەددەس مىجىت خانىممۇ مەزكۇر مۇراسىمغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. مۇراسىمدا ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان، بىر قىزنىڭ ئانايۇرتىغا بولغان ھەسرىتى ئىپادىلەنگەن قىسقا ھېكايىسىگە كىرىشتۈرۈلگەن زامانىۋى ئۇسۇل ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانايۇرتىغا بولغان ھەسرىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «سۈرگۈنلۈك توغرىسىدا سۆز» ناملىق قىسقا فىلىم قويۇلغان.

ئۇ مەزكۇر قىسقا فىلىم ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى تالانتلىق ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ياردىمىدە بۇ فىلىمنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىنى، سەنئەت ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ سەرگەردانلىقتىكى ئانا يۇرت ھەسرىتىنى ئىپادىلەشكە تىرىشقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇقەددەس مىجىت خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇشتا زور كۈچ چىقىرىۋاتقان رەيچىل خاررىس خانىمغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى.

رەيچىل خاررىس خانىم «مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىكى ئىجادچانلىق، جامائەت بولۇپ ياشاش ۋە سوپىزمغا مۇناسىۋەتلىك ئېلېمېنتلار» تېمىسىدىكى لېكسىيەسىدە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ھەققىدە توختالغان. ئۇ ئىككى ئاي ئىلگىرى تۈركىيەدە مەخسۇس تەكشۈرۈشتە بولغان بولۇپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلاجسىز ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەدە ئېنىقسىز بىر شەكىلدە ھاياتىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى، جامائەت بولۇپ ياشاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇۋاتقانلىقى ۋە بۇ جامائەتنىڭ ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان سوپىزىمغا مۇناسىۋەتلىك ئېلېمېنتلار ھەققىدە سۈرەت ۋە قىسقا ۋىدىيولار ئارقىلىق مەلۇمات بەرگەن.

ئۇ لېكسىيەسىنىڭ ئاخىردا تۈركىيەدە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر جۈپ ئەر-ئايال ھەققىدە توختالغان. رەيچىل خانىم ئۇلار ھەققىدە توختىلىپ: «ۋەتەن ھەسرىتىنى ئۆزىنىڭ مۇزىكىسى-ناخشىسىدا كۈچلۈك ئىپادىلىگەن»، دېگەن ۋە لېكسىيەسىنى مۇشۇ ئەر-ئايال ئورۇندىغان، نۆۋەتتە تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئاتاقلىق شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «يانارىم يوق» سەرلەۋھىلىك شېئىرىغا ئاساسەن ئىجاد قىلغان «يانارىم يوق» ناملىق ناخشىسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.

رەيچىل خاررىس خانىم ئۆزىنىڭ 25 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەن ئۇزۇن يىللىق، مول مەدەنىيەتكە ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزگىچە. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ئوخشايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ھېچبىرسىگە ئوخشىمايدىغان، ھەقىقەتەن ئۆزگىچە بىر مەدەنىيەت. ئۇلارنىڭ سەنئىتىنى دىنىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. سۇفىيلىقنىڭ نۇرغۇن ئېلېمېنتلىرى سەنئەتلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. نۆۋەتتە خىتاي ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئوينىتىدۇ. تېلېۋىزورلاردا تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇلارنى كۆرسەم شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. شۇڭا بۈگۈنكى لېكسىيەمدە بولسۇن مەيلى باشقا تەتقىقاتلىرىمدا بولسۇن مەن ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا-ئۇسۇللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، يۇرتى ۋە دىنىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشتۈر».

رەيچىل خاررىس خانىمنىڭ يېقىندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېزا-قىشلاق ئاياللىرىنىڭ دىنى پائالىيەتلىرى مەركىزىي تېما قىلىنغان «ئۇيغۇرچە ئىسلامنىڭ تاۋۇشلۇق مەنزىرىسى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتى (SOAS) ياۋروپادىكى ئاسىيا، ئافرىقا، يېقىن ۋە ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مائارىپ ئورگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.