ئامېرىكادا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» گە قول قويدۇرۇش ھەپتىلىكى باشلاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.10.16
UyghurAdvocacyWeek-20191016-23.jpg 16-ئۆكتەبىردىن 23-ئۆكتەبىرگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» گە قول قويدۇرۇش ھەپتىلىكىنىڭ تەشۋىقات ۋەرەقىسى. 2019-يىلى ئۆكتەبىر.
Social Media

2019-يىل 11-سېنتەبىر كۈنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ھەم شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار «بۇ مەزكۇر لايىھەنىڭ رەسمىي قانۇن بولۇپ ئىشقا كىرىشىشىدىكى ئەڭ مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى،» دەپ ھېسابلىماقتا.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە قول قويغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ سانى ھازىرغا قەدەر 100 دىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ بۇ يىل ئاخىرىغىچە ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇپ تەستىق سېلىنىشى ۋە رەسمىي كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن يەنە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى 400 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ بۇنى قوللاپ ئىمزا قويۇشى زۆرۈر ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ ئىش نۆۋەتتە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئەڭ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلار ۋە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا 16-ئۆكتەبىردىن باشلاپ دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويدۇرۇش ھەپتىلىكى» باشلانغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئامېرىكادا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» نىڭ بۇ يىل ئاخىرىغىچە تەستىقتىن ئۆتۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇنىڭ رەسمىي قانۇن بولۇپ ئىشقا كىرىشىشى ئۈچۈن ئاۋام پالاتاسىدىكى ئەزالارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى بىلدۈردى.

زۇبەيرە خانىم يەنە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» نىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بارلىقى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئەلفىدار خانىم بىلەن فىرقەت جەۋدەت «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىگە قول قويدۇرۇش ھەپتىلىكى» نىڭ ئاكتىپ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن ئىكەن. 

ئەلفىدار خانىم «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن تارتىپ، بۇ يىل 11-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكىچە بولغان جەرياندىكى ئەھۋاللار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن فىرقەت جەۋدەت 16-ئۆكتەبىر باشلانغان، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىگە قول قويدۇرۇش ھەپتىلىكى» نىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

11-سېنتەبىر كۈنى مەزكۇر قانۇن لايىھىسى كېڭەش پالاتادىن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ قانۇننى باش بولۇپ تونۇشتۇرغان پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە بوب مەنەندەز 11-سېنتەبىر كۈنى بىرلىكتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مەزكۇر قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇلار بىرلەشمە باياناتىدا: «بۇ قانۇن لايىھىسى مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆلەملەشتۈرگەن دەھشەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، جۈملىدىن بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قاماش قىلمىشىغا قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم قەدەمدۇر،» دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپ قېتىم توختالغان بولۇپ، ئۇ ئۆز بايانلىرىدا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمىنى ئەيىبلەشكە ۋە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان ئىدى.

ئەلفىدار خانىم زىيارىتىمىز ئاخىرىدا مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان 6 ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىنمۇ ئۆتۈپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو ۋە بوب مەنەندەزگە ئوخشاش سىياسىي ئەربابلار شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ بولغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئامېرىكادىكى تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن باشقا يەنە ئامېرىكادىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. 

ئۇ يەنە دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن قوللىغان سىياسىي ئەربابلارغا ئايرىم ئېلخەت يېزىش، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى باياناتلىرىغا قارىتا قوللاش ئاۋازى بېرىش، تەشەككۈر ئىنكاسلىرىنى يېزىشنىڭمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.