«ئۇيغۇر كرىزىسى: باستۇرۇش ۋە قارشىلىق» ناملىق ئىلمىي سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2020.08.14
ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى فىلادىلفىيە مەركىزى ئۆتكۈزگەن «ئۇيغۇر كرىزىسى: باستۇرۇش ۋە قارشىلىق» ناملىق تور سۆھبەت يىغىنىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى. 2020-يىلى 13-ئاۋغۇست.
بۇ يىل 13-ئاۋغۇست ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى فىلادىلفىيە مەركىزى «ئۇيغۇر كرىزىسى: باستۇرۇش ۋە قارشىلىق» ناملىق تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر كېڭەش ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىغا چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا «بۇ سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇش ھەمدە ئۇلارنىڭ تارىخى، كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش مۇھاكىمە قىلىنىدۇ،» دېيىلگەن.
بۇ سۆھبەت يىغىنىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەلىس ئاندېرسون دوكلات بەردى ھەمدە يىغىنغا چۈشكەن سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى فىلادىلىفىيە مەركىزىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ئەھمەد سېلىم تەكئەلىئوغلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئورۇننىڭ تەلىم-تەربىيە ۋە تەشۋىقات ئورگىنى ئىكەنلىكىنى، پېنسىلۋانىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن ئاز ساندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۇلار ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە بولۇپ، بۇ قېتىملىق سۆھبەت ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىملىكى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىر بولۇۋاتقان كىرزىسلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۆز دائىرىسىدىكى مۇسۇلمان جامائەتنى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىلىق ئورتاق پىكىر ۋە ھەرىكەتكە كەلتۈرمەكچى، شۇنداقلا ئۆز ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا دۆلەت مىقياسىدا قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارماقچى ئىكەن.
روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر دەۋاسىنى مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا ئاڭلىتىشتا ھاكىمىيەت بىلەن خەلقنى ئايرىش كېرەكلىكىنى، مۇسۇلمان خەلققە بۇلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشىگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سۆھبەت يىغىنىدا ئالدى بىلەن، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم ئۆز سەبداشلىرى بىلەن ئامېرىكادا باشلىغان ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قىسقىچە تارىخىنى تونۇشتۇردى؛ بولۇپمۇ 2017-يىل خىتاي ھۆكۈمىتى 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ بۇ ئىشنى بىلىپ كېتەلمىگەنلىكى، ھەتتا ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. روشەن خانىم يەنە ئۆز ھەدىسى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى ئاڭلاتتى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ئەلىس ئاندېرسون مەزكۇر ئورۇندا خىزمەت قىلغاندىن باشلاپ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر ھۆججەتلەرنى توپلاش، تەتقىق قىلىش، ئىسپاتلاش، ئاندىن دوكلاتلارنى كۆپ خىل تىلدا ئېلان قىلىش، ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاپ خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا رەددىيە بېرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، تاراتقۇلار ۋە باشقا ئورگانلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى قوغداش ۋە تەشۋىق قىلىشقا كۆڭۆل بۆلىدىغانلىقىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭدىن كېيىن سۆھبەت ئاساسەن سوئال-جاۋاب شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك كرىزىس، مەسىلەن، ئۇچۇر-ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈشى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ چەكلىنىشى، نوپۇسنىڭ ئازىيىشى، كورونا ۋىرۇسى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن زىيانكەشلىكلەر سۆھبەت تېمىسى بولدى.
روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئۆزئارا ئالاقىنىڭ، شۇنداقلا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ ھەر ۋاقىت قامال ۋە تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكى بىلدۈردى. ئەلىس ئاندېرسون: «ئۇيغۇرلار مەيلى لاگېر ئىچىدە بولسۇن، تېشىدا بولسۇن، ئۆز ئېلىدە بولسۇن ياكى چەت ئەلدە بولسۇن، ھەر ۋاقىت ئەنسىزلىك ئىچىدە ياشايدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا ئالاقىلىشىشى ناھايىتى تەس. شەخسەن مەنمۇ دوستلىرىم، ساۋاقداشلىرىم، ئوقۇتقۇچىلىرىم بىلەن ئالاقىلىشەلمەيمەن، چۈنكى بۇنداق قىلسام، ئۇلار ئۈچۈن خەتەرلىك،» دېدى.
روشەن ئابباس خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىچىدە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭمۇ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەدەنىيەتكە چوقۇم ئىگە چىقىشى، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئەلىس ئاندېرسون ئۇيغۇر رايونىدا ئۆزى بۇرۇن كۆرگەن كىتابخانىلارنىڭ تاقىلىپ، كىتابلارنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە بۇ مەدەنىيەتنى چەتئەلدە بولسىمۇ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سۆھبەت يىغىنىدا يەنە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ كرىزىسقا قانداق ياردەمدە بولۇش مۇمكىنلىكى ھەققىدە سۆز بولغاندا، ئەلىس ئاندېرسون ئامېرىكادىكى جامائەتنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلارغا ئىقتىساد ۋە تەشۋىقات جەھەتتىن ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. روشەن ئابباس خانىم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق نۇقتىسىدىن جىددىي قاراش كېرەكلىكىنى، ئامېرىكادىكى ئىككى پارتىيىنىڭ بىرلىشىپ خىتايغا يەنىمۇ بېسىم قىلىشىنى، ياۋروپا ئەللىرى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بالايىئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارغا ياردىمى بولىدىغان ئىشلار قاتارىدا خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈشكە قارشى تۇرۇش، ئامېرىكادىكى ئىماملارنى جۈمە كۈنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەبلىغ قىلىش، دۇئا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.
روشەن ئابباس خانىم خىتاينىڭ ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمايدىغان، ھەممە يەرگە ۋابادەك سىڭىپ كىرىدىغان رەزىل ماھىيىتىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، پۈتۈن دۇنيا، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
روشەن ئابباس خانىم يەنە بۇنداق پائالىيەتلەردە خىتاينىڭ دۇنياغا ئاپەت، كېسەللىك ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنى مۇسۇلمانلار جامائىتىگە ئەينەن يەتكۈزۈپ، بۇ قىلمىشلارنىڭ مىللىي ۋە ئىنسانىي مەۋجۇتلۇققىلا ئەمەس، مۇسۇلمانلىققا قارىتىلغان قەبىھ جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىرېكتور ئەھمەد سېلىم تەكئەلىئوغلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە توردىن 40 قا يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، تور بېكىتىگە ئۇنىڭ ۋىدىيوسىنى چىقىرىش ھەم تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، سۆھبەت مەزمۇنى ۋە چاقىرىقلارنى تېخىمۇ كۆپ جامائەتكە يەتكۈزىدىكەن. ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكچى ئىكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ نىشانى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئامېرىكادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا بىلدۈرۈش ھەمدە دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن گەپ قىلىدىغان ۋەكىللەرنى كۆپەيتىش ئىكەن.









