شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئەزىزى قاتارلىق تۆت كىشىدىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇر ھەيئىتى كۇۋەيتتىكى زىيارىتىنى باشلىغان.
رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن كۇۋەيتكە بارغان ئۇيغۇر ھەيئىتى 8-ئاپرېل كۈنى كۇۋەيت پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى شۇنداقلا كۇۋەيت ئۈممەت پرىنسىپلىرىنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور مۇھەممەد ھايف ئەلمۇتەيرىنى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتتە بولغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان 4 كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئىتىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرىنى ئاڭلىتىش، بۇ ئارقىلىق خىتايغا بېسىم قىلىدىغان بىر شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن بۇ زىيارەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقنى بىلدۈرگەن.
دوكتور مۇھەممەد ھايفى ئەلمۇتەيرى كۇۋەيت پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر قانچە قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن كىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ھەيئىتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن پۈتكۈل ئۇيغۇرلار نامىدا تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ھەيئەت دۈشەنبە كۈنى كەچتە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىددىن ئەزىزى ۋە مەخمۇت مۇھەممەد داموللام سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان. بۇ يىغىنغا كۇۋەيتتىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، تەتقىقاتچىلار، ئاكادېمىكلار بولۇپ مۇھىم شەخسلەر قاتناشقان. يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆزئارا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
ئۇ جاۋابىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «خىتاي شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا زۇلۇم قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز خەلقىگىمۇ بېسىم قىلىۋاتقان بىر جىنايەتچى دۆلەتتۇر. دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان باھالىق ماللار خىتاينىڭ ماللىرىدۇر، چۈنكى خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقىگە بېسىم قىلىپ، ئاز ئىش ھەققى بېرىپ كۆپ كىشىنى ئىشلىتىدۇ، خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ھېچ قانداق ئەركىنلىكى بولمايدۇ. خىتاي ئۇلارنى پەقەتلا قورساق تويدۇرۇش بەدىلىگە ھايۋانغا ئوخشاش ئىشلىتىدۇ. خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىشنى بىر قانچە قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي رەت قىلدى. خىتاينىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن پايدا-مەنپەئەت كېلىشىملىرى بولغاچقا ئىسلام ئەللىرى بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. بىراق ھازىر ياۋروپا ۋە ئامېرىكا خىتايغا بېسىم قىلىشقا باشلىدى. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس بايانات بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىمنى ئازايتىشنى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما خىتاي بۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمىدى. ھازىر كۆپلىگەن خەلقئارالىق مەتبۇئاتلار خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش ئارقىلىق بېسىم يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.»
سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغان بىردىن بىر ئىش ھازىر ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى خەلقئاراغا ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ئاڭلىتىش. ئىككىنچىسى، خىتايغا بېسىم قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمان خەلق ئاممىسىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىش. يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى بولسا خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىدىكى بېسىملارنى يېنىكلىتىشكە تىرىشىش.»
سىراجىدىن ئەپەندى يەنە مۇنداق دېگەن: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ھەل قىلىش رولىنى ئوينىيالايدۇ دەپ ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەت تۈركىيە ئىدى، بىراق تۈركىيە بۇ مەسىلىدە يالغۇز قالدى. بىراق تۈركىيە ھازىر ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش مەجبۇرىيىتىدە قالدى. شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇسۇلمان ۋە ئەرەب ئەللىرىگە تېخىمۇ كۈچەپ ئاڭلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ، دەسلەپ مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيەگە ۋە بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىگە زىيارەتكە باردۇق. كۇۋەيتكىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن كەلدۇق. بۇ مەسىلىدە خىتايغا بېسىم قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ھەيئەت تەركىبىدىكى ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئىگىلىنىشىچە، 10-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر ھەيئەت ئەرەب تىلىدا نەشردىن چىقىدىغان خەلقئارالىق «ئەل-مۇجتەمى» ناملىق ھەپتىلىك ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى مۇھەمەمد سالىھ راشىد بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ھەيئەت يەنە كۇۋەيت ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلغان. ئەرەب دۇنياسىدىكى داڭلىق «ئەل-مۇجتەمى» ژۇرنىلى ئۇزۇن زاماندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپلەپ ماقالە ئېلان قىلىۋاتقان ژۇرنال بولۇپ، ئۇيغۇر ھەيئەت بۇ ژۇرنالنىڭ مەسئۇللىرىغا تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيەدىن بارغان 4 كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئەتنىڭ كۇۋەيتتىكى زىيارىتى داۋام قىلماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00