خەلقئارا مەتبۇئاتلار: ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە قەبرىسىدىمۇ تىنچ ياتالمايدىغان ھالدا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-10-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ ئانىسى تۇرنىساخاننىڭ قەبرىسىنىڭ يۆتكەلگەنلىكىگە دائىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 6-ئاي. ئۈرۈمچى.
زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ ئانىسى تۇرنىساخاننىڭ قەبرىسىنىڭ يۆتكەلگەنلىكىگە دائىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 6-ئاي. ئۈرۈمچى.
Zumret Dawut

ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخباراتلاردىن، فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى، مۇھاپىزەتچى گېزىتى قاتارلىقلار بىر پايدا ئالمايدىغان خەلقئارالىق سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىش ئورگىنىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مازارلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھىدىن تارتىلغان سېلىشتۇرما سۈرەتلىرىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2014-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا كەم دېگەندە 45 جايدىكى ئۇيغۇر مازارلىقلىرىنى بۇزۇپ يوقاتقانلىقى مەلۇم بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ مازارلىقلارنىڭ ئىچىدە 30 جايدىكىسى يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە چېقىپ تۈزلەنگەن ئىكەن. سۈنئىي ھەمراھىدىن 2017-يىلى تارتىلغان سۈرەتتە مەۋجۇت بولغان شايار ناھىيىسىگە جايلاشقان چوڭ مازارلىق 2019-يىلىدا پۈتۈنلەي قۇرۇقدالغان.

9-ئۆكتەبىر فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىدە سۈرەتلەر بىلەن شەرھىلىنىشىچە، مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرى بۇ يىل سېنتەبىردە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 4 شەھەردە جەمئىي 31 مۇسۇلمان قەبرىستانلىقىنى كېزىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئارىسىدا 3 قەبرىستانلىقتا، قەبرىلەردىن قېزىلغان جەسەت سۆڭەكلىرىنىڭ تاشلىنىپ تۇرغانلىقىدەك مەنزىرىنى كۆرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ مازارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ئەجدادلىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئارام ئالغان قەبرىستانلىقلار بولۇپ، خەۋەردە ئالەمدىن ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدە قەبرىلىرىدىمۇ خاتىرجەم ياتالماس ھالغا كەلگەنلىكى يېزىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە 2015-يىلى تارتىلغان ئاقسۇدىكى قەبرىستانلىقنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە ئېنىق كۆرۈنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زاماندىكى داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسى 2019-يىلىدا پۈتۈنلەي يوق قىلىنىپ، ئورنىغا كۆل ۋە گۈللۈكلەر ياسالغان «بەخت باغچىسى» غا ئايلاندۇرۇلغان. 

لۇتپۇللا مۇتەللىپ قەبرىسىنى خىتايمۇ يىللار ئىلگىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە ئورنى قىلىپ ياساپ چىققان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىمۇ ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرۋەر شائىر دەپ نام بەرگەن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ قەبرىسىنىمۇ بۇزۇشى ئۇيغۇر ۋە باشقا كۆزەتكۈچىلەردە غۇلغۇلا قوزغىماقتا. ئەمما بىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ قەبرىسىنىڭ بۇزۇلغانلىق ياكى بۇزۇلمىغانلىقى، بۇزۇلسا ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ نەگە يۆتكەلگەنلىكى ۋە قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاقسۇنىڭ ئۆزىدىن ئېنىقلاشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ھازىرچە ئىمكانىيەت بولمىدى.

خىتاينىڭ بىر مىليوندىن 2 مىليونغا قەدەر ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ قەبرىستانلىقلىرى ۋە مازارلىقلىرىنى ۋەيران قىلىپ تۈزلەش ھەرىكىتىنىمۇ ماس ھالدا ئېلىپ بارغانلىقىدەك پاكىتلار ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرمۇ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلماقتا. 

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەخسۇس ئۇيغۇر مازارلىقلىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئارخىپلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق فوتوگراف لىسا روس خانىم، بولۇپمۇ ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇرلار تاۋاپگاھ، ئۇلۇغ جاي سۈپىتىدە ئاسراپ، قوغداپ كېلىۋاتقان تارىخىي مازارلارنىڭمۇ ھەر تۈرلۈك باھانىلەردە ۋەيران قىلىنىشىنىڭ، پەقەت بۇ قەبرىلەرگە كۆمۈلگەن ئادەملەرگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە بىر مىللەتنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن ئەۋلادلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈكچىلىك ھاسىل قىلىش، ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىيلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ھەم مەدەنىيەتلىرىگە قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قەبرە كۆچۈرۈش ئىشلىرىغا جايلاردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق مەخسۇس دەپنە ئىشلىرى ئورگانلىرى ۋە مەھەللە كومىتېتلىرى مەسئۇل بولۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇلار ئاساسەن كۆكەرتىش، يەر تېجەش دېگەندەك باھانىلەردە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقلىرىدىكى جەسەتلەرنى يېڭىدىن سالغان سېمونتلۇق قەۋەتلىك قەبرىلەرگە كۆچۈرمەكتىكەن. 

رادىئومىزدا ئىلگىرى خەۋەر بەرگىنىمىزدەك، ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ قەبرە كۆچۈرۈش ئۇقتۇرۇشىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، قەبرە ئىگىلىرى 15‏-ئىيۇندىن بۇرۇن قەبرە كۆچۈرۈش ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قەبرە كۆچۈرۈشكە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك ئىكەن. ھۆججەتتە، ئەگەر قەبرە ئىگىلىرى 15‏-ئىيۇندىن بۇرۇن رەسمىيەت بېجىرمىگەن قەبرىلەر ئىگىسىز قەبرە سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ دېيىلگەن. ئۇقتۇرۇشتا، مەزكۇر قەبرە كۆچۈرۈش پىلانى ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىر تۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى، شۇنداقلا «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ 1997-يىلى 3-ئايدا ۋاپات بولغان ئانىسى تۇنىساخاننىڭ قەبرىسى دەل شۇ ئىقتىسادىي پەن تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدا بولۇپ، بۇ يىل 6-ئايدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرى يۆتكىۋېتىلگەن. 

زۇمرەت داۋۇت ئۇ چاغدا ئامېرىكاغا يېڭى كەلگەن بولۇپ، ئاپىسىنىڭ قەبرىسى ئېچىلغاندا ئۈستىدە بولالمىغانلىقتىن بىر يېقىن دوستىغا ئاپىسىنىڭ قەبرىسىنى يۆتكەش ئىشلىرىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىشنى ھاۋالە قىلغانىكەن. 

زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا دوستى ئۇنىڭغا ئاپىسىنىڭ قەبرىسىنى ئېچىش ۋە يۆتكەش جەريانلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ ئەۋەتكەن بولۇپ، دوستىنىڭ زۇمرەتكە دەپ بېرىشىچە، دائىرىلەر ئۇنىڭ رەھمەتلىك ئانىسى تۇنىساخاننىڭ قەبرىسىنى توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرىدا ئاچقاندا 22 يىل ئاۋۋال كۆمۈلگەن جەسەت پۈتۈن چىققان. ھالبۇكى، دائىرىلەر بىر كۈندە ئونلىغان قەبرىلەرنى يۆتكەيدىغان بولۇپ، قەبرىدىن پۈتۈن چىققان جەسەتلەرنىمۇ سۇندۇرۇپ كىچىك خالتىلارغا قاچىلاپ نومۇر قويۇپ ئاپتوموبىلغا بېسىپ ئېلىپ ماڭىدىكەن، زۇمرەتنىڭ ئاپىسىنىڭ جەسىتىمۇ شۇنداق ئېلىپ مېڭىلىپ ئۈرۈمچىدىكى يېڭىدىن ئىككى قەۋەتلىك قىلىپ سېمونتتىن ياسالغان نومۇر قويۇلغان تۆشۈكلەرنىڭ بىرىگە سېلىنغان. دائىرىلەر بۇ يېڭى يۆتكەلگەن قەبرىلەرگە ھېچقانداق ئىسلامى بەلگە ياكى سۆزلەرنى قويۇشقا رۇخسەت قىلمايدىكەن. ئاددىيلا ئىسمى ۋە قەبرە نومۇرى يېزىلىدىكەن.

زۇمرەت داۋۇت خانىم تېخى يېقىندىلا ئاپىسىنىڭ قەبرىسىنىڭ ھۆرمەتسىزلىك ۋە قوپاللىق بىلەن يۆتكىۋېتىلگەنلىكىدەك بۇ خىل ئازابلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولغاچقا، ئۆتكەن ھەپتە دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغىنىدا دادىسىنىڭ جەسىتىنىڭمۇ ئوخشاشلا يەرلىككە قويۇلماي مۇسۇلمانلارغا يات ھالدا قەبرىسىز بىر شەكىللەردە سېمونتلۇق قەبرىلەرگە قويۇلۇشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «خىتاينىڭ دەستىدىن تىرىكلىرىمىزنىڭ قەدرى بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈكىمىزنىڭ قەدرى بولامدۇ؟» دەپ ئېچىندى. 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، شۇ بۇزۇلۇۋاتقان ۋەيران قىلىنىۋاتقان قەبرىلەرنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ئازابلىرى ۋە ئەندىشىلىرى، خىتاينىڭ تۈرلۈك باھانىلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل مەجبۇرىي قەبرە يۆتكەش قىلمىشلىرىنىڭ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيىتىگە ۋە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قايسى دەرىجىدە دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت