خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى 15 مەدەنىيەت تۈرىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021-01-06
Share
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى 15 مەدەنىيەت تۈرىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىدى قەشقەر كونا شەھەر مەركىزىنىڭ «رېمونت قىلىنىشى» خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى «زامانىۋىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق مىسالى. 2011-يىلى 4-ئاۋغۇست، قەشقەر.
REUTERS

5-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ ئىنگلىز تىلىدا چىقىدىغان «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى، «خىتاي ئاياللىرى» تورى قاتارلىقلاردا خەۋەر بېرىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللەتلەرنىڭ فولكلورىدىكى مىللىي مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 خىل تۈرنىڭ خىتايدا قوغدىلىدىغان شەكىلسىز مەدەنىيەت تۈرىگە كىرگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

خىتايدا نۇقتىلىق قوغدىلىش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغان بۇ 15 خىل شەكىلسىز مەدەنىيەت تۈرى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە، قازاقلارنىڭ قىز قۇۋار، شىرداق تىكىش، كىگىز ئۆي ياساش، رۇس ۋە تاتارلارنىڭ يەرنى تېپىپ ئوينايدىغان ئۇسۇلىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن، چۆچەك، ئالتاي، غۇلجا قاتارلىق شىمالىي ئۇيغۇر دىيارىدا «ئادىنوچكا» دېگەن نام بىلەن يەرلىك تاتارلار، ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلىرىدا ئومۇملاشقان ئۇسۇل تۈرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى 15 خىل شەكىلسىز مەدەنىيەت تۈرىنى قوغداش ھەققىدىكى خەۋەرلىرى، دەل يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئادەتلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىشى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە فولكلور ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن بىرى.

دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئادەتلىرىنى رادىكال ۋاسىتىلەر بىلەن چەكلەشنى كۈچەيتكەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تارىخى يادىكارلىقلىرىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي مەدەنىيەت بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە زورلاش سىياسىتى خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە، بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز سىياسىتىنى ئاقلاشتىكى يەنە بىر كۆز بويامچىلىقى دەپ قاراش مۇمكىن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن، ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا فولكلور پەنلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان مېھرىئاي مەمتىلى خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مېھرىئاي مەمتىلى خانىم سۆزىدە 1949-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن كېيىنكى سىياسىتىدە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئېڭىنى يوقىتىشنى ئاساسىي نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ 2017-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۆرپ-ئادىتى تەتقىقاتچىلىرىنى نىشانلىق تۇتقۇن قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى يادىكارلىقلىرىنى، مازارلىرىنى مەجبۇرىي يوقىتىش، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان، ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان مەسچىتلەرنى چېقىپ يوقىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۇسلۇبتىكى ئايۋان-ساراي، ھويلا-ئاراملىرىدىكى نەقىش بەلگىلەرنى مەجبۇرىي ئالدۇرۇۋېتىش، ئۇيغۇر ئۆيلىرىدىكى نەقىشلىق ئويۇق، سۇپىلارنى چېقىپ، تامدىكى گىلەم-زەدۋاللارنى مەجبۇرىي ئالدۇرۇۋېتىش، ئاتالمىش جۇڭخۇا مەدەنىيەت بىرلىكى نامىدا ئۇيغۇرلارنى خىتاي مەدەنىيەت بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش، خىتايچە كىيىنىپ، خىتايچە ناخشا ئېيتىش، خىتايچە ياشاشقا زورلاشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مېھرىئاي مەمتىلى خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسىي تەدبىرلىرىنى خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە قارىماي، مەجبۇرىي يۈرگۈزۈپ كېلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ يەنە، بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ھەيران قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز سىياسىتىنى ئاقلاشتىكى يەنە بىر كۆز بويامچىلىقى دېگەندىن كۆرە، ئۇيغۇرلار زور كۆپلۈكنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئاز سانلىقىنى ئىگىلەيدىغان باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى قوغداش قالپىقى ئاستىدا، بىر تەرەپتىن خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە قارىتا كۆز بويامچىلىق قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى تېخىمۇ سۇندۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت