ئۇيغۇر ئۈن-سىن مەدەنىيەت بازىرى قانداق خاراپ بولدى؟

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئۈن-سىن مەدەنىيەت بازىرى خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا قاتتىق بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان ساھەلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇر ئۈن-سىن مەدەنىيەت بازىرى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يالغۇز كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىسىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلى چەكلىنىپ، ھەر قايسى ساھەلەردە يەكلىنىشكە دۇچ كەلگەن بىر دەۋردە ئ‍ۇيغۇر ئانا تىلىنى جانلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر ئ‍ۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە قىممەت قارىشىنى نامايەن قىلىشنىڭ يولى بولۇپ كەلگەن.

قاتتىق سىياسى كونترول، سېنزور، بازار، مەبلەغ ۋە تېخنىكا جەھەتلەردىكى ھەر خىل چەكلىمىلەرنىڭ بېسىمىدا ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئاران تېپىپ مېڭىۋاتقان ئۇيغۇر ئۈن-سىن مەدەنىيەت بازىرى چوڭ تۇتقۇندا ئاساسەن ۋەيران بولغان. بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن سەرخىللەر تۇتقۇن قىلىنغان، غايىب بولغان، شىركەتلەر تاقالغان، ئىگىسىز قالغان ياكى مەبلىغى مۇسادىرە قىلىنغان ئىدى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۇ ساھەدىكى بەزى كىشىلەرنى زىيارەت قىلدۇق. سابىق «كۆكلەم ئۈن-سىن تېخنىكا شېركىتى» ئەنە شۇنداق ئ‍ۈن-سىن مەدەنىيەت شىركەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.

بۇ شىركەتنىڭ ھازىر تۈركىيەدە تۇرىۋاتقان سابىق خوجايىنى تۇرغۇن ئابدۇرېھىم 2-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى كەچمىشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

تۇرغۇن ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: «ۋەتەندىن چىقىشتىن بۇرۇن مەن فىلىم ئىشلەيتتىم. ‹ئېزىلگەن يۈرەك›، ‹پۇشايمان› دېگەن فىلىملىرىم تورلاردىمۇ بار، قالغان فىلىملىرىمنى توردىن چىقىرىۋەتتى. ئون نەچچە فىلىمىم بار ئىدى. مېنىڭ شىركىتىم ‹كۆكلەم ئۈن-سىن تېخنىكا شىركىتى› دېگەن شىركەت ئىدى. ‹پۇل› دېگەن فىلىمنى ئىشلىگەندە ئاتا-ئانىلاردىن شۇنچىلىك رەخمەت خېتى كەلگەن ماڭا. بەلكىم سىز ئوقۇغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، مەن خوتەنلىك ھۈسەنجان ئابدۇۋەلىنىڭ ‹كۆزگە ئايلانغان كۆڭۈل› دېگەن كىتابىنى سىنارىيەشتۈرۈپ، فىلىم قىلىپ ئىىشلىگەن، يەنى 4 قىسىم قىلىپ. ئۇنى 4 قىسىم قىلىپ مەدەنىيەت نازارىتىگە تەستىقلىتىشقا ئېلىپ كىرسەم. تەستىقلاپ بەرمىگەن. . .»

تۇرغۇن ئابدۇرېھىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئۈن-سىن مەدەنىيەت بازىرى خىتاينىڭ چوڭ تۇتقۇن باشلىنىشنڭ ئ‍الدىدىلا كاساتلاشقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئەينى چاغدا ئۇيغۇر فىلىمچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ‹ئۇيغۇرچىنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلى مائارىپىنى دەسسىتىشكە كاشىلا› دەپ قاراپ، بۇ ساھەگە مەبلەغ سالغۇچىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئۈن-سىن مەدەنىيەت بازىرىنى كاساتلاشتۇرغان ئىكەن.

تۇرغۇن ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: «شۇ مەزگلدە قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويغان. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنى يولغا قويۇشى بىزنىڭ كىنوچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىپ مېڭىش مەزگىلىگە توغرا كەلدى. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا بىزنىڭ كىنوچىلىقىمىز زىت كېلىپ قالدى. بىز ماۋۇلارنىڭ تىلىنى يوق قىلىۋاتساق، ماۋۇ تەرەپتىن فىلىم ئىشلەپ تىلىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ماڭدى، دىگەن ئويغا كەلدى بۇلار. . .»

ھازىر ئامېرىكادا يۇك ئاپتوموبىل شوپۇرلىقى قىلىۋاتقان زەينۇل ئەپەندىمۇ ئ‍ىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئ‍ۈن-سىن مەدەنىيەت-سەنئەت شىركىتى قۇرۇپ، بۇ ساھە بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. بىخەتەرلىك تۈپەيلى شىركىتى ۋە ئ‍ۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان زەينۇل ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۈن-سىن مەدەنىيەت بازىرىغا مەقسەتلىك بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىدا تۇرغۇن ئابدۇرېھىم بىلەن ئوخشاش پىكىردە.

زەينۇل مۇنداق دېدى: «بۇ ساھەنى دۆلەتتىن ياخشى كونترول قىلىپ بەرمىدى. مەسىلەن، بازارنى ياخشى كونترول قىلمىدى دېگەن گەپ، بىر كىنونىڭ ئانا لېنتىسى (دەي) ئ‍ىشلەنسە، بۇنىڭ يالغان دەيلىرى كوچىلاردا پەيدا بولۇپ كېتىدۇ. قوغدايمەن دېسە دۆلەتنىڭ كۈچى يېتىدۇ. بىراق نىمە سەۋەبتىندۇر، بىر دەينى سىز بازارغا چىقىرىپ بولغىچە، يالغان دەي بازاردا كۆپىيىپ كېتىدۇ.»

بىراق ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ مەدەنىيەت بازىرىغا توسقۇنلىق قىلىشى ئۇيغۇر ئۈن-سىن بازىرىنىڭ كاساتلىشىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇنىڭ ۋەيران بولۇشىدىكى بىردىن-بىر سەۋەپ ئەمەس ئىكەن. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىگە ئاجراتقان پۇلىنى توختاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ بەزى فىلىملەرنى شەخسى شىركەتلەرگە ھاۋالە قىلىشنى بىكار قىلغانلىقى، شۇنىڭدەك سىياسىي تەلەپلەرنىڭ كۈچىيىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنى قورقۇتۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

زەينۇل يەنە مۇنداق دېدى: «مەبلەغ مەسىلىسىدە دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىگە ئايرىيدىغان پۇلىنى توختىتىۋەتتى… ئۇنىڭدىن باشقا خەقلەر سىياسىيلىقىدىن ئېھتىيات قىلىش تۈپەيلى مەبلەغ سېلىشتىنمۇ قورقۇپ، ئۆزىنى تارتتى. بولمىسا شۇنداق گۈللىنىۋاتقان بىر ساھە ئىدى. سىياسىي مۇھىتنىڭ تەسىرى بولغاندىن كېيىنلا ئۇنىڭ ئەسلى قىممىتى يوقاپ، بازار دەرىجىسى چۈشۈپ كېتىدۇ.»

ئۇيغۇر مەدەنىيەت بازىرىنىڭ كۆلەملىشىشى 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغان. ئۇنى كۆلەم ۋە مەبلەغ جەھەتتە خىتاي مەدەنىيەت بازىرىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كىچىك بولسىمۇ، بىراق ئۇ 2017-يىلى ۋەيران قىلىنغىچە بولغان 20-30 يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا خىتايدىكى 2-چوڭ مۇستەقىل مەدەنىيەت بازىرى بولۇپ شەكىللەنگەن ئىدى.

لېكىن بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت بازىرىنىڭ خىتاينى بىئارام قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قاتتىق سىياسىي كونترولى ۋە بوغۇشىغا ئۇچرىغانلىقى ھەقىقەت بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خاراپلىشىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدىكەن. بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر مەدەنىيەت بازىرى توغرىسىدكى بۇ كۈرەشنىڭ «ناھايىتى چوڭقۇر قاتلاملىق، ئازاپلىق ۋە ئېچىنىشلىق كۈرەش» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ «ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرمەكتە.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئ‍ىن-سىن مەدەنىيەت بازىرىنىڭ ئۆلۈشىگە يەنە ئۇنىڭ بازارغا ماسلىشالماسلىقى، تېخنىكا جەھەتتىكى ئامىللارمۇ سەۋەب بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئ‍ۈن-سىن مەدەنيەت بازىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ چوڭ تور بېكەتلىرىگە كۆچۈپ، توردا پۇللۇق تارقىتىش ئۈچۈن كۆپ كۈچىگەن، «قارلۇق» شىركىتى تور بېكەت قۇرۇپ، ئۈن-سىن تارقىتىش ھوقۇقىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت تەستىقلىمىغان.