فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى مۇقەددەس مىجىت بىلەن ئامېرىكالىق فوتوگراف لىسا رۇس ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
خەلقئارادا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى «ئىرقى قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىنىشقا باشلاندى. بۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيان دېيىلىۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن ئۆرنىكى بولغان مەشرەپنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا باشلىغان.
فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق مۇزىكا تەتقىقاتچىسى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى دوكتور مۇقەددەس مىجىت مەخسۇس ئۇيغۇر سەنئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ مەشرەپنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەشرەپ دېگىنىمىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جامائەتنىڭ بىر يەرگە كېلىشىگە ۋەسىلە بولىدىغان كۆپ قاتلامغا ئىگە مۇراسىملارنىڭ بىرى. مەشرەپ ئۆزىگە خاس قائىدە-يوسۇنلىرى بىلەن توي-تۆكۈن مۇراسىملىرى ۋە باشقا يىغىلىشلاردىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدۇ.»
مەشرەپ ھەققىدە ئۇيغۇر تىلىدا ۋە باشقا تىللاردا نۇرغۇن تەتقىقات ماقالىلىرى يېزىلغان ۋە داۋاملىق يېزىلماقتا. مەشرەپ مۇراسىمىدا ئېيتىلىدىغان ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا «مەردانىلىك، ئىسيان، ساداقەت، پاك مۇھەببەت، دوستلۇق ۋە ئىنسانىي غۇرۇر تۇيغۇلىرى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ،» دېيىلگەن.
مۇقەددەس مىجىت نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنى، بولۇپمۇ دىنىي مەدەنىيەت ئامىللىرىنى مەشرەپتىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە سەنئەت شەكلىگە سىڭدۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مەشرەپتىكى بەزى قائىدىلەر سوفىزىمدىن كەلگەن دېسەم، بەزىلىرىمىزگە بەك ياقماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە ئىز قالدۇرغىنى بىزنىڭ دەل بىزنىڭ تارىخىمىزدۇر. مەشرەپنىڭ قۇرۇلمىسىنى گويا كىچىك تىپتىكى بىر دۆلەت سىستېمىسىغا ئوخشىتىش مۇمكىن.»
مۇقەددەس مىجىت مەشرەپنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ساقلىنىپ قىلىشىدا مەشرەپ مۇراسىملىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئۇ: «ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قالىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن مەدەنىيىتىمىزنى توغرا ئۆگىنىشىمىز كېرەك،» دەپ تەكىتلىدى.
مۇقەددەس مىجىت فرانسىيەدەك بىر دۆلەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋە ئۆزگىچە يوللىرىنى تېپىپ چىققان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كۈنىگە 200 ئەتراپىدا سەنئەت كېچىكلىكلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بىر دۆلەتتە باشقا بىر ناتونۇش مىللەتنىڭ سەنئىتىنى نامايان قىلىش تولىمۇ تەسكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس مىجىت ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى ھەرىكەتلەرنى قوشۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇم، بۇ زۇلۇم ئالدىدىكى چارىسىزلىك، يات ئەلدىكى غېرىبلىقىنى ئىپادىلەشكە تىرىشقان.
ئامېرىكالىق فوتوگراف لىسا رۇس 2019-يىلى نيۇ-يورك شەھىرىدە «مەن ئۇخلىيالمىدىم» تېمىسىدا بىر يېرىم ئايلىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن. بۇ كۆرگەزمىدە مۇقەددەس مىجىت ئۆزىنىڭ يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى ئۇسسۇلى ئارقىلىق تامدىكى رەسىملەرگە جان كىرگۈزگەن. رەسىمدىكى مەزلۇم مىللەتنىڭ دەردىنى كۆرگەزمىگە كەلگەنلەرگە جانلىق بىر شەكىلدە ئىپادىلىگەن.
لىسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىغا كۆپ قېتىم بارغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆككەن فوتوگراف بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن پاجىئەلەر ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نيۇ-يوركتىكى كۆرگەزمىدە زىيارەتچىلەرنىڭ مۇقەددەسنىڭ ئۇسسۇلىغا قاراپ كۆز يېشى قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مەشرەپ شەكلىدىكى ئەنئەنىۋى سەنئەتنىڭ غەرب ۋە باشقا ئەللەرنىڭ كىشىلىرى ئورتاق چۈشىنەلەيدىغان ئورتاق تىل، يەنى ئۇسسۇل تىلىغا ئايلاندۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتىكى ئۈنۈملۈك بىر يول ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر سەنئىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىكى بىر يولىدۇر. ئەنئەنىۋى خەلق ئۇسسۇلىنى غەرپلىكلەرگە ئۆز پېتى كۆرسىتىش، يەنى ئۇسسۇل سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئىپادە قىلغىلى بولىدۇ. ئۇسسۇل ئارقىلىق يوقىتىش، بۇزغۇنچىلىق، ئايرىلىش قاتارلىقلارنى قانداق ئىپادىلەش كېرەك؟ غەربتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تېخىچە يات بولغان بىر خىل شەكىل بار، ئۇ بولسىمۇ زامانىۋى ئۇسسۇل. ئۇ مودا ئېقىم ئۇسسۇلدىنمۇ، ئەنئەنىۋى ئۇسسۇلدىنمۇ پەرقلىنىدۇ. بۇ ئۇسسۇل قەدىمكى بىلەن ھازىرقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىنساننىڭ نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان رېئاللىققا بولغان ھېسسىياتنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاتسىڭىز، ئۇ چاغدا غەربلىكلەر بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش كېرەك. لېكىن ئۇسسۇل تىلىدا پۈتۈن دۇنيا نېمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشىنەلەيدۇ. مۇقەددەس مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە ھەرىكەتنى بەك ياخشى بىرلەشتۈردى، زىيارەتچىلەر مەيلى غەربلىك، مەيلى شەرقلىق بولسۇن، جانلىق بىر بەدەننىڭ ھەرىكىتىدىن چوڭقۇر بىر ئازابنى ھېس قىلىپ، كۆز يېشى قىلىشتى.»
مۇقەددەس مىجىت ئاخىرىدا: «مەشرەپكە ئوخشاش قىممەتلىك مىراسلىرىمىزنى قوغداش، راۋاجلاندۇرۇش ۋە جانلاندۇرۇش ئىشى بىز ياشلارنىڭ ئۇنى يېڭىچە ۋە ئۆزگىچە يوللار بىلەن خەلقئارالىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈشىمىزگە باغلىق،» دېدى.
0:00 / 0:00