يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى غەرب مەتبۇئاتلىرىدىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكانىڭ داڭلىق رادىيو-تېلىۋېزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان CBS تە قويۇلۇۋاتقان «ياخشى جەڭ» (The Good Fight) ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىگۇناھ ھالدا جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشى، ئامېرىكادىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، رايوندىكى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا يانتاياق بولغانلىقى نۇقتىلىق چۈشەندۈرۈلگەن.
«ياخشى جەڭ» ناملىق بۇ بەدىئىي فىلىمدا تەسۋىرلىنىشىچە، فاتىمە قەشقەرىي ئىسىمىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال «چامخام» دەيدىغان تور بېكەت ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىدۇ. ئەرزنىڭ ئاساسلىق تېمىسى «چامخام» نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا ياردەمچى بولۇشىدۇر.
فاتىمە بىلەن ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ئارىسىدىكى دىئالوگ مۇنداق راۋاجلىنىدۇ: «مېنىڭ ئىسمىم فاتىمە قەشقەرىي، مەن خىتايدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋەكىل بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان بىر پائالىيەتچى.»
ئادۋوكات: «ئۇيغۇر دېگەن قانداق مىللەت، فاتىمە؟»
فاتىمە: «ئۇيغۇر بولسا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى.»
ئادۋوكات: «ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدا قامىلىۋاتامدۇ؟»
فاتىمە: «شۇنداق، بىر مىليوندەك ئۇيغۇر پۇقراسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى› غا قامالدى.»
ئادۋوكات: «ھۆكۈمەت ئۇلارنى قايسى جەھەتتىن قايتا تەربىيەلەيدۇ؟»
فاتىمە: «ئۇلار بىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىمىزنى ئۆزگەرتىدۇ، بىزنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى كۈيلەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتىشقا، ‹توۋىنامە› يېزىشقا مەجبۇرلايدۇ.»
ئادۋوكات: «ئۇنداقتا سىز خىتايدىن قاچان ئايرىلدىڭىز، فاتىمە؟»
فاتىمە: «ئۈچ يىل بۇرۇن بىرەيلەن ماڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى، ھۆكۈمەت بىلەن قارشى پىكىردىكىلەر ۋە دىنىي ئەربابلارنىڭ ئاساسلىق تۇتقۇن نىشانى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ماڭا ئالدىن ئۇچۇر بەردى. مەن مۇشۇ ئۇچۇرنى ‹چامخام› تورى ئارقىلىق باشقا ئۇيغۇرلارغىمۇ ئەۋەتتىم. ھالبۇكى، شۇ مەزگىللەردە ‹چامخام› ئاللىبۇرۇنلا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان ئىكەن. نەتىجىدە مېنىڭ شۇ قېتىملىق ئۇچۇرۇم مېنىڭ دوستلىرىم، يولدىشىم، ئىككى سىڭلىم ۋە ئىنىمنىڭ شىنجاڭدىكى ‹جازا لاگېرى› غا سولىنىشىغا سەۋەبچى بولدى.»
مەزكۇر تېلېۋىزىيە فىلىمىدىكى «چامخام» تورىنىڭ ۋەكىلى فاتىمە قەشقەرىينىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق رەددىيە بەرگەن. ئۇ سۆزلىرىدە «فاتىمە تىلغا ئالغان ‹چامخام› ئاللىبۇرۇن خىتاينىڭ بازىرىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. ‹چامخام› نىڭ بىز كەلگۈسىدە بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولغان نۇسخىسىمۇ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن سىياسىي زۇلۇمغا يانتاياق بولمايدۇ. بىز سىياسەتتە بىتەرەپ بولىمىز،» دېگەن.
«ياخشى جەڭ» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان يۇقىرىقى بۆلىكى ھەرقايسى چوڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، زور ئىنكاس قوزغىغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور كاندىداتى ھېنرىي شاجىۋىسكى ئەپەندى رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇنداق چوڭ تېلېۋىزىيە قانىلىدا تىلغا ئېلىنىشى خەلقنىڭ بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا بۇنىڭ خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنىڭ ئامېرىكىنىڭ داڭلىق رادىيو-تېلېۋىزىيە قانىلىدا قويۇلغانلىقتىن بەك ھەيران قالدۇق. ئەمەلىيەتتە بۇ شۇ تېلېۋىزىيە فىلىمىنى يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھازىرقى دەۋردە ھەممە ئادەمنىڭ مەتبۇئاتلارغا بېسىلغان خەۋەرلەرنى كۆرۈشى ناتايىن، بەزىلەر دۇنيا ۋەزىيىتىنى مۇشۇنداق فىلىملەردىن بىلىۋالالايدۇ. بۇ ئەھۋال خەلق ئاممىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاشتا مۇھىم ئەھمىيىتى بار.»
خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا «ئومۇمىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى، بارماق ئىزى ۋە ئاۋاز ئەۋرىشكىسى قاتارلىق مۇھىم گېن ئۇچۇرلىرىنى يىغقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىلەرنى ئامېرىكا ماساچۇستېس شتاتىغا جايلاشقان سېرمو فىشىر شىركىتى تەمىنلىگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
سېرمو فىشىر شىركىتى DNA ئۇچۇرلىرىنى رەتلەش ئەسۋابى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر شىركەت بولۇپ، بۇ يىلى 2-ئايدا خىتايغا گېن تېخنىكىسى سېتىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرى بىلەن داۋاملىق سودا مۇناسىۋىتىدە بولۇش ياكى بولماسلىقى ھەققىدە ئىزاھات بەرمىگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي باستۇرۇلۇشىغا ھەمدەمدە بولغان چەتئەل شىركەتلىرىنى سوتقا تارتىپ، ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئىمكانىيىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھەرقايسى سوت مەھكىمىسىگە بىرەر شىركەت ئۈستىدىن ئەرز سۇنغاندا، سوت مەھكىمىسى شۇ كىشىنىڭ قانۇنىي دائىرىسىنىڭ بار-يوقلۇقىغا قارايدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن كىشىنىڭ تارتقان زىيىنى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولۇشى كېرەك ئىكەن.
0:00 / 0:00
