«شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكلەر: بىز ئەمدى نېمە قىلىمىز؟» دېگەن تېمىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-06-11
Share
«شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكلەر: بىز ئەمدى نېمە قىلىمىز؟» دېگەن تېمىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئاچقان «شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكلەر: بىز ئەمدى نېمە قىلىمىز؟» تېمىسىدىكى مۇھىم ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تىم كەين(Tim Kaine) ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 10-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
foreign.senate.gov

10-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى «شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكلەر: بىز ئەمدى نېمە قىلىمىز؟» دېگەن تېمىدا مۇھىم ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچقان. يىغىنغا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تىم كەين ۋە ئدۋارد ماركېي رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، تىم كەين ئېچىلىش سۆزىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇئامىلىسىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. مەزكۇر بىرلەشمە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا يەنە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو، مىت رومنىي قاتارلىقلار قاتناشقان.

تىم كەين، ئدۋارد ماركېي، ماركو رۇبىيو، مىت رومنىي قاتارلىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى، ئامېرىكا ۋە باشقا يەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىشى، ھەتتا بەزى دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىگە سوزۇلغان رەزىل پىلانى قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغان.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئاچقان «شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكلەر: بىز ئەمدى نېمە قىلىمىز؟» تېمىسىدىكى مۇھىم ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئېدۋارد ماركېي(Edward Markey) ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 10-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز ئەپەندى ئەنگلىيەدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاستا خاراكتېرلىك ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. بۇ گۇۋاھلىقى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولغان. ئۇ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغىمۇ گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «شۇنىسى ئېنىقكى، بېيىجىڭ 2016-2017-يىللىرىدىن باشلاپ شىنجاڭدا ئىشەنگۈسىز يۇقىرى دەرىجىلىك نازارەت سىستېمىسىدىكى ساقچى رايونى قۇرۇپ چىققان ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتكەن. خىتاي تەتقىقاتچىلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان، ئەسلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانىغا قارشى چىقىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغان قىسقا مۇددەتلىك پىلاننىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ‹ئۈنۈملۈك› بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. بۇ پىلاننىڭ نىشانى كىشىلەرنى مەجبۇرىي يىغىپ ‹تەربىيەلەش› ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتۇر».

يىغىندا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنى تىلغا ئالغان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ تۈرمىسىدە تۇرۇۋاتقان گۈلشەن ئابباس پېنسىيەگە چىققان دوختۇر بولۇپ 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەنىدى.

ماركو رۇبىيو ئەپەندى يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى بۇ يەردە بىرمۇ-بىر ساناپ بولغىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى دىققەت نۇقتىمىز بولسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەرنى يوقىتىش سىياسىتى ھەققىدە بولىدۇ. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەر لاگېرلارغا سولىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ. يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە لاگېرلارغا يانداش قۇرۇلغان زاۋۇتلار زەنجىرى پۈتۈن شىنجاڭنى چوڭ بىر مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرىغا ئايلاندۇرغان. خىتاي كومپارتىيەسى يۈرگۈزۈۋاتقان ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› ۋە ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› خەلقئارانىڭ جىددىي جاۋاب قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. مەن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇ باستۇرۇشنى توختىتىشىنى ۋە خىتاينىڭ بۇ جىنايەتتىن پايدا ئېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلىمەن».

روشەن ئابباس خانىم ھەدىسى گۈلشەن ئابباس ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە يەنە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ئالدىنقى سەپتە تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن بىز زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئېھتىياجىمىز بار. ئامېرىكا ئۆزى بىلەن بىر سەپتىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك. ئۇيغۇر مەسىلىسى چوقۇم ‹ئەڭ جىددىي› مەسىلە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك. بۇ پەقەت مېنىڭ ھەدەم ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر بىز بۈگۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورنىمىزدىن دەس تۇرمىساق، ئەتە بۇنداق قىلىش پۇرستىمىزمۇ بولماسلىقى مۇمكىن».

پالاتا ئەزاسى ئدۋارد ماركېي ۋە مىت رومنىي قاتارلىقلارمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى، بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ تەربىيەلەپ خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە توختالغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

ئادرىيان زېنىز ئەپەندى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا چېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزلىرى تەستىقلىغان دەرسلىك كىتابلارنى نەشر قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئېغىر جازالىغانلىقىنى، بۇنىڭ بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىش پىلاننىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئادرىيان زېنىز ئەپەندى پالاتا ئەزالىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نېمىشقا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار 12 مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە ۋە شۇنداقلا نوپۇسى كۆپىيىۋاتقان چوڭ مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار كىملىكىگە ۋە دىنىغا ناھايىتى چىڭ باغلانغان مىللەت بولۇپ، ئۇلارنى بۇنىڭدىن ئايرىش تەس. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنى تونۇپ يەتكەن بولغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە ۋە دىنىغا بولغان باستۇرۇشنى كۆچەيتكەن. جوغراپىيەلىك ئورنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ خىتاينىڭ ‹يىپەك يولى› پىلانى باشلانغاندىن بۇيان شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلغان، ۋە ئاشۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن مىللەت بويىچە كىملىكنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كىملىكىدە چىڭ تۇرغان، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا قارشى چىققان بولغاچقا، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارنى ‹تېررورلۇق ئورگىنى› دەپ ئاتىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ نىشان بولۇشىدىكى سەۋەب مۇشۇنداق.»

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ تونۇيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن مۇشۇ ئىسپاتلارنى ئاڭلاۋاتقان بارلىق قانۇن تۈزگۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ لايىھەلىرىدە شىنجاڭنى تىلغا ئېلىشنى تەلەپ قىلىمەن. بىز سىلەرنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە ئىسپات بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز. بۇ سىلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە قارار چىقىرىشىڭلارغا ياردەمچى بولىدۇ. مېنىڭچە ھەر قانداق بىر ياخشى كارخانا شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك سودىدىن ساقلىنىشنى خالايدۇ».

يىغىننىڭ ئاخىرىدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تىم كەين بۇ يىغىننىڭ دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ئاۋاز بېرىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت