ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرىنى تەكشۈرمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان يەرمەنكىدە يوغان ئېكراندا كۆرۈنۈپ تۇرغان چىراي تونۇش سىستېمىسى. 2018-يىلى 23-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
خىتايدا ئېلىپ بېرىلغان يەرمەنكىدە يوغان ئېكراندا كۆرۈنۈپ تۇرغان چىراي تونۇش سىستېمىسى. 2018-يىلى 23-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AP

يېقىندا ئامېرىكادىكى «بازفېد خەۋەرلىرى» تورى ئامېرىكادىكى روكفېللېر ۋەخپىسى، پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى، كالىفورنىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ پېنسىيە سىستېمىسى قاتارلىق ۋەخپە، پېنسىيە فوندى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قاتنىشىۋاتقان «مەگۋى»، «شەنتاڭ»، «خەيكاڭ» دەك خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ ئەھۋال خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. «بازفېد خەۋەرلىرى» نىڭ 11‏-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ بەزى ئەزالىرى بۇ ئورۇنلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئۈندىگەن.

يۇقىرىقى خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز تونۇش ئاپپاراتلىرىنى ئورنىتىشى، يەرلىك خەلقلەرگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك دىگىتال تەقىب سىستېمىسىنى يولغا قويۇشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ زور ئەندىشىسىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو «بازفېد خەۋەرلىرى» گە بەرگەن باياناتىدا «خىتاي 30 تىرىليون دوللارلىق ئامېرىكا سەرمايە بازىرىغا چەكلىمىسىز كىرىش ئىمكانىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي تەھدىتى، جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ۋە قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى سارمايە بىلەن تەمىنلىمەكتە،» دېگەن. ماركۇ رۇبىيونىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ھازىر بۇنىڭغا خاتىمە بېرىش ۋاقتى كەلگەن.»

ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام سوزېنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا شىركەتلىرىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش كېرەك ئىكەن. ئۇ «بازفېد خەۋەرلىرى» گە بەرگەن باياناتىدا «بىز قايسى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىش، نازارەت قىلىش تېخنولوگىيەسىگە مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل سۇيىئىستېمالنى توختىتىش ئۈچۈن قانداق مالىيە بېسىمىنى ئىشقا سېلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاپ چىقىشىمىز كېرەك» دېگەن. ماركۇ رۇبىيو بىلەن تام سوزې ئامېرىكانىڭ كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىدا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ئوتتۇرىغا قويغۇچى سىياسەتچىلەردۇر. بىز 12‏-ئىيۇن كۈنى تام سوزې، ئىلخان ئۆمەر ۋە ماركۇ رۇبىيونىڭ قوشۇمچە رەئىسلىكىدىكى دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشتۇق. ئۇلار سوئالىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىشنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئېلخەت ئەۋەتكەن بولساقمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى.

كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى مۇھىم بىر چىقىش نۇقتىسى ئىكەن. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى 12‏-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «يۈز تونۇش ئاپپاراتى، كۆز تونۇش تېخنىكىسى قاتارلىق ھەر خىل كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەقىبلەش تېخنىكىسى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىلىۋاتقان ھالقىلىق قوراللارنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا بۇ شىركەتلەرگە قارشى مەلۇم تەدبىرلەرنى ئېلىش بۇ رايوندىكى باستۇرۇشلارغا خاتىمە بېرىش يولىدىكى مۇھىم چىقىش نۇقتىسىدۇر.»

لېكىن ھېنرىي شاجېۋىسكىينىڭ قارىشىچە، بۇ ۋاسىتىلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. ئۇ «يەر شارى ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى»، «يەر شارى دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ نىشانلىق شەخسلەرگە قارىتىلغانلىقىنى، ھازىر مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان بىر قانۇنغا ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈردى. ھېنرىي شاجېۋىسكىينىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ تېزرەك ماقۇللىنىشى زۆرۈر ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ھازىر دۆلەت مەجلىسىدە تەستىقلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى› نىشانلىق خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشقا قارىتىلغان. ئۇنىڭدا تەپسىلىي قىلىپ ئامېرىكادىكى شىركەتلەرنىڭلا ئەمەس، خىتايدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا ئۇنىڭ نازارەت تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم قىلىشنى چەكلەش تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا باستۇرۇشقا ياردەمچى بولىدىغان ھەرقانداق قۇرۇلۇش تۈرىگە مەبلەغ سېلىشى چەكلىنىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە بۇ قانۇندا ئامېرىكادا سودا قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان قۇرۇلۇشلارغا ئىشتىراك قىلسا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.»

لېكىن بەزى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «يەر شارى ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» بىلەن «يەر شارى دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى» نى دەرھال ئىشقا سېلىش ۋاقتى ئىكەن. ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك، ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ قانۇنلارنى ئىشقا سالغاندا بىر ياكى بىر قانچە خىتاي ئەمەلدارىنى جازالاپلا قالماي، بەلكى بىر تۈركۈم خىتاي ئەمەلدارلارنى جازالىشى كېرەكلىكى، شۇنىڭدىلا خىتايغا كۈچلۈك سىگنال بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قانۇننى ئىشقا سالغاندا بىردىن ئارتۇق ئەمەلدارغا، ھەتتا بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارغا ئېمبارگو قويۇش كېرەك. شۇنىڭدىلا ئۇلارغا بۇ ئىش 1-2 ئەمەلدارنىڭ ئىشى ئەمەسلىكى ھەققىدە تېخىمۇ كۈچلۈك سىگنال بېرىپ، بۇنىڭ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ قىلمىشى ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا شەخسلەرگە ئېمبارگو قويۇش بەك مۇھىم، چۈنكى ئۇنىڭ بېرىدىغان سىگنالى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ.»

لېكىن ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشتا تۆۋەن ياكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق كېرەك ئىكەن. ئۇ، «بىر ياكى بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارنى جازالاشتا بۇ تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم. ئىلگىرى ‹ماگنىتىسكىي قانۇنى› بېيجىڭدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارغا يۈرگۈزۈلدى. بۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بار، چۈنكى بۇ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەقىب قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەھەتتە ترامپ ھۆكۈمىتىگە كرىدىت بېرىش كېرەك. نۆۋەتتە شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇنىڭ يادرولۇق شەخسلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش مۇھىم. بۇنىڭدا ‹ماگنىتىسكىي قانۇنى› ھازىر بىزنىڭ قولىمىزدىكى ئەڭ كۈچلۈك كوزىرلارنىڭ بىرى.»

«بازفېد خەۋەرلىرى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكادىكى 6 ئۇنىۋېرسىتېت، 19 پېنسىيە فوندىنىڭ يۇقىرىقى ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ ئاز دېگەندە بىرى بىلەن ۋاسىتىلىك مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جەف مېركلېي «بازفېد خەۋەرلىرى» گە بەرگەن باياناتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن قاتتىق بىئارام بولماقتىمەن. بۇ دەپسەندىچىلىك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تەقىبلەش ۋە ئۇلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماشتا ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ كەلدى،» دېگەن. جەف مېركلېي «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى قوللىغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ «بازفېد خەۋەرلىرى» گە بەرگەن باياناتىدا يەنە ئامېرىكا پېنسىيە فۇندىلىرىنىڭ بۇ دەپسەندىچىلىكنى تېخنولوگىيە بىلەن تەمىنلەۋاتقان شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشتا جىددىي ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت