ئەنگلىيەدىكى 2-چوڭ پارتىيە «ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى» نىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

0:00 / 0:00

كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا مەملىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بۈگۈنكى جىددىي ۋەزىيەتكە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ ئاكتىپ پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىقتۇر. مەزكۇر مەملىكەتلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىگە، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. شۇلار قاتارىدا ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك ئەھۋالىنى ئاكتىپلىق دۇنياغا ئاڭلاتماقتا.

ئەنە شۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بىرى 23-ئىيۇن كۈنى ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىنىڭ كەمدېن رايونىغا جايلاشقان قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ يىغىن زالىدا بولۇپ ئۆتتى. «ئەركىنلىك مەپكۇرەسى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر پائالىيەت ئەنگلىيەدىكى 2-چوڭ پارتىيە ھېسابلىنىدىغان لېيبور، يەنى ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ سوتسىيال ۋە ئىشچىلار ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇنىڭغا لېيبور پارتىيەسىنىڭ يەرلىك مەسئۇللىرى، ئەزالىرى، ئاكتىپلىرى، ئىشچىلار ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشىغا قارشى پائالىيەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار بولۇپ، يۈزگە يېقىن ئادەم قاتناشتى.

مەزكۇر يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغان ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى دېۋىد بولل ئەپەندى مەزكۇر يىغىننىڭ دۇنيادا ئازاب چېكىۋاتقان خەلقلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە بېغىشلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىگىلىشىمىزچە، دېۋىد بولل ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىيلار جەمئىيىتىگە ئوخشاش بىر قاتار تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ، ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى ئىكەن. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەيسا ئەزىز ئەلكۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى كرىزىس ئىچىدىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشى ئۈچۈن مەخسۇس سۆھبەت بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان. يىغىن ساھىبخانى دېۋىد بولل ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەيسا ئەزىز ئەلكۈننى تونۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈشتە ئاكتىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشى» تېمىسىدا ئوقۇغان دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تەقىبلەش سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. ئۇ دوكلاتىدا پاكىتلار بىلەن ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەسلىمىلىرى ئارقىلىق يەتكۈزگەن خەۋەرلىرى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ گۈلدۈرلىگەن چاۋاكلىرى بىلەن قارشى ئېلىندى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى دېۋىد بولل ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ پائالىيىتىمىز دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى قىلغان سوتسىيالىستلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىز بۇ پائالىيەت ئارقىلىق دۇنيادا ئەركىنلىكنى، پۈتكۈل مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىمىز. جەمئىيىتىمىز ھەر قانداق بىر زۇلۇمغا، زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ جىددىي كرىزىسقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز. چۈنكى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر. ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ھازىر جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ناھايىتى ئېغىر زۇلۇمنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەن ئادەملەر زادى ئۇ يەردە نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى، ئەركىنلىك ھەرىكەتلىرىنى، تەشكىلاتلىرىنى بىلمەكچى بولدى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز شۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتۇر. مۇشۇ ھەرىكەتلىرىمىز ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش ھەم ئۇيغۇر خەلقىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىش. بۇ يەرگە كەلگەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلدى، ئاندىن ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىشىمىز كېرەك دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى سورىدى.»

ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى قوللاشتا پارلامېنتتا قانداق رول ئوينايدۇ؟


دېۋىد بولل مۇنداق دېدى: «بىز، مۇشۇ يىغىنغا كەلگەن سوتسىيالىستلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى، ئاز بولساقمۇ، بىز ئەمگەكچىلەر (لېيبور) پارتىيەسىگە ئۆزىمىزنىڭ تەسىرىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز ھەم كۆرسىتىشكە تىرىشىمىز. بىز بۇنى جەمئىيەتكە ھەم ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىگە تەپسىلىي يەتكۈزىمىز. لېيبور پارتىيەسىمۇ چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى شارائىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. لېيبور پارتىيەسىنىڭ باشلىقى جېرېمى كوربىن ۋە پارتىيەنىڭ باشقا مەسئۇللىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققىنى قوغدىشى كېرەك ھەم پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك. خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە مۇشۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتايغا ئوچۇق ئېيتىشى كېرەك. بۇ يەردە بەزى مەسىلىلەرمۇ بار. مەسىلەن، خىتاينىڭ ‹خۇاۋېي› شىركىتى ۋە ئۇنىڭ يانفون مۇلازىمەتلىرىگە ئوخشاش مەسىلىلەر ۋە باشقىمۇ نۇرغۇن ئىشلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى برىتانىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر. لېيبور پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىمۇ تەڭ ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشى كېرەك، چۈنكى بۇ ئىنسان ھەقلىرى زوراۋانلىقى مەسىلىسىدۇر.»

دېۋىد بولل ئەپەندى يەنە بۇ جەھەتتە جەمئىيەتكە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، كۆپ ھەرىكەت قىلىش لازىملىقىنى، نۇرغۇن كۈچلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاغدۇرۇش، مەملىكەتتىكى يېرىم مىليونلۇق لېيبور پارتىيەسى ئەزالىرىنى تولۇق ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش لازىملىقىنى كۆرسەتتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى بۇ يىغىندا بېرىلگەن سوئاللاردىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «سورالغان سوئاللار ئاساسەن جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بولىدىغانلىقى، نېمە ئۈچۈن پاكىستان قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى قوللاۋاتقانلىقى، برىتانىيەلىكلەر بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەسىلىدە كىملەر بىلەن ئالاقە قىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكى، ۋەزىيەت ھەققىدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلىنىش، ئېلخەت تىزىملىكى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن ئالاقە قۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى قاتارلىق كۆپلىگەن سوئاللار سورالدى.»

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى مەزكۇر يىغىندىن ئالغان تەسىراتلارنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ئۇلار مېنى خۇددى ئۆزلىرىمۇ ئۇيغۇردەك ئاڭلىدى. قارىسام، نەچچىسى يىغلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، بىز ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ھەمكارلاشساق، نۇرغۇن ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.»

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە نۇرغۇن مەسئۇلىيىتى بار ئىكەن. ئۇيغۇرلار يەرلىك پارتىيەلەر، تەشكىلاتلار، خەلقلەر بىلەن بىللە ھەرىكەت ئېلىپ بارسا، چوقۇم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىشقا مۇمكىن بولىدىكەن.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ دوكلاتىدىن كېيىن، ئۇ ئۆزى ئىشلىگەن «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ كۆرسىتىلىشى كۆپچىلىكنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

يىغىن داۋامىدا ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ھايات بىخەتەرلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تراگېدىيەسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت قانۇن تەستىقلىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەكچىلەر (لېيبور) پارتىيەسىگە تەۋسىيە قىلىدىغان تەلەپلىرى ھەم مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە قارىتا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقىمۇ مەسىلىلەر ئۇيغۇر كرىزىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە قوزغىدى.