ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىگە ئايلانماقتا

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى كەسكىن مەۋقەسى نۆۋەتتە خەلقئارادا بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشى ۋە قوللىشىغا ئىگە بولۇشقا باشلىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى قاتارىدا يېقىندىن بۇيان ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغان بەزى ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.

8-سېنتەبىر كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىدىن شىبون ماكدونا باشچىلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ لوندوندىكى خىتاي باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭغا يوللىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئوچۇق مەكتۇپى ئېلان قىلىندى. مەكتۇپقا «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا مەكتۇپنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئايان بولماقتا ئىدى. دەرۋەقە، مەكتۇپتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى، لاگېرلاردىكى روھىي ۋە جىسمانىي قىيناقلار ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى BBC ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر باش ئەلچى بىلەن ئۆتكۈزگەن يۈزتۇرانە سۆھبىتى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىنىدۇ. شۇنىڭدەك شۇ ۋاقىتتا كۆرسىتىلگەن سىن كۆرۈنۈشىدىكى چاچلىرى چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ پويىز بىلەن يۆتكىلىش ۋەقەسىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىي تۇتقۇنلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا يۆتكىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى بىلەن نەقەدەر ئوخشايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. مەكتۇپتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرەزلىك ھالدا تېببىي ۋاستىلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقى ئېيتىلىپ: «پۈتۈن دۇنيا شاھىت بولۇۋاتقان بۇ قىلمىش ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېتنىك تازىلاشتۇر. ئەمدى بۇنىڭغا ھېچكىممۇ كۆز يۇمالمايدۇ،» دېيىلىدۇ.

بىرلەشمە مەكتۇپقا ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئەۋلادىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى ئىمزا قويغاندىن باشقا يۈزدىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى ھەمدە لورد، بارون، بارونە ئۇنۋانلىرىدىكى 50 نەچچە ئاقسۆڭەكمۇ ئىمزا قويغان ئىدى. گەرچە خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ تېخى ھازىرچە بۇ مەكتۇپقا جاۋاب بەرگۈدەك بولمىغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمە مۇشۇ مەكتۇپ بىلەنلا توختاپ قالمىغان. 9-سېنتەبىر كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى مۇھاكىمىدە پارلامېنت ئەزاسى شىبون ماكدونا خانىم ئالاھىدە سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ سېپى ئۆزىدىن قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە باش مىنىستىر بورىس جونسونغا سوئال قويدى.

«كۆرگىنىمىزدەك بۇ مەھبۇسلارنىڭ چاچلىرى چۈشۈرۈۋېتىلگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بوۋاقلىرى بولسا ئانىلىرىنىڭ قورساقلىرىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقى مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە زور دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھادىسىلەرنى ئەيىبلىشى ئانچە قىيىنغا چۈشمەيدۇ، ئەمما ئۇلارغا قىيىن كېلىۋاتقىنى بۇنىڭغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشتۇر. باش مىنىستىر جانابلىرى! شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئاشۇ ئېتنىك تازىلاش قىلمىشىغا قارىتا قانداق تەدبىر قوللانماقچى بولۇۋاتىسىز؟ ئەمدى ھېچقانداق مەملىكەتنىڭ ‹بىز بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنمىز› دەيدىغانغا ھېچقانداق باھانىسى قالمىدى.»

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون دەرۋەقە ئۆزىنىڭ شىبون ماكدونا ئېيتقان ئەھۋاللارنى پۈتۈنلەي توغرا دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى بىز ئاڭلىدۇق. بىز بۇ ئىشلارنى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزدە بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويىمىز. شۇنداقلا گ20 يىغىنىدا ۋە ب د ت مەجلىسى قاتارلىق سورۇنلاردا داۋاملىق تەكىتلەيمىز،» دېدى.

ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن مۇھاكىمىگە مۇسۇلمانلار ئەۋلادىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىمۇ پائال ئاۋاز قوشتى. ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئافزال خان بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىگە قاتنىشىش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملار ئۈچۈن جاۋابكار بولۇش لازىملىقىنى تەكىتلەپ «بىز ئەمدى سۈكۈت قىلالمايمىز. شەخسەن مەن داۋاملىق ئاۋازسىزلارنىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋام قىلىمەن» دېدى. شۇنداقلا ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا سوئال قويدى: «2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ غايىب بولغانلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى لاگېرلارغا قامالغان بولسا يەنە بەزىلىرى مەجبۇرىي ھالدا غايىب قىلىۋېتىلگەن. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلىرى تېڭىلغان ھالدا پويېزدا يۆتكىلىۋاتقانلىقىدەك پاجىئەنى كۆردۇق. مۇشۇنى كۆزدە تۇتقاندا مىنىستىر جانابلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ قەبىھ جىنايەتلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن قانداق قەدەملەرنى ئېلىۋاتىدۇ؟ بۈگۈن بۇ زات شىنجاڭدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا ھۆكۈمىتىمىزگە چاقىرىق قىلامدۇ؟»

مەزكۇر سوئالغا قارىتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب جاۋاب بېرىپ: «بۇ ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭغا تولۇق قوشۇلىمەن. بىز ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەردىن، بولۇپمۇ مىليونلىغان كىشىنىڭ ئاتالمىش ‹سىياسىي جەھەتتىن قايتا تەربىيەلەش لاگېرى› غا قامالغانلىقىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بىز ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى جاۋابكارلىقىنى تەكىتلەشتە يېتەكچىلىك رولىنى ئويناپ كېلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىز 27 مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدۇق. بىز بۇ مەسىلىنى داۋاملىق خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ئوتتۇرىغا قويىمىز،» دېدى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى بۇ مۇھاكىمىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بۇ قەدەر كەسكىنلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ياۋروپا ئەللىرى ئىچىدىمۇ كەم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كەلگۈسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئورۇنغا قويىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن رەھىمە مەھمۇت ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسوننىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى ئىپادىسى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەھىمەنىڭ پىكرىچە، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىكى ھەرقايسى تارماقلارنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇشى ھەمدە بۇ مەسىلىنى ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئاڭلىتىشى ھەقىقەتەن تېگىشلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق نەتىجە ھاسىل قىلغانلىقىنى مۇشۇ قېتىملىق مۇھاكىمىدىكى سوئال-جاۋابلاردىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

نۆۋەتتە ياۋروپا ئەللىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق داۋام قىلىش مەسىلىسىنى يېڭىۋاشتىن ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ بۇ ساھەدە تېگىشلىك ئورۇن ئىگىلىشى پائال تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.