سائادەت پارتىيەسى رەھبىرى: ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس، خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلاندى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى ئەڭ كونا پارتىيەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان سائادەت پارتىيەسى ئۇزۇندىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىدىكى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا ھەقلەرنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇش مەسىلىسى ھەققىدە ئىزچىل ھالدا بايانات ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقانىدى. سائادەت پارتىيەسى قارمىقىدىكى تاشقى سىياسەت كومىتېتى تەييارلىغان «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق دوكلاتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى يەنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلات 9-سېنتەبىر كۈنى ئەدىرنە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇلدى.

دوكلاتنى مۇخبىرلارغا تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا سائادەت پارتىيەسىنىڭ ئەدىرنە ۋىلايىتىدىكى مەسئۇلى ئالى دەمىرقىران ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن سىياسىي ۋە دىپلوماتىيەلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، باياناتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يوق قىلىش ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ زىيارىتىمىزدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ، خەلقئارا جەمىيەتنىڭمۇ، مەتبۇئاتلارنىڭمۇ ئېتىبار بېرىشىگە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

15 بەتتىن تەركىب تاپقان دوكلات تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان: 1. شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى، 2. ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، 3. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ۋەزىيىتى 4. خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆز قارىشى. 5. تەكلىپلەر. دوكلاتتا نۇقتىلىق ھالدا 2017-يىلىدىن باشلاپ نۇرغۇن ساندىكى مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى، چېقىلمىغان مەسچىتلەرنىڭ قۇببىلىرىدىكى دىنىي ئېتىقاد بەلگىسى بولغان ئاي-يۇلتۇزلارنىڭ قومۇرۇپ تاشلىنىشى، ئىماملارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشى، ئەمدىلىكتە بولسا بۇنىڭ يۈزلىگەن ئۇيغۇر قەبرىلىرىنى بۇزۇشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى كۆپلەپ كۆرۈلمەكتە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. دوكلاتنىڭ ئاخىرىدىكى ‹تەكلىپ› قىسمىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرتسىز ھالدا جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنى ھەقسىز ئىشلىتىشكە ئوخشاش سىياسەتلىرىنىڭ دەرھال توختىتىلىشى، ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ھېيتى ئەۋەتىشى تەكىتلەنگەن.

بىز سائادەت پارتىيەسى تەييارلىغان «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق دوكلات توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن 9-سېنتەبىر كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئارقىلىق مەزكۇر دوكلاتنى تونۇشتۇرغان ئالى دەمىرقىران ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە، خىتاينىڭ مەسىلىنى يوشۇرۇشى، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغاچقا دۇنيا جامائەتچىلىكى ئەڭ ئاز بىلىدىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزلىرىمىزنىڭ مەسىلىسىنى ھۆكۈمەتكە ۋە جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ دوكلاتنى تەييارلاپ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تونۇشتۇردۇق».

ئالى دەمىرقىران ئەپەندى سائادەت پارتىيەسىنىڭ بۇ دوكلات توغرىسىدا خەۋەر تەييارلاپ بارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىغىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات توغرىسىدا خەۋەر تەييارلاپ بارلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، گېزىت ۋە تېلېۋىزيەلەرگىمۇ ئەۋەتتۇق. تور گېزىتلىرىدىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرنىڭ نۇرغۇن ئادەم تەرىپىدىن ئوقۇلغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. خىتاينىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى جامائەتچىلىك تەرىپىدىن بىلىنسە دەۋاغا پايدىلىق بولىدۇ دەپ ئويلايمىز».

خىتاي رەھبەرلىرى سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە «ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز دېگەن سوئالىمىزغا ئالى دەمىرقىران ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «شۇنداق خىتاي ئىچكى مەسىلىمىز دەۋاتىدۇ. تېررورلۇق پائالىيەت دەۋاتىدۇ. لېكىن بىز ھەقىقەتنى دېيىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ھۆكۈمەتمۇ بەزىدە سۈكۈتىنى بۇزىدۇ. لېكىن، تىجارىي مەنپەئەتىنى دەپ يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچ چىقارمايۋاتىدۇ. ئەگەر تۈرك خەلقى بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلسە ھۆكۈمەتمۇ ئىگە چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ بېسىمىنى ئازايتقىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلاندى».

ئۇيغۇرلار تۈركلەر بىلەن قېرىنداش مىللەت بولغاچقا، تۈركىيەنىڭ ئىگە چىقىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تۈركىيە بىلەن چېتىشلىقى بار نۇرغۇن كىشىلەر جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، تۈرمىلەرگە تاشلانغان بولسىمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەتلا 3 قېتىم بايانات بېرىپ قويۇشى ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلماقتا. لېكىن تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھەر قايسى پارتىيەلەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. بەزى ئاممىۋى تەشكىلات ۋە پارتىيەلەر ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا دوكلات تەييارلىماقتا. ئۇنداقتا سائادەت پارتىيەسى تەييارلىغان «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق دوكلاتىنىڭ ھۆكۈمەتكە تەسىرى بولارمۇ؟ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى دوكلاتنىڭ ئۆلچەملىك ياخشى تەييارلانغان دوكلات ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ دوكلاتنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىشى كۈچەيگەچكە بۇ خىل دوكلاتلارنى تەييارلاۋاتقانلىقىنى، لېكىن بەزى پارتىيەلەرنىڭ ئەنسىرەشلىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سائادەت پارتىيەسى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان پارتىيەلەردىن بىرى. مەزكۇر پارتىيەنىڭ قۇرغۇچىسى تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مەرھۇم نەجمەتتىن ئەرباقان 1984-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن ئىدى. مەزكۇر پارتىيە «ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندە خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ 2009-يىلى 7-ئايدا ئىستانبۇلدا 20 مىڭ كىشى قاتناشقان زور نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.