ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن چېتىشلىقى بولغان خىتاي شىركەتلىرى ۋە بىر قىسىم ئەمەلدارلارغا قارىتا جازا تەدبىرى ۋە ئېكسپورتنى كونترول قىلىشنى يولغا قويغانىدى.
ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىنى» يولغا قويۇپ ئىجرا قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىدى. مانا بۇلار خىتاي سودىسىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانىدى. مانا شۇنداق ئەھۋالدا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەركىن سودا رايونى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇتەخەسسىسلەر، «شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى» قۇرۇلۇشىنى خىتاينىڭ دەل ئامېرىكا ۋە ياۋروپا يولغا قويغان جازا ۋە چەكلىمىلىرىدىن قۇتۇلۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش تىرىشچانلىقى دەپ قارىماقتا.
«شىنخۇا تورى» نىڭ 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈندىكى مەخسۇس خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، سىناق خاراكتېرلىك «شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى» 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ رەسمىي تىجارەت باشلىغان. «شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى» ئۈرۈمچى، قورغاس ۋە قەشقەردىكى ئەركىن سودا رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«تەڭرىتاغ تورى» 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 31 كۈندىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى «خىتاي شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھىسى ۋە قۇرۇلۇش مەقسىتى» نى ئېلان قىلغانىدى. «لايىھە» دە: «شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ يادرولۇق ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرىدىغان» لىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لايىھەدە يەنە مەزكۇر «ئەركىن سودا رايونى» نىڭ خىتاينىڭ غەرب بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىسىدىكى «كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى» بولۇپ، «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىرداشلىق ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ» دەپ ئىزاھلانغان.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ مەزكۇر ئەركىن سودا رايونىدىن كۆزلىگەن مەقسىتى ھەققىدە خىتاي كۆرسەتكەندىن باشقىچە قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى دوكتور ئاندرېس كور (Andres Corr) ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشنىڭ مەقسىتىنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، مۇنداق دېدى:
«خىتاي ‹شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى› ئارقىلىق خىتاي چەتئەللىكلەرنىڭ سالغان مەبلىغىنى ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي بىر چالما بىلەن ئىككى پاختەك سوقماقچى بولۇۋاتىدۇ. يەنى بىر تەرەپتىن چەتئەل مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ شېرىكلىكىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى شىنجاڭدا ئىقتىسادى پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىنكار قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىنجاڭدا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىشنى مەقسەت قىلغان».
دوكتور ئاندرېس كورنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار ئېلى خىتاي ئۈچۈن بېسىۋېلىنغان زېمىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەسلىدە ئۇلارنىڭ بۇ جايدا مۇنداق ئەركىن سودا رايونلىرىنى قۇرۇش ھوقۇقى يوق ئىكەن. ئۇ بۇ قاراشلىرىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە، خىتاينىڭ شىنجاڭدا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش ھوقۇقى يوق. شىنجاڭ مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن. بۇ زېمىندا قەدىمدىن بۇيان ياشاپ كەلگەن بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ خىتاينىڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش ھوقۇقى يوق.»
قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق گېئو-ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور شېرىپجان نادىروف ئەپەندى خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا رەددىيە بېرىپ، «خىتاي شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى» خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ماللىرىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا تۆكمە قىلىپ سېتىش ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ. بۇ كەلگۈسىدە قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، دېدى.
خىتاينىڭ 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مەخسۇس خەۋىرىدە، «خىتاي شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى» نىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ئاشكارىلانغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
«‹خىتاي شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى› شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلاشتۇرىدۇ. ‹خىتاي شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى› غەربنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتى ۋە تۆھمەتلىرىنى يوق قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئىسپات سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.»
ئىستانبۇلدىكى تەدبىر تاشقى سودا مەسلىھەتچىلىك مائارىپ مۇلازىمىتى ۋە ساياھەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى «شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تۈپەيلى، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارغا قارىتا يولغا قويغان جازا ۋە چەكلىمىلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەزكۇر چوڭ پىلان ۋە لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور ئاندېرس كور خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان سودىنىڭ ئەركىن سودا بولماستىن بەلكى كونتروللۇق ئاستىدىكى سودا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، «‹شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى› ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق پايدا مەنپەئەت ئەكەلمەيدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرغىب قىلىۋاتقان ئەركىن سودىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي خىتايلارغا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ» دېدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھەمىشە مەھسۇلاتلىرىنى چەتئەلگە ئېكسپورت قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار چەتئەللىكلەرنىڭ پۇل، ماتېرىيال ۋە تېخنىكىسىنى دۆلىتىگە ئېلىپ كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. چەتئەللىكلەر شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىدۇ. خىتاي چەتئەللىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىش، چەتئەللىكلەرنى شىنجاڭدا سودا بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت بېرىش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلدۇرۇشنى ئويلاۋاتىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن رەزىللىك. سىزمۇ بىلگىنىڭىزدەك، بۇ ئەركىن سودا ئەمەس، ناھايىتى كونتروللۇق سودا. بۇ بەك ناچار ئىش. خىتاي نەچچە مىڭ يىللار داۋاملاشقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى پۈتۈنلەي خىتايلارغا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.»
ئاخىرىدا دوكتور ئاندرېس كۆر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە بۇنىڭغا قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتا ئېمبارگو ۋە ئېكسپورتنى چەكلەشنى يولغا قويغاندىن كېيىن بەزى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۈنۈمى ئويلىغاندەك بولمىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى «ئەركىن سودا رايونى» غا ئوخشاش ناملاردا يېڭى بازارلارنى ئېچىپ خەلقئارا بازاردا سېتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئامېرىكاغىمۇ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن داۋاملىق كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
