ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى قارار قوبۇل قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-12-17
Share
ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى قارار قوبۇل قىلدى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئايلىق يىغىندىن ئىلگىرى فىرانسىيەنىڭ شەرقىدىكى ستراسبۇرگدىكى ياۋروپا پارلامېنت بىناسىغا ئېسىلغان بايراقلار. 2020-يىلى 17-دېكابىر.
Photo: RFA

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى تۈزۈمى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

بۈگۈن 17-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى مەركىزىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ پارلامېنتتىكى 23 نەپەر ۋەكىلى ئوخشاش بولمىغان تېمىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىپ ئۆتتى. بۇ دوكلاتلار ئاساسىدا ھازىرلانغان 23 ماددىلىق بىر قارار بۈگۈن چۈشتىن كېيىن قوبۇل قىلىندى.

ياۋروپا خەلق پارتىيەسى، ياۋروپا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، ياۋروپا كونسېرۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسى، ياۋروپا كىملىك ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسى، ياۋروپا يېشىللار پارتىيەسى، ياۋروپا سولچىللار پارتىيەسى قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئاساسلىق چوڭ پارتىيەلەرگە مەنسۇپ بولغان بۇ 23 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بۈگۈن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇملىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىنى ئەيىبلەشتىكى تەلەپپۇزلىرى ھېچقاچانقىغا ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە قاتتىق بولدى. بولۇپمۇ گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينى قەتئىي رەۋىشتە جازالاشنى، جازا لاگېرلىرىنى دەرھال ھەم شەرتسىز تاقاش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىشتى.

گەرچە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى» بولسىمۇ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سۆزلىرى بۇ تېمىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى. بىرلىرى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىلىق توختىلىپ بۇنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبىسە، بىرلىرى ئاتا-ئانىلىرى لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە قامىلىپ يېتىم قالغان 1 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر نارىسىدىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى ھەققىدە توختىلاتتى. يەنە بىرلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەش دورىسى بىلەن ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بىرلىرى ساقچى دۆلىتىگە ئايلانغان ئۇيغۇر رايونىدىكى چىدىغۇسىز نازارەت سىستېمىلىرى توغرىسىدا، يەنە بىرلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە زورلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە، بىرلىرى ئۈستىدىكى كېيىملەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قان ھىدى بارلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىملىرىگە چەكلىمە قويۇشى لازىملىقى توغرىسىدا توختىلاتتى.

ياۋروپا پارلامېنتى بۇ قېتىم قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت 23 ماددىلىق قارارىدا ئوخشاش بولمىغان 23 مەسىلىنى تىلغا ئالغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قارارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختالغاندا، مەزكۇر قارارنىڭ ھازىرغىچە ياۋروپا پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىنغان قارارلارغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە كۈچلۈك سۆز-ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە، مەزكۇر قاراردا خىتاي ھاكىمىيىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان جۈملىلەرنىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، قاراردا يەنە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ۋە شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش مەسىلىلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، مەزكۇر قارارنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلغان جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ يولىنى ئېچىپ بەرگەن بىر قارار بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى بولغان «ياۋروپا ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى ماقۇللىغان. بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بۇ قانۇننى دەرھال ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تەدبىقلاشنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت