رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىدىكى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»
2021.12.28

يېقىندا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويۇپ، ئۇنى رەسمىي قانۇنغا ئايلاندۇرغانلىقى دۇنيانىڭ ھەر قانداق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يورۇتۇلدى ۋە ئۇلارنىڭ قىزىقارلىق تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. شۇ جۈملىدىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردىمۇ يورۇتۇلماقتا.
«سېنتىر ئاسىيا» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «بايدېن گوياكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى پايدىلانغانلىقى سەۋەبىدىن شىنجاڭ ئىمپورتىنى مەنئى قىلىش ھەققىدىكى قانۇنغا ئىمزا قويدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىر نەچچە قېتىم خىتاينى شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاھالىلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى بۇزغانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەنىكەن. خىتاي يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى ۋە باشقىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرىنى ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا باشلىق بەزى غەرب ئەللىرىمۇ خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى بىلەن ئەيىبلىگەن.
رۇسىيەنىڭ ئىناۋەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بىرى «ر ئى ئا نوۋوستى» تورىدا بېرىلگەن «بايدېن خىتاي شىنجاڭىدىن بولىدىغان ئىمپورتنى مەنئى قىلىش توغرىلىق قانۇن ئىمزالىدى» دېگەن ماقالىدا ئامېرىكا تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ باھالانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە خىتاينىڭ بارلىق ئەيىبلەشلەرنى كەسكىن تۈردە ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى كۆرسىتىلمىگەن.
بىز «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئىمزالىنىشى ۋە بۇنىڭغا خىتاي تەرەپنىڭ ئىنكاسى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.
رۇسىيەلىك ھوقۇق قوغدىغۇچى ۋە سىياسەتشۇناس بەھرام ھەمرايېف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ئىمزالىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتىلغان ۋە ئۆز ۋاقتىدا قوبۇل قىلىنغان قارارىكەن.
بەھرام ھەمرايېف مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىگە قارشى ئەرىزلىرىگە ۋە تەلەپلىرىگە قارىماي، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يەنىمۇ داۋاملاشماقتا، خىتاينىڭ تەقىبلەش سىياسىتى داۋام قىلماقتا. ئەلۋەتتە، خىتايغا قارشى ئېمبارگولار ئۆز نەتىجىسىنى بېرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. مەن خىتاينىڭ ئەنە شۇ ئېمبارگولارغا قارىتا تۇتقان رېئاكسىيەسىنى ياخشى بىلىمەن. ئەينى ۋاقىتلاردا رۇسىيەگە قارشى قوللىنىلغان چارىلەرگە رۇسىيە پرېزىدېنتى ئانچىمۇ ئېتىبار بەرمىگەنىدى. ئەمما ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئېمبارگولارنىڭ دەردى چىقىشقا باشلىدى. خىتايمۇ ھازىر دەل ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خىتاينى ياقلىغان مۇسۇلمان ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىپ، خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى قايتا قاراپ چىقىدۇ دېگەن ئۈمىدتىمەن».
بەھرام ھەمرايېف، خىتاي گەرچە بۇ قانۇن ۋە ئېمبارگولارنى خۇددى رۇسىيە ئىلگىرى تۇتقان پوزىتسىيەگە ئوخشاش ئەيىبلەش ۋە نەزەرگە ئالمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ خىتايغا قاتتىق زەربە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قازاقىستاننىڭ رۇس تىلىدىكى «تېڭرىنيۇس» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا تارقىتىلغان «بايدېن شىنجاڭدىن ئا ق ش غا تاۋار ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىش توغرىلىق قانۇن ئىمزالىدى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، قانۇن شەرتلىرى بويىچە پەقەت قۇللۇق ئەمگەكنى پايدىلانمىغان كومپانىيەلەر بۇ مەنئى قىلىش تىزىمىغا كىرمەيدىكەن.
نۆۋەتتىكى «ئوردا» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «بايدېن شىنجاڭ ئىمپورتىنى مەنئى قىلىش توغرىلىق قانۇنغا قول قويدى» ناملىق يەنە بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلار ئەمدى ئامېرىكىدا سېتىلمايدۇ يا سېتىۋېلىنمايدىكەن. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئونلىغان ئادەملەر نامايىشقا چىقىپ، خىتايدىن «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە ئاخبارات بېرىشنى تەلەپ قىلغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇنداق نامايىشلار ئالمۇتا شەھىرىدە بىر نەچچە ئايدىن بۇيان توختىماي داۋام قىلماقتا.
ئىنسان ھەقلىرى بويىچە قازاقىستان خەلقئارا بيۇروسىنىڭ ژۇرنالىستى ئاندرېي گرىشىن ئەپەندى مەزكۇر قانۇنغا ئىجابىي باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «قانداقلا قىلغان ھالەتتە بۇ سىياسىي بىر قارار بولۇپ، ئامېرىكا ئۇزۇندىن بۇيان ماڭغانىدى. بۇ قارار ئىنتايىن ئۆز ۋاقتىدا ئېلىنغان دەپ ھېسابلايمەن، چۈنكى شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇللۇق ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ھەممىسى، ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ چۈشىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ، بىلىپ، ئەنە شۇنداق قارارلارنى ئېلىۋاتىدۇ. ئەمدى قازاقىستاننىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە سۆز قىلساق، ئەلۋەتتە، قازاقىستان بىرىنچى نۆۋەتتە بۇ جەھەتتە ئۆز سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ ھەم بۇنىڭدا خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش قوشنىلىرىغا ئەگىشىدۇ. قازاقىستان ئامېرىكىغا ئەگەشمەيدۇ، بەلكى پەقەت شىنجاڭدا بولۇۋاتقان ئىشلارغا كۆز يۇمۇشقا تىرىشىدۇ».
ئاندرېي گرىشىن ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا قوللىنىۋاتقان جازا ھەرىكەتلىرىنىڭ بىردىنلا خىتاي ئىقتىسادىغا دېگەندەك تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا بەلگىلىك بىر ۋاقىتنىڭ زۆرۈر بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قوشنا رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ئىزچىل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى خىتايغا ماسلىشىپ ئاقلاش، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلەشلىرىنى قوللىماسلىق پوزىتىسىيەسىدە بولماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، ھەتتا ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تالىپلار ھۆكۈمىتىمۇ شۇنىڭدەك باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا سولاش، ئۇلارنىڭ دىنىي كىملىكىگە زەربە بېرىشتەك تەقىبلەش سىياسىتىگە كۆز يۇمۇش پوزىتسىيەسىدە بولماقتا.