«كوپېنھاگېن خەلقئارا مۇزىكا فېستىۋالى» دا ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ياڭرىدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.09.20
«كوپېنھاگېن خەلقئارا مۇزىكا فېستىۋالى» دا ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ياڭرىدى دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «كوپېنھاگېن خەلقئارا مۇزىكا فېستىۋالى» دا «لوندون يىپەك يولى ئانسامبىلى» ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلىماقتا. 2021-يىلى 19-سېنتەبىر.
Rehime Mehmut teminligen

دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «كوپېنھاگېن خەلقئارا مۇزىكا فېستىۋالى» غا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قاتناشقان مۇزىكا گۇرۇپپىلىرىنىڭ قاتارىدا ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان «لوندون يىپەك يولى ئانسامبىلى» مۇ تەكلىپ قېلىنغان. ئۇلار 18-سېنتەبىردىن 20-سېنتەبىرگىچە دانىيەنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە كونسېرت بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە «لوندون يىپەك يولى ئانسامبىلى» ئۇزۇندىن بۇيان ئاساسلىقى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى خەلققە تەقدىم قىلىپ كەلگەن. ئۇلار خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسىنى ياڭرىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇشنى نىشان قىلغان.

«كوپېنھاگېن خەلقئارا مۇزىكا فېستىۋالى» نى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىلدۈرۈشىچە، «كوپېنھاگېن خەلقئارا مۇزىكا فېستىۋالى» ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان دانىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن داڭلىق مۇزىكانتلار ئورۇنلىغان مۇزىكىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناشنى مەقسەت قىلغان. ئۇلار يەنە «بۇ فېستىۋالنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى ھۆرمەتلەش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك خاراكتېرى كۈچلۈك» دەپ تەرىپلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۇنداقلا ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان «لوندون يىپەك يولى ئانسامبىلى» نىڭ ناخشىچىسى رەھىمە مەھمۇت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ فېستىۋال ھەققىدە چۈشەنچە بەردى ۋە يەنە مۇنداق دېدى: «بىز بۇ كونسېرت ئارقىلىق ۋەتەندىكى تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەن سەنئەتكارلىرىمىز، مۇزىكانت-شائىرلىرىمىزنىڭ، ۋەتەندە ئازاب-چېكىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلاتتۇق.»

مەزكۇر ئانسامبىل دانىيەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن 18-سېنتەبىردىن 20-سېنتەبىرگىچە دانىيەنىڭ ئالبورگ، نور سنەد ۋە كوپېنھاگېن قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئارقا-ئارقا كونسېرت بەرگەن. كورۇنا ۋىرۇسى تۈپەيلى قاتناشقان كىشىلەر بەك كۆپ بولمىسىمۇ ئەمما تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

«لوندون يىپەك يولى ئانسامبىلى» نىڭ دۇتارچىسى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان رايچىل خاررىس خانىم كونسېرتلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى مۇنداق دېدى: «كورۇنا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇن مۇددەت قامالدىن كېيىن، دانىيەدە مۇشۇنداق نەق مەيدان كونسېرت بېرەلىگەنلىكىمىز ئۈچۈن مەن بەك خۇرسەن بولدۇم. ھازىرقى مەزگىلدە ياۋروپادا ۋە دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاش ناھايىتى مۇھىم. مېنىڭ بىلىشىمچە دانىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىرى يېتەرلىك بىلىنمەيدۇ. ئەنگلىيەلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا دانىيەلىكلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغانلار ھەقىقەتەن ئاز. شۇڭا بۇ فېستىۋال بىز ئۈچۈن تاماشىبىنلارغا گۈزەل ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاپ بېرىپلا قالماستىن بەلكى ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى› نى ئاڭلتىش ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولدى.»

«لوندون يىپەك يولى ئانسامبىلى» دا ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىغا ئىشتىياق باغلىغان، قەشقەر راۋابىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالىدىغان ئۆزبېكىستانلىق سەردار مىرزاخوجايىف دېگەن بىر مۇزىكانتى بار ئىكەن. سەردار ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ‹ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبېك بىر خەلق، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن مۈشكۈلات ئۆزبېكلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بىلەن ئوخشاش› دەپ بىلىمەن. قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سۇيىقەستنى كۈيلىرىمىز ئارقىلىق دۇنياغا بىلدۈرۈشكە تىرىشىمىز.»

«لوندون يىپەك يولى ئانسامبىلى» نىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزگە قارىغاندا، «كوپېنھاگېن خەلقئارا مۇزىكا فېستىۋالى» دەك خەلقئارالىق سەھنە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.

زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا رەھىمە مەھمۇت خانىم مۇنداق دېدى: «لوندون يىپەك يولى ئانسامبىلى» مۇزىكىلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەڭ مۇھىمى يەنە مۇشۇنداق گۈزەل مەدەنىيىتىمىزنى مۇھاجىرەتتە ساقلاپ قىلىش ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.