خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرا رايونلىرىدا نوپۇس ئازايغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2025.02.13
xerite-nopus-sheher-korla-kashgar-kochmen-1920 ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ نوپۇسى تېز كۆپىيىۋاتقان شارائىتتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرا بويىدىكى ناھىيە-بازارلىرىدا نوپۇسنىڭ ئازىيىشى دىققەت قىلارلىق بىر تەرەققىيات ئىكەن
Photo: RFA

خىتاينىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى ئاقىللار ئامبىرى بولغان «خىتاي نوپۇس ۋە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى خې دەن (He Dan) يېقىندا خىتاينىڭ «نوپۇس ۋە سالامەتلىك» ژۇرنىلىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە چېگراداش ناھىيە-بازارلىرىدا نوپۇسنىڭ تېز ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە «نوپۇس بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى رامكىسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دىققەت قىلىشى ھەم نوپۇسنى كۆپەيتىشنىڭ چارىسىنى تۈزۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خې دەن دوكلاتتا، ئوتتۇرا ئاسىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ نوپۇسى تېز كۆپىيىۋاتقان شارائىتتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرا بويىدىكى ناھىيە-بازارلىرىدا نوپۇسنىڭ ئازىيىشى دىققەت قىلارلىق بىر تەرەققىيات ئىكەن.

خې دەننىڭ «نوپۇس ۋە سالامەتلىك» ژۇرنىلىنىڭ 2024-يىللىق 12-سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلاتى، ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشىنىڭ زىيارەت ئۆمىكى تەركىبىدە ئۇيغۇر ئىلىدا تەكشۈرۈشتە بولۇشىنىڭ ئارقىسىدىن، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 27-دېكابىر كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لاداق بىلەن چېگراداش ئاقسايچىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاغلىق رايونلىرىدا ئىككى يېڭى ناھىيە تەسىس قىلىشنى جاكارلىشىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان. خىتايدا نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، نوپۇسنىڭ ئازىيىشى خىتايدىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك جىددىي مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما خې دەننىڭ چېگرا ناھىيەلەردىكى نوپۇسنىڭ ئازىيىشىدا بۇ جايلاردىكى ئومۇمى نوپۇسنىڭ ئەھۋالىنى ياكى نوقۇل خىتاي نوپۇسىنىلا كۆزدە تۇتقانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىز 12-فېۋرال «خىتاي نوپۇس ۋە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى» گە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ قىلىپ ئېلخەت ئارقىلىق يوللىغان سوئاللىرىمىزغىمۇ ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمىدى.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر تەتقىقاتى ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھىيەلەرنىڭ كونكرېت نوپۇس سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلمىغاچقا، بۇ، چېگرا بويىدىكى ناھىيەلەردە نوپۇس ئازىيىۋاتقانلىقىنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشنى ئىمكانسىزلاشتۇرماقتىكەن.

ئامېرىكادىكى لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پىروفېسسورى، نوپۇزلۇق ئۇيغۇرشۇناس، «ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇقەددەس يوللىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى رائىن تۇم (Rian Thum) مۇنداق دەيدۇ: «ناھايىتى ئەپسۇسكى، بىز كېيىنكى بىر قانچە يىلدىن بېرى ناھىيەلەرنىڭ كونكرېت نوپۇس سانىنى كۆرەلمىدۇق. شۇڭا بىز بۇ چېگرا ناھىيەلەرنىڭ نوپۇسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلمەيمىز. مېنىڭ نۇقتىئىنەزىرىمدىن بۇ ئەھۋالدا نوپۇسنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىغا دائىر بۇ خىل بايانلارنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىگە باھا بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق. بەلكىم، بۇ تەتقىقاتچى ناھىيەلەرنىڭ نوپۇس سانلىق مەلۇماتىغا ئىگە بولغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇرۇن ئېلان قىلىپ كەلگەن بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ھازىر يوشۇرۇۋاتىدۇ.»

لېكىن، رائىن تۇم، رايوندىكى ناھىيەلەرنىڭ كونكرېت سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنمىسىمۇ، ئەمما پۈتكۈل رايون ئومۇمى نوپۇسىنىڭ ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە رايون مىقياسىدا تۇغۇلۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ، مەنپىي تەبىئىي كۆپىيىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. رائىن تۇم مۇنداق دەيدۇ: «لېكىن ئۇلار رايون مىقياسىنىڭ نوپۇس سانىنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز ئۇنىڭدىن نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، يەنى نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپىيىشىنى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئازايغانلىقىنى بىلىۋاتىمىز. ئۇلار ئاخىرقى قېتىم 2023-يىلى 2022-يىللىق نوپۇس ئۆزگىرىشىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. 2022-يىلى نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى 1000 دە 0.77 بولغان. بۇ، تۇغۇلۇش نىسبىتى ئۆلۈش نىسبىتىدىن ئازايغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، شىنجاڭدا 2022-يىلى نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى نۆلگە يېقىن دېگەنلىكتۇر.»

خې دەن «نوپۇس ۋە سالامەتلىك» ژۇرنىلىدىكى دوكلاتىدا، چېگرا ناھىيەلەردىكى نوپۇسنىڭ ئازىيىشى ئۇيغۇر ئېلىگە خاس ئەھۋال ئەمەسلىكى، ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئىچكى موڭغۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ شىمالى ۋە غەربىدىكى چېگرا ناھىيەلىرىنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت ئورتاق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ نوپۇسى كۆپىيىۋاتقان شارائىتتا، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېگرا ناھىيەلەرنىڭ «نوپۇس بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى، چېگرا رايونلاردىكى نوپۇس مەسىلىسىنى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى رامكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش» نى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق چېگرا پورتى بولغان ئالاتاۋ شەھىرىنىڭ نوپۇسى 17 مىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئاران 3423 نەپىرى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس ئىكەن. لېكىن ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقات دىرېكتورى، دوكتور ھېنرىك شەجېۋىسكىنىڭ (Henryk Szadziewski) كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تۇغماس قىلىش ئارقىلىق نوپۇسىنى ئازايتىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ دوكلات تېخىمۇ دىققەت قىلارلىق بىر نۇقتىنى ئىپادە ئەتمەكتىكەن. ھېنرىك شەجىۋېسكى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر نوپۇسى تۇغماس قىلىش پىروگراممىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەقسەتلىك نىشان بولۇپ كەلدى. بۇ ئىزچىل سەزگۈر مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە. ھازىر بىز بۇ دوكلاتقا نائىل بولدۇق. بۇ دوكلات، چېگرا رايونلارنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيە بىلەن بولغان چېگرا رايونلىرىنىڭ نوپۇسى ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەلۋەتتە، مەركىزى ئاسىيا خىتاي ئۈچۈن ئۇنىڭ بىخەتەرلىك پىلانلىرىغا قىيانلىغاندا ئىزىچىل ئاجىز ھالقا بولۇپ كەلدى. چۈنكى، بۇ جاي تۇراقسىز بىر رايون. ھالبۇكى، بىزنىڭ بۇ رايوندىكى سىياسەت بەزى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق›دەپ قارالغان ۋەزىيەتتە، بۇ رايوننىڭ نوپۇسى ئازىيىۋاتقانلىقىمىزنى سۆزلىشىمىز، مەسىلىنى تېخىمۇ دىققەت قىلارلىق قىلماقتا.»

ھېنرىك شەجېۋىسكى يەنە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ نوپۇسى خىتاي ئۈچۈن ئىزچىل بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، رايوندا نوپۇسىنىڭ ئازىيىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى كۆچۈپ كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ يەنە بىر خىل ئىستراتېگىيەسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. ھېنرىك شەجېۋىسكى مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئېيتقىنىمدەك بۇ مەسىلە ئىزچىل بىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولۇپ كەلدى. شۇنداقلا مەن يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەلۋەتتە بۇ رايونغا تېخىمۇ كۆچمەنلەرنى كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ يەنە بىر خىل ئىستراتېگىيەسى. لېكىن بۇنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق›تەك بىر ۋەزىيەتتە، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك بىر سىياسەتتۇر.»

خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى تورىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خې دەن ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ئىلىدىكى تەكشۈرۈشتە، بۇ رايوننىڭ «زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش توپىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىختىساس ئىگىلىرىنى كىرگۈزۈشكە مەركەزلىشىشى، سىرتقى جايلارنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىنى كەڭ كۆلەملىك كىرگۈزۈشى»، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «باشقا ئۆلكە، چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپلىق شەھەر ھەم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ-كىچىك كارخانىلارنى ھەر خىل شەكىللەردە، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا رىغبەتلەندۈرۈش» نى تەكىتلىگەن. لېكىن لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىروفېسسورى رائىن تۇم، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشىنىڭ 2022-يىلى چېگرا ناھىيەلىرىدىكى نوپۇسنىڭ ئازىيىشىدا ۋە نوپۇسنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئاساسەن نۆلگە چۈشۈپ قېلىشىدا قانچىلىك رولى بارلىقى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

رائىن تۇم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ رايوندا 2017-يىلغىچە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ناھايىتى يۇقىرى بولغان. لېكىن نوپۇسنىڭ ئۆسۈشىنىڭ 2022-يىلى ئاساسەن نۆلگە چۈشۈپ قېلىشىدىكى سەۋەب، رايوندىكى ئۇيغۇرغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈلگەن مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش تەدبىرلىرىدۇر. بۇ تەدبىرلەر مەجبۇرىي ئۈزۈك سالدۇرۇش ۋە باشقا تۇغۇتنى مەجبۇرىي كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئۆسۈشىنى توختىتىشقا كىرىشكەن. بەلكىم، بۇ تەدبىرلەر (خىتاي) تەتقىقاتچىسى ئېيتقان چېگرا ناھىيەلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ ئازىيىشىغا تۈرتكە بولغان ياكى بولمىغان بولۇشى مۇمكىن.»

لېكىن خىتاينىڭ «نوپۇس ۋە سالامەتلىك» ژۇرنىلىدىكى دوكلاتتا، قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزىدىكى جايلاردا نوپۇسنىڭ ئازىيىشىنى بۇ جايلارنىڭ «نازۇك ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى، تۇرمۇش شارائىتى ۋە ئىقتىسادى ئۇل ئاساسىنىڭ تەرەققىي قىلماسلىقى» قاتارلىق ئامىللارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى تەكىتلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «ئىمپورت بېجى ۋە ئىمپورت ماللىرىنىڭ قوشۇمچە قىممەت بېجىنى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ يىغىۋېلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ پايدا ئالالماسلىقى، بۇنىڭ يەرلىك ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىشىنى چەكلەپ قويغانلىقى» مۇ تەكىتلەنگەن.

نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئۆزى نوپۇسنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك ئازىيىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇ، ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقتىسادى گۈللىنىشىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارالماقتا. خىتاينىڭ ئومۇمى نوپۇسى 2024-يىلى ئۇدا ئۈچ يىل ئازىيىپ، ئۆلۈش نىسبىتى تۇغۇلۇش نىسبىتىدىن ئازراق بولسىمۇ ئېشىپ كەتكەن. خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا 2024-يىلى 9 مىليون 540 مىڭ ئادەم تۇغۇلغان، 10 مىليون 930 مىڭ ئادەم ئۆلگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي نوپۇسى بىر مىليون 390 مىڭ ئادەم ئازلاپ، ئادەم سانى بىر مىليارد 408 مىليونغا چۈشكەن. ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل پەرقنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردا تېخىمۇ تېزلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.