ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ، خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇش، خىتايلاشتۇرۇش تەربىيەلىرىگە مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەممىنى ئەندىشىگە سېلىپ كەلمەكتە ئىدى.
ئۇنداقتا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان بىگۇناھ نارەسىدە بۇ بالىلار زادى نېمىلەرنى ئويلايدىغاندۇ، ئۇلارمۇ غەم قىلامدىغاندۇ؟ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى، مەلۇم خىتاي ئوقۇتقۇچى ئۆزىى تارتىپ تىك-توكتا تارقاتقان قىسقا ۋىدىيوسى ئارقىلىق چەتئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىمۇ كەڭ يېيىلىپ، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غېمىگە ئايلاندى.
يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان فەيسىبوك، تىۋېتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىدىن «سېنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىڭ نېمە ؟» دەپ سورىغان سوئالىغا 9-10 ياشلار چامىسىدىكى بالىلارنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى توغرۇلۇق تىك-توكتىن تارقالغان بىر قىسقا ۋىدىيوغا قارىتا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىنكاس ۋە ئانالىزلىرى داۋام قىلماقتا.
قەيەر ئىكەنلىكى نامەلۇم، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانى ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدىغان 6 مىنۇت 10 سېكۇنتلۇق بۇ قىسقا ۋىدىيودا، بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى، 9-10 ياشلاردىكى 18 نەپەر ئۇيغۇر قىز ۋە ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنى رەتكە تىزىپ «سېنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىڭ نېمە؟» دەپ، بىر-بىرلەپ خىتايچە سورايدۇ ۋە ئۇنى يانفونىدا سۈرەتكە ئالىدۇ. بالىلار خېلى راۋان خىتايچە جاۋاب بېرىدۇ.
«ئەڭ چوڭ غېمىڭ نېمە؟ دېگەن سوئالغا رەتنىڭ بېشىدىكى غەمكىن ئايشەمنىڭ جاۋابى «دادام قاچان قايتىپ كېلەر؟» دەپ باشلىنىدۇ.
ئارقىدىن سەبىخەنىڭ جاۋابىمۇ ئايشەمگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ ئۇ «تاغام قاچان قايتىپ كېلىدۇ؟» دەيدۇ.
يەنە بىر قىز «مېنى نېمىشقا ئادەملەر دائىم تىللايدۇ؟ ئۇرىدۇ؟» دەيدۇ.
بىر ئوغۇل بالا «دادام نېمىشقا ئۆگىنىشكە كېتىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
خىتاي ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ بۇ ئىزتىراپىنى يېنىكلىتىشنى ئويلىغان بولسا كېرەك، «بىز ئۆگىنىش قىلىۋاتامدۇق، ئاتا ئانىمىزمۇ ئۆگىنىشكە موھتاج، بىز قانچە ياخشى ئوقۇساق تۇرمۇشىمىز شۇنچە ياخشى بولىدۇ ئەمەسمۇ، داداڭ ياخشى ئۆگىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تېخىمۇ خۇشال ياشايسىلەر» دەيدۇ.
ئارقىدىن غەمكىن كۆرۈنگەن چوڭ مۇستاپا «دادام نېمە ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتتى؟» دېگەن سوئالنىڭ، ئۆزىنى ئەڭ چوڭ غەمگە سالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
خىتاي ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ جاۋابىنى تەكرارلىغاندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل سەۋەب بىلەن ئوخشىمىغان ياشتا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ئاخىرىدا مۇستاپانى «دادىمىز بولمىغىنى بىلەن ئاپىمىز بولغاندىكىن يەنىلا خوشالغۇ بىز» دەپ بەزلەيدۇ.
ئوخشاش مەكتەپ فورمىلىرىنى كىيىۋالغان ئەمما ئانچە پاكىز رەتلىك كۆرۈنمەيدىغان بۇ بالىلارنىڭ يۈرەكنى ئېزىدىغان مەيۈس ھالىتى ۋە نورمال بالىلار ئېيتماق تۈگۈل خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدىغان، يۈرەكنى ئېزىدىغان ئىزتىراپلىق جاۋابلىرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىلەندۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.
چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار قوللىنىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قايتا قايتا كۆچۈرۈپ تارقىتىۋاتقان بۇ قىسقا ۋىدىيوغا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلاردا، ھەممە بىردەك بۇ بىر تەرەپتىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا كۆپلەپ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرسە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خىتايلاشتۇرۇش مائارىپىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان سەلبىي تەسىرى ھەم بۇزغۇنچىلىقنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسپات ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدە 30 يىلغا يېقىن باشلانغۇچ مەكتەپتە خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن قۇتۇلۇپ چىققان لاگېر شاھىتلىرىدىن گوللاندىيەدىكى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ ۋىدېيوغا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ، لاگېر باشلانغان تارتىپ، خۇددى يۇقىرىقى ۋىدىيودىكى بالىلار سورىغاندەك ئۆزىنىڭمۇ ئاتا-ئانىسى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شۇنداق سوئاللىرىغا ئۇچرىغاندا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي ئازابلانغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە شاھىت بولغانلىقىنى ئېيتتى.
لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئەلى، بالىلارنىڭ «ئەڭ چوڭ غېمىڭ نېمە؟» دېگەن سوئالغا بەرگەن جاۋابلىرىنى كۆرۈپ، بىگۇناھ نارېسىدىلەرنىڭ ئېغىر روھىي بېسىم ئاستىدا، ئازابلار ئىچىدە قىينىلىۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق ھالىنى ھېس قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى ئۆمەر بېكئالى 8 ئايدىن ئارتۇق لاگېر ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، قارىمايدىكى خىتاي جازا لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولغانلىقىغا ھازىر يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ۋاسىتىلىك قۇربانلىرى ھېسابلانغان ئۆز بالىلىرىنىڭ پسىخىكىسىغا ئېلىپ كەلگەن شىددەتلىك زەربىسىدىن ۋە زىيانكەشلىكىدىن ھازىرغىچە قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەنلىكىنى، بۇ ئاقىۋەتنىڭ تەسىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىپ، «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېگەن ئەھدىنىڭ قۇرۇق ۋەدىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان، يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىتى سامى ستېيگمەن( Sami Steigmann )زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ «غېمى» ھەققىدىكى غۇلغۇلا قوزغىغان ۋىدىيونى كۆرگەندىن كېيىن بۇنى ئەينى ۋاقىتتىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن بالىلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«بۇ بىر تراگېدىيە، بۇ بالىلار ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن ھۇزۇرلىنىپ خۇشال چوڭ بولىدىغاننىڭ ئورنىغا، بۇ بالىلار ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە نېمە بولغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا پاتقانلىقىدەك غەملىرىنى سۆزلەيدۇ. بۇ كۆپ تەرەپلەردىن ئىنتايىن ئېچىنىشلىق رېئاللىق. مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، تا-ئانام بىلەن ناتسىسلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرىغا قامالغىنىمدا، 3 ياش ۋاقلىرىم بولغاچقا، ئۇ جايدا نېمە بولغانلىقى ئانچە يادىمدا يوق بولغاچقا گەرچە بۇ پاجىئەدىن ھايات قالغان نۇرغۇن كىشىلەردەك، قورقۇنچلۇق خاتىرىلەرنىڭ قاراڭغۇ سايىسىدە قالمىغان بولساممۇ، پۈتۈن ئائىلە، بىۋاسىتە ئائىلە ئەزالىرىم يوق بىنورمال بىر ھاياتنى ياشاپ كەلدىم. چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ ئېغىر تەسىرىدىن ئۆزۈمنى قۇتقۇزۇشنىڭ يولى، بۇ تراگېدىيەلەرنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆگىنىش، بىلىش بولدى. بىز يەھۇدىيلارغا نېمە بولغانلىقىنى يادىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. مەن ئادەتتە باشقا جايلاردا يۈز بەرگەن تراگېدىيەلەرنى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىققا سېلىشتۇرمايمەن. ئەمما ئىنتايىن دەرگۇمانسىز ھالدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قورغانلىرى جازا لاگېرلىرى، بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ ئېيتالايمەن. دۇنيا پەقەت بۇ ھەقتە قۇرۇق سۆزلەپلا قالماي، چوقۇم بۇنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا جىددىي ۋە كونكرېت ھەرىكەت قىلىشى لازىم».
«ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ زىيانكەشلىك فاشىزم دەۋرىنى ئەسلىتىدۇ» دېگەن سامى ستېىيگمەن، بۇ خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا ئېلىپ كەلگەن يامان ئاقىۋەتلىرىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە ھەر تەرەپلىمىلىك بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزلۈكىدىن تېنىش، كىملىكىنى ئۇنتۇپ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە بېرىلىشقا ئوخشاش يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ھەتتا ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلارغا كەلتۈرىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئاتا-ئانىلارغا ئۆزىنىڭ تەۋسىيەسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«مېنى چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىدىن ساقلاپ قالغان نەرسە، بىرى دىنىي ئېتىقاد بولسا، يەنە بىرى ئۆزۈمنىڭ مىللىي ئۈرپ-ئادەت، مەدەنىيىتىم دەپ قارايمەن. قىرغىنچىلىقنىڭ مەقسىتى يوقىتىش، شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قارشى ئامالىنىڭ بارىچە ئەۋلادلىرىغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرماسلىق ئۈچۈن تىرىشىشى ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئەۋلادلىرىغا ياخشى ۋە توغرا تەربىيە بېرىشى تولىمۇ زۆرۈر».
ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارغا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنىڭ تېرىك شاھىتى سامى ستېيگمەن 80 ياشتىن ئاشقان نوپۇزلۇق يەھۇدىي پائالىيەتچى، ئۇ يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى خەلقئارالىق سەھنىلەردىكى نۇتۇقلىرىدا، مەتبۇئات باياناتلىرىدا دائىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان لاگېرلار ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى، ناتسىسلارغا سېلىشتۇرۇپ سۆزلەپ كەلمەكتە.
ئۇ يەنە يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغاندا دۇنيا ئەھلىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بىر قېتىم سەل قارالغانلىقىنى، ئەمما نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دۇنيا جامائەتچىلىكنىڭ ئوخشاش خاتالىقنى قايتا سادىر قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.