خېلېنا كېننىدى مەركىزى: «شىنجاڭ پاختىسى خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىدە قانداق يوشۇرۇندى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-11-19
Share
خېلېنا كېننىدى مەركىزى: «شىنجاڭ پاختىسى خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىدە قانداق يوشۇرۇندى» «پاختا ئەتكەسچىلىكى: شىنجاڭ پاختىسى خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىدە قانداق يوشۇرۇندى» ناملىق بۇ دوكلاتنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، شېفېلت خاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لاۋرا مۇرفېي خانىم.
Social Media

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى دەلىللەنگەندىن كېيىنكى خەلقئارالىق بېسىم ۋە ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى چەكلىشى ئارقىسىدا بەزى داڭلىق ماركىلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار «شىنجاڭ پاختىسى» نى بايقۇت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بىراق يېقىندا ئېلان قىلىنغان يېڭى بىر دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شىركەتلىرى ئاتالمىش «شىنجاڭ پاختىسى» ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە پىششىقلاپ ئىشلەپ، خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى داۋاملىق بۇ مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىمەكتىكەن.

دوكلاتتا، ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازارغا قانداق كىرىۋاتقانلىقى خەلقئارا سودا ۋە تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن تەپسىلىي يورۇتۇپ بېرىلگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار «خەلقئارا سودا ۋە تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن شىنجاڭ پاختىسى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە باغلىنىشلىق شۇنداقلا خەلقئارا داڭلىق ماركىلارغا نىسبەتەن قاتتىق خەۋپلىك، دەپ قارالغان بىر ۋاقىتتا، خىتاي پاختىچىلىق سانائىتى پاختىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۇيغۇر رايونىدا ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق نەپكە ئېرىشىۋاتقانلىق خۇلاسىسىنى چىقارغان».

«پاختا ئەتكەسچىلىكى: شىنجاڭ پاختىسى خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىدە قانداق يوشۇرۇندى» ناملىق بۇ دوكلاتنى ئەنگلىيەدىكى شېفېلت خاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خېلېنا كېننىدى خەلقئارا ئادالەت مەركىزى تەييارلىغان. بۇ دوكلاتنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، شېفېلت خاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لاۋرا مۇرفېي خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى 53 خەلقئارالىق پاختا كىيىم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان «شىنجاڭ پاختىسى» بىلەن تەمىنلەيدىغان بەش خىتاي شىركىتىنى بايقىغان.

ئۇ 19-نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ 53 پاختا كىيىم كارخانىسىنىڭ 103 خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلارنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاۋرا مۇرفېي مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭ رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا بىلەن تەمىنلىگۈچى بەش خىتاي شىركىتىنى بايقىدۇق. بىز ئۇلارنىڭ يوللىغان يوللانمىسىنى ئىز قوغلاش ئارقىلىق ئۇلار مال بىلەن تەمىنلەيدىغان بېنگال، كامبودژا ۋە ۋىيېتنامدىكى 53 خەلقئارالىق پاختا كىيىمى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىنى تاپتۇق».

لاۋرا مۇرفېينىڭ ئېيتىشىچە، ئاندىن ئۇلار ئىز قوغلاش ئارقىلىق بۇ كارخانىلارنىڭ 103 خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلارنى مال بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. پروفېسسور لاۋرا مۇرفېي: «ئاندىن بىز ئۇلارنىڭ 103 خەلقئارالىق داڭلىق ماركىنى مال بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق. بىز بۇ داڭلىق خەلقئارالىق ماركىلارنىڭ كۆپچىلىكىنى بىلىمىز، بىز ئۇلارنى ئاڭلىغان. شۇنداقلا ئۇلار بىزگە شىنجاڭ پاختىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بىز شىنجاڭ پاختىسى ئىشلەپچىقىرىشتا مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلگەنلىكىنى تەكشۈرۈشكە نۇرغۇن ئەمگەك سەرپ قىلدۇق» دېدى.

خېلېنا كېننىدى خەلقئارا ئادالەت مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان يىللىق پاختا مەھسۇلاتى خىتاي يىللىق پاختا مەھسۇلاتىنىڭ تەخمىنەن 85 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ خام پاختا، يىپ ۋە رەخت ئېكسپورتىنىڭ 52 پىرسەنتى بېنگال، ۋىيېتنام، فىلىپپىن، خوڭكوڭ، ھىندونېزىيە ۋە كامبودژاغا چىقىرىلىدىكەن. دوكلاتتا، بۇ دۆلەتلەردىكى كارخانىلارنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ كېلىش مەنبەسىنى يوشۇرۇپ، پاختا كىيىم-كېچەكلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە ۋاسىتىچىلىك رول ئويناۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا، بۇ دۆلەتلەرگە پاختا مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىۋاتقان 5 چوڭ خىتاي پاختا توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان.

بۇ 5 چوڭ شىركەت خۇئافۇ، ۋېيچياۋ، تېكسخوڭ، لۇتەي، لىيەنفا قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارانى پاختا مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ شىركەتلەر ئىكەنلىكى ۋە خەلقئارادىكى 100 دىن ئارتۇق شىركەتنى مال بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. پروفېسسور لاۋرا مۇرفېينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ دوكلاتنى تەييارلاشتا پۈتۈنلەي ئوچۇق مەنبەلەردىن پايدىلانغانىكەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تەتقىقات دوكلاتىمىزدىكى ھەممە نەرسە ئوچۇق ئاشكارا مەنبەلەردىن كەلگەن. بىز خەلقئارا تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىدۇق. بىز شىركەتلەرنىڭ يىللىق دوكلاتلىرى، خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوليورۇقلىرىدىن پايدىلاندۇق. بىز يەنە يەرلىك جامائەتلەر ۋە كىچىك بازارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى ۋە ئەمگەك ئىدارىلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا قارىدۇق. بىز پايدىلانغان ھەممە ماتېرىيال دۆلەت ھامىيلىقىدىكى بۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە بىۋاسىتە چېتىشلىق شىركەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەردىن كەلگەن».

شېفېلت خاللام ئۇنىۋېرسىتېتى خېلېنا كېننىدى خەلقئارا ئادالەت مەركىزىنىڭ بۇ دوكلاتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» بۇ يىل 7-ئايدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسادا ماقۇللانغان، بىراق بۇ قانۇن لايىھىسى ئاۋام پالاتاسىدا ھازىرغا قەدەر ئاۋازغا قويۇلمىغان. ئاۋام پالاتاسى قانۇن لايىھەسىنى تېزرەك ئاۋازغا قويۇش توغرىسىدا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ كېچىكىشى بەزى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى سۇنغۇچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو، 18-نويابىر ئامېرىكانىڭ 2022-يىللىق مۇداپىئە خام چوت قانۇن لايىھىسى كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلغاندا، ئۇنىڭغا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى شەرت قىلىپ قوشقان. ئۇ، ئەگەر مۇداپىئە خامچوت قانۇنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا، مۇداپىئە خام چوت قانۇنىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. رۇبىئو، قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا توختاپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى بەزى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، قانۇن لايىھەسىنى ئاۋام پالاتاسىدا توختىتىپ قويماقچى بولغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى تەنقىدلىگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەممىنىڭ خەۋىرى بولغاندەك بۇ يەردىكىلەرنىمۇ خەۋەردار، دەپ ئويلايمەن. خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا قامىلىپ، قۇلدەك ئىشلىتىلمەكتە. بۇ ھازىرقى ۋە بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ بېكىتىلگەن. ئۇلار قۇلدەك ئىشلەپ ياسىغان بۇ مەھسۇلاتلارغا ئېرىشىپ، بۇنى ئامېرىكادىكى دۇكانلارغا سېلىۋاتقان شىركەتلەر بار. شۇ نەرسە ئېنىقكى، بۇ پالاتادىكى بەز مەھسۇلاتلارنىڭمۇ خىتايدىكى قۇل ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى مۇئەييەنلەشمەكتە. بىز بۇ قانۇن لايىھەسىنى كېڭەش پالاتاسىدا ھېچقانداق قارشىلىقسىز تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان».

ماركو رۇبىئو، شۇڭا ئۆزىنىڭ مۇداپىئە خام چوت قانۇنىنى رەت قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ 4330-نومۇرلۇق قانۇن لايىھەسىنى يەنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى قاچان ئاۋازغا قويىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىراق، پروفېسسور لاۋرا مۇرفېينىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ قانۇننى تېزرەك ماقۇللىشى ۋەزىيەتنىڭ جىددىي تەقەززاسى ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسىنى تېزرەك ماقۇللىشى تەقەززاغا ئايلاندى. ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئورنىغا پايدىنى تاللىغان شىركەتلەردىن قوغداش يەنە بىر مەسىلە. بىز بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىغا ئېھتىياجلىق، چۈنكى، بىز ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز قاراپ تۇرۇپ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە يول قويغان دۆلەت بولۇشنى خالىمايمىز».

خېلېنا كېننىدى خەلقئارا ئادالەت مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا، خەلقئارا داڭلىق ماركىلارنىڭ مال تەمىنلىگۈچىلىرىنىڭ خىتاي تەمىنلىگەن مەھسۇلاتلارنىڭ قەيەردە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىدىن خەۋەرسىز بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن. بىراق دوكلاتتا، ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالنى بىلمەسلىكىگە تەۋەككۈل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، تەمىنات زەنجىرىدىكى خەۋپلەرنى بايقاشتا ئىلغار تەدبىرلەرنى قوللىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك يول ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت