نورۋېگىيەدە «شەرقىي تۈركىستان ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش» پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2022.07.01
نورۋېگىيەدە «شەرقىي تۈركىستان ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش» پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى «شەرقىي تۈركىستان ئەركىنلىك لوڭقىسى تالىشىش» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇسابىقىگە چۈشىدىغان كوماندىلار. 2022-يىلى 1-ئىيۇل، نورۋېگىيە.
Social Media

1-ئىيۇل كۈنى نورۋېگىيەدە «شەرقىي تۈركىستان ئەركىنلىك لوڭقىسى تالىشىش» پۇتبول مۇسابىقىسى رەسمى باشلانغان. مەزكۇر پۇتبول مۇسابىقىسى نورۋېگىيە ئۇيغۇر پۇتبول جەمئىيىتى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر ياشلار ئۇيۇشمىسى ۋە نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 3-ئىيول كۈنى ئاياغلىشىدىكەن. مەزكۇر مۇسابىقىنى يەنە نورۋېگىيە ئۇيغۇر جامائىتى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللىغان.

«شەرقى تۈركىستان ئەركىنلىك لوڭقىسىنى تالىشىش» پۇتبول مۇسابىقىگە نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە گېرمانىيەدىن كەلگەن 5 ئۇيغۇر كوماندىسدىن جەمئىي 90 ئەتراپىدا تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. يامغۇرغا قارىماي مۇسابىقە ئىنتايىن جانلىق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ياۋروپادىكى ئۇيغۇر مۇسابىقىنى قىزغىنلىق بىلەن كۆرگەن.

«شەرقىي تۈركىستان ئەركىنلىك لوڭقىسى تالىشىش» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇسابىقىگە چۈشىدىغان كوماندىلار. 2022-يىلى 1-ئىيۇل، نورۋېگىيە.

«شەرقىي تۈركىستان ئەركىنلىك لوڭقىسى تالىشىش» پۇتبول مۇسابىقىسى 2011-يىلى گوللاندىيەدە باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن يەنە تۈركىيە ۋە گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر ياشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى مەردان ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى ياشلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز ئارا تونۇشتۇرۇش ۋە ياشلاردا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يىتىلدۈرۈش مەقسىتىدە تەشكىللىگەنلىكىنى ئېيتتى.

مەردان ئۇيغۇر يەنە بۇ پائالىيەتنىڭ نىشانى ۋە بۇندىن كىيىنكى پىلانلىرى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرگەن تاماشىبىنالاردىن سىراجىدىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغداش، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسى كۈچەيمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر خىل پائالىيەتلەر تەشكىللەش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللىي روھىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.