ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى 6-مارت كۈنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئالدىنقى كۈنى تونۇشتۇرغان «ئامېرىكالىقلارنى تاشقى كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى تور مۇلازىمىتىدىن قوغداش» (Protecting Americans from Foreign Adversary Controlled Applications Act) قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. تىك توك (TikTok)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بايتدەنس (ByteDance) شىركىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى قوللىنىشچان پروگراممىلارنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇچۇر كونتروللۇقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسى تېما قىلىنغان بۇ يىغىنغا مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر (Mike Gallagher) ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى راجا كرىشنامورتى (Raja Krishnamoorthi) رىياسەتچىلىك قىلغان.
مايك گاللاگېر ئۆزىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا، بايتدەنس شىركىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى تىك توكنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن ئون ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن ئون پارلامېنت ئەزاسى بىرلىكتە، تىك توكنى كونترول قىلىۋاتقان بايتدەنس شىركىتى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزمىسە، ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى مەشغۇلاتلىرىنى چەكلەش توغرىسىدا بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇردۇق. بىزنىڭ ئەمدى ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان پەيتىمىز كەلدى، بايتدەنس شىركىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى تىك توك ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىتتۇر. ئەگەر سىز توردىكى شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز ۋە ئەركىنلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلسىڭىز، دۆلىتىڭىز ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلسىڭىز، ھەتتا ئامېرىكادا تىك توكنى نورمال ئىشلىتىشنى خالىسىڭىز، بۇ قانۇن لايىھەسى سىز ئۈچۈن مۇشۇ نىشانلىرىڭىزغا يېتىشتىكى ھەقىقىي توغرا يول بولۇپ ھېسابلىنىدۇ».
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تىك توكنىڭ باش شىركىتى خىتايدا. خىتايدا شەخسىي شىركەت دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ھاكىمىيەتتىكى خىتاي كومپارتىيەسى ۋە بۇ پارتىيەنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بارلىق شىركەتلەرنى كونترول قىلىدۇ. تىك توكنىڭ باش شىركىتى بايتدەنس خىتاينىڭ قانۇنىغا ئاساسەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى قوللايدۇ ۋە بارلىق تەلەپلىرىنى ئورۇندايدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ چەتئەللەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان تەسىر كۆرسىتىش سىياسىتى بويىچە، ئامېرىكالىقلارنىڭ تىك توكىدا كۆرۈنىدىغان ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىدۇ.»
راجا كرىشنامورتى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مەقسىتىنىڭ تىك توكنى چەكلەش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن لايىھەسى بىر چەكلىمە ئەمەس، ھەتتا تىك توك ئۈچۈنلا تونۇشتۇرۇلغان ئەمەس. بۇ قانۇن لايىھەسى بىر تاللاش، يەنى بايتدەنس شېركىتىگە ئوخشاش تاشقى رىقابەتچىلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان ئىجتىمائى تاراتقۇ شېركەتلىرى ئۈچۈن بىر تاللاشتۇر. بايتدەنس تىك توك سۇپىسىدىن ئىزچىل پايدىلىنىپ، ھەر خىل يوللار بىلەن ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگىلا ئەمەس، بارلىق ئابونتلارنىڭ پايدا-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى. بىز بايتدەنس شىركىتىگە تىك توكنى سېتىش تەكلىپىنى بېرىمىز. شۇنداق بولغاندىلا ئامېرىكالىق تىك توك ئىشلەتكۈچىلەر تىك توكنى خاتىرجەم ئىشلىتەلەيدۇ. شۇڭا بىز ئامېرىكادىكى تىك توك ئىشلەتكۈچىلەرنى بايتدەنسىنىڭ تىك توك سۇپىسىنى سېتىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىمىز. بۇ قانۇن لايىھەسى شۇ يۆنىلىشتە تەييارلاندى. كەلگۈسىدە قايسى پارتىيە رەھبەرلىك قىلىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ ھوقۇقنى دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدۇ.»
يىغىن جەريانىدا ئىككىلا پارتىيەنىڭ ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تىك توكنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتى، ئائىلىۋى مۇناسىۋىتى ۋە ئەڭ مۇھىمى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان ئەكس تەسىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پارلامېنت ئەزاسى مىكى شېررىل تىك توكنىڭ ئامېرىكادىكى بالىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ، دېموكراتىيەنى، ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ۋە بالىلارنى قوغداش ئۈچۈن بۇ قانۇن لايىھەسىنى دەرھال ماقۇللاشقا چاقىردى.
ئۇ يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بىز نېمىشقا خىتاي كومپارتىيەسىدەك رىقابەتچىنىڭ، ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىغا ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ھاكىمىيەتنىڭ بىزنىڭ دېموكراتىيەمىزنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ يېرىمىنىڭ دېگۈدەك ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىشىگە يول قويغۇدەكمىز. تىك توكنىڭ تىبەت، تىيەنئەنمىنگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. نىيۇ جېرسى(New Jersey)دىكى تىك توك ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قورقۇنچلۇق ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆزلىشى چەكلەنگەن. بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»
ئاخبارا ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا پارلامېنت ئەزالىرى نەق مەيداندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇلار مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلەتكۈچىلەرنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قانۇن لايىھىسى تىك توكقا ئوخشاش بارلىق تاشقى رىقابەتچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە قارىتىلغانىكەن.
