ئىلشات ھەسەن: خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر قانۇنىغا ئىنكاس قايتۇرمىسىمۇ، ئولتۇرالماي قالغىنى ئېنىق

0:00 / 0:00

«2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» 15-ماي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، 27-ماي ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ بىرگە قارشى 413 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى 27-ماي كۈنى بېلەت تاشلىنىشتىن ئىلگىرى مۇنداق دېدى: «بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى نىشان قىلغان ۋەھشىي ھەرىكەتلىرى دۇنيانىڭ ئومۇمىي قىممەت قارىشىغا قىلىنغان ھاقارەت».

CNN، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى قاتارلىق چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىدا ھەر ئىككى پارتىيەدىن كېلىپ چىققان ئەزالار تەرىپىدىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ماقۇللانغانلىقى ۋە پرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنۇلغانلىقى ھەققىدە باشبەتتە خەۋەر بەردى.

CNN نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «ئاۋام پالاتا ئەزالىرى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن شىنجاڭدا ئىككى مىليونغا يېقىن مۇسۇلمان خەلقنى يېغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا مەسئۇل بولۇۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى قارار قىلدى».

ئەمما، ھازىرغىچە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسىنى ئۆتكۈزگەنلىكىگە قارىتا خىتاينىڭ رەسمىي دۆلەت ئورگانلىرىدىن ھېچقانداق ئىنكاس چىقمىغان.

بىز خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا قارىتا ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن باش ئەلچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان خادىم بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىن ئىكەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ، «ماڭا بۇ قارارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بېرىلمىدى»، دەپ ئالدىراپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. بىز يەنە خىتاينىڭ نيۇ-يوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان مىن فامىلىلىك خادىمدىن، «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» 27-ماي ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «تېلېفوننى قويۇۋېتىشىم كېرەك» دەپ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقۇللىغان بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئىنكاسسىز تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھازىر نۇرغۇن كرىزىسنىڭ ئىچىدە قالدى. شۇڭا مۇھىمنىڭ مۇھىمىنى تاللاپ تۇرۇپ ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ھازىر خوڭكوڭ مەسىلىسى ئۇلار ئۈچۈن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقىسى خوڭكوڭنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىش مەسىلىسى. يەنە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىسىگە قارايدىغان بولساق كورونا ۋىرۇسىنى تېخى تولۇق كونترول قىلغىنى يوق. ئىقتىسادىي كرىزىسمۇ نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قۇرۇلتايدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مانا مۇشۇنداق نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىقلار بىلەن بولغان تاشقى ئىشلار مۇناسىۋىتىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ، لېكىن ئەڭ مۇھىمى خوڭكوڭ مەسىلىسى. خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئۇيغۇر مەسىلىسى خوڭكوڭ مەسىلىدەك مۇھىم ئەمەس، چۈنكى ئۇلار شىنجاڭنى تامامەن كونتروللۇقىغا ئېلىپ بولغىنىغا ئىشىنىدۇ».

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ماقۇللىنىشىدەك مۇشۇنداق مۇھىم بىر قارارغا ئىنكاس قايتۇرماسلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تەھلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «خىتاي خوڭكوڭ مەسىلىسى بىلەن مەشغۇل. يەنە بىر سەۋەب بولسا ئۆتكەن قېتىم ئاۋام پالاتاسىدىن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولغاچقا، ساۋاق ئالغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قارىغاندا خىتاينىڭ ئولتۇرالماي قالغىنى ئېنىق».

بىراق، 15-ماي «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن كۈنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتى- «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى لىيۇ شىن، شيې ۋېنلىڭ، فەن لىڭجى قاتارلىق ئۈچ مۇخبىرىنىڭ بىرلىشىپ يازغان چوڭ ھەجىملىك «ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسى يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان خىتاي-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتكە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، خىتايغا قارشى سىياسەتچىلەرنى قوزغىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە بىلەن ئىنكاس قايتۇرغانىدى. ئۇلار ماقالىدە خىتاينىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكا سىياسىيونلىرىغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانىدى. ئەمما بۇ قېتىم ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

لېكىن ئۆتكەن يىلى بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىن بىر قېتىم ئۆتكەندە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى تۇشمۇتۇشتىن بۇنى ۋە ئامېرىكانى ئەيىبلەپ، ماقالە-ئوچۇق خەتلەرنى ياغدۇرۇش دولقۇنى قوزغىغانىدى.

پروفېسسور شىياڭ مىڭ ئەپەندى ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلارنى بۇ قەدەر كۈچلۈك قوللىشى خىتاينىڭ ئىچىدىكى ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىۋاتقانلار ئۈچۈنمۇ بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى؛ «كورونا ۋىرۇسى مەزگىلىدە خىتاينىڭ ئىچىدىكى ۋە تېشىدىكى پۇقرالار ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلىشەلمەي ئاخباراتنىڭ ۋە سۆز قىلىش ئەركىنلىكنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە تىبەتلەر بۇ كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە. مېنىڭچە ياشلار ئېتنىك ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورتاق دۈشمىنىگە قارشى بىرلەشسە ياخشى، بۇ مەزگىلنى تەقدىرىمىزنى ۋە كەلگۈسىمىزنى ئۆزگەرتىشتىكى ھەل قىلغۇچ تارىخىي بىر پۇرسەت دەپ قارايمەن».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىن ئۆتۈپ، رەسمىي قانۇن بولۇش ئالدىدا تۇرۇشى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنى ھاياجانلاندۇردى ۋە شادلاندۇردى.