ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۇۋالىق يىغىنىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نىڭ تېزراق ماقۇللىنىشى تەلەپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.07.15
chris-smith-summit.jpg
Photo: RFA

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئ‍ۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارىتا جازالاشنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتتا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ گۇۋاھلىق يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، شاھىتلار، پائالىيەتچىلەر ۋە ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئاڭلىغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 13-ئىيۇل چاقىرغان گۇۋاھلىق يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ تېخىمۇ كونكىرېت تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى، ئالاقىدار قانۇن لايىھەلىرىنى تېزراق ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلغان.

«دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەۋالى» ناملىق مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنى، بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ ھەپتە ئىچىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دوكلاتى ئېلان قىلىش، خىتاي كارخانىلىرىغا ئ‍ىمبارگو يۈرگۈزۈش، «سودا كۆرسەتمىسى» ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق جازالاش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزگەن مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن.

توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىنىڭ بىرى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىسنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى بۇ يىغىندا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نەيدىن مېئانزا گۇۋاھلىق بېرىپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشنى تېزلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

نەيدىن مېئانزا پرېزىدېنت بايدېننىڭ بۇ يىل 4-ئ‍ايدا پرېزىدېنتلىق قارارىغا ئىمزا قويۇپ، مۇساپىر قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت ۋە رايونلارغا تۈزىتىش كىرگۈزگەنلىكى، ئۇنىڭ 5-ئايدا بۇ يىللىق مۇساپىر قوبۇل قىلىش سانىنى 15 مىڭدىن 62 مىڭ 500 گە چىقارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «بىز ھۆكۈمەتتىن ئەڭ قەبىھ ئۇسۇللاردىكى دىنىي زىيانكەشلىكلەردىن ھايات قالغۇچىلارنى ئ‍ۆز ئىگە ئالغان ئاسان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مۇساپىرلارنى ئالدىن ئويلىشىشنى تەلەپ قىلىمىز.»

پرېزىدېنت بايدېن بۇ يىل 2-ئايدا ئېلان قىلغان بۇ يىللىق مۇساپىر قوبۇل قىلىش پىلانىدا ئۇيغۇرلارنى ئالدىن ئويلىشىدىغان مۇساپىرلار قاتارىغا كىرگۈزگەن ئىدى.

نەيدىن مېئانزا گۇۋاھلىق يىغىنىدا يەنە دۆلەت مەجلىسىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نى تېزراق ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلغان. ئ‍ۇ «ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنىپ، دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىشىنى كۈتۈپ تۇرغان دىنىي ئەركىنلىككە ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا ئىنكاس قايتۇرۇش تەرىقىسسىدىكى بىر قانچە قانۇن لايىھەسى بار. بۇلار ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى، ئۇكرئىنىيە دىنىي ئەركىنلىكنى قوللاش قانۇنى ۋە ۋېيتنام كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئ‍الىدۇ. بىز ھەممىڭلارنى بۇ قانۇن لايىھەلىرىگە ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمىز،» دىگەن.

نەيدىن مېئانزا بۇ چاقىرىقنى قىلىپ بىر كۈندىن كېيىن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان. بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئۇيغۇر ئ‍ېلىدا ئىشلەپچىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشى چەكلەنگەن.

يىغىندا يەنە ئامېرىكادىكى «خىتاي ياردەم جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى فۇ شيۇچيۇ (باب فۇ) گۇۋاھلىق بېرىپ، ئامېرىكانىڭ تېخىمۇ كونكىرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىشى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى» نى ماقۇللاشنى تەلەپ قىلغان.

فۇ شيۇچيۇ مۇنداق دېگەن: «بىز كونكىرېت تەدبىر قوللىنىشىمىز كېرەك. مەن رەئىس، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستتوفېر سىمىسنىڭ قىشلىق ئولىمپىكنى ئومۇمىييۈزلىك بايقۇت قىلىش پىكىرىنى قوللايمەن. چۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئ‍ىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بىر دۆلەتنىڭ ئ‍ۆزلىكىدىن باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ساھىپىانلىق قىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ. مەن يەنە دۆلەت مەجلىسىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگېكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى تېز ماقۇللاپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىمەن.»

فۇ شيۇچيۇ يەنە خىتايدا سىستېمىلىق ئادەم ئىچكىي ئەزا ئەتكەسچىلىكىنىڭ كەڭ كۆلەملىك مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھۆججەتلەر بىلەن دەلىللەنگەنلىكى، ئامېرىكانىڭ «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» نى ئىشلىتىپ، بۇنىڭ مەسئۇللىرىنى جاۋاپكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان.

فۇ شيۇچيۇ مۇنداق دېگەن: «ھازىر ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئىككى خىل تىلدا ‹ئىچكىي ئەزا تېز يۆتكەش ئ‍ۆتكىلى› دەپ يېزىلغان بەلگە بار. بۇ بىزدە تېز يۆتكەش ئۆتكىلى تەسىس قىلغۇدەك ھەر كۈنى قانچىلىك ئىچكى ئەزا يۆتكىلىدۇ، بۇ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن مىڭلىغان ياكى يۈزمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ، دېگەن سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ،» دېگەن.

گۈلزىرە ئاۋۇلقان بۇ قېتىمقى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە لاگېردىكى ئاياللارنىڭ سىستېمىلىق ۋە تەشكىللىك باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئ‍ېيتقان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈم كۆرگەن ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىشلارنىڭ بىرى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جازا لاگېرىنىڭ ئىچىدە سىستېمىلىق، تەشكىللىك باسقۇنچىلىق سىستېمىسى يۈرگۈزىدىغانلىقىدۇر. مەن قاراۋۇللارنىڭ ئۇلارنى كىچىك ئۆيگە ئەۋەتكەندىن كېيىنكى يىغا-زارىلىرىنى ئاڭلىدىم، خەنزۇچە سۆزلەيدىغان ئەرلەر ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلدى. قاراۋۇللار بۇ ئىپلاس ئەرلەر كەتكەندىن كېيىن دائىم ماڭا بۇ ئاياللارنى مەجبۇرى يۇغۇزاتتى.»

ئۇنىڭ ئ‍ېيتىشىچە، ئۇ قامالغان لاگېر 4 دەرىجىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، قاراۋۇللار لاگېردىكىلەرنىڭ يىغلىشىغا رۇخسەت قىلمايدىكەن. ئۇ يىغلىغانلارنىڭ «خاتا ۋە نامۇۋاپىق ئ‍ىدىيەلەرنى يۇقتۇرىۋالغان» دەپ قارىلىپ، «يولۋاس ئورۇندۇق» قا 14 سائەت ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلىدىغانلىقى ياكى تۈزۈمى تېخىمۇ قاتتاق باشقا لاگېرغا يۆتكىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇنىڭ «ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر قائىدە-تۈزۈم» ئ‍ىكەن.

يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سىمىس، دۇنيا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىدا مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغدۇرماسلىق، بالىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىش، ئۇيغۇر بالىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئائىلىسىدىن يىراق يېتىمخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قىيىن-قىستاقتا قالغان ئەھۋالدا بالىلىرىنى ئۇيغۇر بولمىغان مۇھىتتا تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

كرىستوفېر سىمىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنى، بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىكنى ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىلەن باغلاپ مۇئامىلە قىلىشى، شۇنداقلا «نېگىزلىك ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتنى قوغداش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى چوقۇم يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك» ئىكەن.

توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئېكراندا ئ‍ۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىنىغا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مىكگوۋېرن، شەلېي جەكسون قاتارلىقلار قاتنىشىپ، ئ‍ۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى، شۇنداقلا ئىران، نېگىرىيە، تۈركىيە، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى توغرىسىكى پىكىر ۋە پوزىتسىيەلىرىنى ئىپادىلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.