ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 1-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇنازىرە ۋە ئاۋاز بېرىشتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ياڭ كىم (Young Kim) خانىم 2021-يىلى باش بولۇپ تۈزۈپ چىققان، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبىيو شۇنىڭدىن بۇيان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان H.R.4785 نومۇرلۇق «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھىسى» 407 ئاۋازنىڭ ماقۇللۇق بىلدۈرىشى، 17 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ئىچىدە ماقۇللاندى.
بۇ قېتىمقى ئاۋاز بېرىشتە ئامېرىكا سىياسى ساھەسىدىكى جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان بۇنچە كۆپ دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئاۋاز بېرىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ ئامېرىكا سىياسى ساھەسىدىكى زاتلار ئۈچۈن ياخشى بىلىنگەن تېمىلاردىن بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. بولۇپمۇ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەڭ يەر ئېلىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كېلىشى يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قانداق زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ كۆپ ساھەگە بىۋاستە ھېس قىلدۇردى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش ھەققىدىكى مۇنازىرە يىغىنىدىمۇ بۇ ھال ئالاھىدە تەكىتلەندى.

«ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» نىڭ ئاۋام پالاتا نۇسخىسى «لايىھە» شەكلىدىن دەسلەپكى قەدەمدە «قانۇن» باسقۇچىغا ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ قانۇننىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە يېقىندىن كۈچ چىقارغان ياڭ كىم خانىم ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ، بۇ يېڭى قانۇننىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكنى دۇنياۋى سەۋىيىدە تونۇتۇش، شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا نىسبەتەن تېخىمۇ ئەمەلىي ۋە كونكىرت قەدەم ئېلىشقا مەجبۇرلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى تەييارلاشقا باشتىن-ئاياق ئىشتىراك قىلغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن ئامى بېرا (Ami Bera) ئەپەندى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە بايراقدارلىق رول ئويناش مەجبۇرىيىتى بار. شۇنداق بولغان ئىكەن نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆزلىرىگە خاس مەدەنىيەت مىراسلىرىنى داۋام قىلدۇرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقاندا بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى بىزنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە بولغان ئىنكاسىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ» دېدى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى مەزكۇر قانۇن لايىھەسى تۈزۈلۈشكە باشلىغان ۋاقىتتىن تارتىپ بۇنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» رەسمىي ھالدا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن ئۇ راديومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قانۇننىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇنلاردىن قانداق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر تۈرلۈك ئۈمىد ھېساپلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» رەسمىي ھالدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ ھال بىر زور خوشخەۋەر بولدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) يازما بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ يېڭى ئىلگىرىلەشنى قىزغىن ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن بىر تۈرلۈك روھىي مەلھەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، غەرپ دۇنياسىنىڭ ئۆزگىچە قانۇن-تۈزۈم سىستېمىسى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنىڭ تارىختا كۆرۈلمىگەن بىر ھادىسە بولۇشى تۈپەيلىدىن بۇ ساھەدىكى خىزمەتلەرنىڭ «بىر كېچىدىلا ھەممىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى» نى ئۈمىد قىلىش ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىنى رادىيومىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ جەھەتتە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەمدە ئۇلارغا ياردەم بېرىش يولىدىكى خىزمەتلىرى ھېچقاچان ئۇيغۇرلار ئارزۇ قىلغان ئەركىنلىك ۋە ئازاتلىقنى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قولغا كەلتۈرۈش بىلەن باراۋەر ئەمەس ئىكەن.
«ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» نىڭ ئاۋام پالاتاسى نۇسخسى دۇنيا كەلگەنلىكىدىن چوڭقۇر مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ خىل پايدىلىق شارائىتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بارلىق چارىلارنى ئىشقا سېلىپ، خەلقئارانىڭ ياردىمىنى، قوللىشىنى ۋە ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى» كېيىنكى قەدەمدە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا يوللىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى باشقا قانۇنلارغا ئوخشاش مۇتلەق يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشى ئۈمىد قىلىنماقتا.